logo

trugen jacn

ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىدىن يەتتە تۈرلۈك ئۈمىدى

 

 

 

ئافراسياپ

 

ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىدىن يەتتە تۈرلۈك ئۈمىدى

 

1-ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەن سرتىدىكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر ئەركىن ،خۇشال ۋە بەختىيار ياششنى ئۇمىد قىلىدۇ .

2-ۋەتەندىكى خەلقىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ  ئىلغار ۋە باراۋەر مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇپ ،كەسپلەردە ئالى مەلۇماتلىق بولۇشىنى ،پەن -تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان ،ئىلمى نەتىجىسى بىلەن تونۇلۇپ ۋەتەنداشلىرىغا ئشەنچ بېغىشلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

3-ئېقتسادى -سودا جەھەتتە تەرەققى قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ ياخشى ،پاراۋان ۋە بەختىيار ياششنى شۇنداقلا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كارخانا قوشۇنى ۋە مىللى كاپىتالىنى بەرپا قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

4-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز -ئارا ئشەنچ ،مېھرى -مۇھەببەتلىك ، ئتتپاق بولۇشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

نورمال شەخسى ھاياتتا بىر -بىرىگە كۆيۇنىدىغان ۋە ياردەم بىرىدىغان بولۇشىنى  ،ھەمكارلىششنى ئۇمىد قىلىدۇ .

مىللى داۋا <غايە >يولىدا بىر -بىرىنى قوللايدىغان بولۇشنى ،ئىچكى جەھەتتە بۆلۇنمەسلىكىنى ، دۇشمەننىڭ سۇيقەستى بىلەن بىر -بىرىنى قالايمىقان كاپىر ياكى مۇناپىق، باي ياكى نامرات ،تۇركىيەلىك ياكى ياۋروپالىق ،خائىن ياكى جاسۇس دەپ پىتنە تارقاتماسلىقنى ،كۇچنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ .

5-دىنى ئېتقاد ۋە مىللى كىملىكنى ساقلاپ قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

ئسلام ئېتىقادى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۆپ سانلىق نوپۇسى سەمىمى ۋە ئوتتۇرا يولدا ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى ئىتقادى بولۇپ ،خەلقىمىز ئىتىقادسزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ .بىزگە مۇسۇلمانلىق تامغىسى ئۇرۇلغان ، بىزبىز نەردىلا بولايلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز ،بۇ بىزنىڭ كىملىكىمىز .ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيمىز .

ئۇيغۇر تىلى ،ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتى ،ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يادرولۇق تەركىۋى قسمى .ئاتا -بوۋىلىرىمىز ،ئانىمىزنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيتى .ئۇنىڭدىن قەتئى ۋاز كىچەلمەيمىز .

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ باشقا بىر خەلق باشقا بىر قەۋمگە ئۆزگەرگەن ھالىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدۇ .شۇڭا ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تىل ،ئىتىقات ،تۇرمۇش مەدەنىيتىنى ساقلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

6-ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ئوبراز ئەلچىسى بولۇشنى

ئۇمىد قىلىدۇ .

ياشاۋاتقان ھەر بىر دۆلەتتە چەتئەللىكلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىزنى ،ياخشى تەسر قالدۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ .

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرشچان ،ئەقىللىق ،ئنسانپەرۋەر ۋە دوستانە خاراكتىرىنى نامايەن قىلىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئوبراز

7-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى غايىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

ۋەتەندە كۆپ ئشلار ئىمكانسز ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىكى تەقدىرى ئشەنگۇسز دەرىجىدە مۇشكۇل .

ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرىنداشلىرى ،تۇرلۇك ئىمكان ۋە سەۋەبلەر بىلەن خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان قېينچىلىقلاردىن ئامان قالغان بولساقمۇ ،ئەمما يەنىلا شۇلارنىڭ ئازابىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئەركىنلىك ۋە مۇئامىلىدىن  بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز .خەلقىمىزنىڭ كۆرۇۋاتقان كۇنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ئەڭ زور ئۇمىدى ئاۋال ئاللا ئاندىن قالسا ۋەتەندە ياشاپ باققان ،ئۇيغۇر خەلقى كۆرۇۋاتقان ئىغىر كۇنلەرنى چۇشىنىدىغان مۇشۇ ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرىنى ئازايتىش ۋە يوقتىش ئۇچۇن ئەمەلى نەتىجىلىك ئش قىلىشدۇر .بۇ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇمىدىدۇر !

 

ۋاشىنگتون .2017. يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى

 

Share
1409 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.