logo

trugen jacn

ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاينىڭ ئۆلۈم چەمبىرى ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلار

ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاينىڭ ئۆلۈم چەمبىرى ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلار

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ ئۆلۈم چەمبىرى ئىچىدە، ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ ۋىرۇس چەمبىرى ئىچىدە. بۇ كۈنلەردە دۇنيادىكى ھېچبىر ئۇيغۇر خاتىرجەم ئەمەس. خاتىرجەمسىزلىكنىڭ، ئۆلۈم ۋەھىمىسىنىڭ مەنبەسى خىتاي. چەتئەلدە ھازىرغا قەدەر خىتايغا سۆيگۈ- مۇھەببەت باغلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي قۇسقان ۋىرۇس تەھدىتى ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۆي قاماقخانىسىغا ئېلىشقا مەجبۇر قالماقتا.
دۇنيا دۆلەتلىرى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت، خىتاي ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن تەشكىلى، ئىختىسادى، ئىجتىمائى سەپەرۋەرلىك ئىچىدە. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىگى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت ۋە زىيانغا ئۇچۇرىماقتا. خىتايغا ئاشىق دۇنيا، ئاخىرى خىتاينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تۈنىدى. ئاللاغا ئەگەشتۇق دەپ قويۇپ، خىتايغا ئەگىشىپ ماڭغان ( ئون مىڭلارچە خىتاينى تۆمۈر يول، نېفىت ئىشچىلرى سۇپىتىدە ئەكىلىپ قوينىغا ئالغان) ئىران، پۇلنى دەپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پرىنسىپلىرىدىن چەتنەپ، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئارقا باغچىسىغا ئايلانغان ئىتالىيە ( توسكانا ۋادىسىغا 30يىلدا 50 مىڭ خىتاي كۆچمەننىڭ يەرلىشىشىگە ئىمكان ياراتقان. بۇ يىل چاغاندىن كېيىن خىتايدىن قايتىپ كەلگەن ئىتالىيە پاسپورتلۇق خىتاي پاھىشىلەرنىڭ “ بىز جۇڭگولۇق. بىزدە ۋىرۇس يوق” دەپ روما،مىلان، ۋىنتىسيە كوچىلىرىدا ئەرلەرنى قوچاقلاپ، سۆيۈپ ۋىرۇىس تارقىتىپ بولۇپ بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىشتى). مانا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۈگۈن تارتىۋاتقان پاجىيەلىرىدىن كىم خىتايغا ئەگەشسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى دۇنيا كۆردى. ئاللاھ ئورنىغا خىتايغا ئەگەشكەن پاكىستاندا تەكشۇرۇش ئەسۋاپلىرىنىڭ يىتەرسىزلىگىدىن ۋىرۇس ئالامەتلىرى بەك ئوتتۇرىغا چىقمىغاندەك كورۇنسىمۇ، يېقىندا پاكىستاننىڭ قانداق جەسەتلەر دۇۋىسىگە ئايلانغانلىقىغا دۇنيا شاھىت بولىدۇ. تارىختا خىتايغا ئىشەنگەن، خىتايغا يېقىن تۇرغان مىللەتلەر يا خىتاي تەرىپىدىن يوق قىلىندى. ياكى ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىدى.

خىتاي بۇ ۋىرۇسنى ھىچ تىنجىمىغان شاڭگاڭدا ياكى يوقۇتىشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن…لەردە سىناق قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا ۋۇخەندىكى تەجىربەخانىسىدىن ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇ ئادەم دېڭىزى بولغان شەھەرگە تاراپ كەتتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ زور تارىخى بالايۇ-ئاپەت بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدىكى دات-پەريادىغا بەك قۇلاق سالمىغان دۇنيا،مانا ئەمدى خىتاي ۋىرۇس ۋاباسى بېشىغا كەلگەندە ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا باشلىدى.

دۇنيا ئەمدى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلارمۇ؟ ياق. ھەممە دۆلەت ئۆز دەردى بىلەن ئاۋارە. ۋىرۇس ۋاباسى تۈگەپ، ئۆلۈم -يېتىملەر توختىغان ۋاقىتتا، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئېغىر زىيان تارتقان دۆلەتلەر، خەلقارارلىق بۈيۈك شىركەتلەر، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىشقا، تۆلەم تۆلەشكە قىستاشقا باشلايدۇ ھەم شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا سەپلەر ئېنىق ئايرىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ مۇتتەھەم، مافىيالاشقان خىتاي ھاكىمىيىتى، دۇنيا جامائىتىدىن كەچۈرۈم سوراش، دۆلەتلەرگە تۆلەم تۆلەش ئورنىغا، ئىچكى، تاشقى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەيۋەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى دېمەكتۇر. ئەنە شۇ چاغدا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجى قۇدرەتلىك كۈچلەرگە ئەمەس، قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ ئېھتىياجى بىز ئۇيغۇرلارغا چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان ھەقىقى ياردەم ئەنە شۇ چاغدا يېغىشقا باشلايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى خىتاي جەنۇبى دېڭىزىغا توپلۇنىۋاتقان بولسا، رۇس ئارمىيىسىنىڭ 65% پىرسەنتى ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى ئورتا ۋە شەرقى سىبىرىيىدە. يەنى خىتاي چېگرىسى بويلىرىدا سەپ تارتىپ تۇرماقتا.
بارلىق دولەتلەر خىتاي ۋىرۇسى تۇپەيلى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادى كىرزىس پاتقىقىغا پاتماقتا. ماددى بەدەلنىڭ ھەجىمى مىسلىسىز زور بولىدۇ. دۇنيا بۇ بەدەلنى خىتايغا مۇتلەق تۇلەتكۇزىدو.

بۈگۈن، خىتايدىن 5- 10 مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ۋىرۇس ئاتلىق زەھەرلىك ئوقىدا ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ ئۆيلىرىدىن تاشقىرىغا چىقالماي ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇيغۇرلار ۋەتەنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاينىڭ ئۆلۈم چەمبىرى ئىچىدە قالماقتا. ئولۇم تەھدىتى ئاستىدا قالغانلار يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى پۇتۇن دۇنيا مىللەتلىرى بولغاچقا بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقا ندا ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس. تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش مۇتلەق ئاللانىڭ ئىلكىدە. بىراق، خىتايدىن قېچىپ شۇنچە ئۇزاق يۇرتلاردا ياشاشقا مەجبۇر بولىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ۋىرۇس ئوقىدا ئۆلۈپ كېتىپ، جىنازا نامىزى قىلىنماي، جەسەت توربىلىرىغا قاچىلىنىپ كۆمۈۋېتىلىشىنى ھەزىم قىلش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ نەدە، نېمە ئۈچۈن، قانداق ئۆلۈشنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزۈڭلارنى ياخشى قوغداڭلار! بىزگە كېلىدىغان پۇرسەت ئۇزاقتا ئەمەس.

Share
5147 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.