logo

trugen jacn

ۋەتەندە ۋەزىيەت پەۋقۇلاددە جىددى

201405250953china1

ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي كومىنىست پارتىسى خۇددى قوقاس دەسسىۋالغان ئادەمدەك  چىچچاڭشىپ ۋاقىراپ توختىمىدى.ۋەھىمە ئىچىدە ئارقا ئارقىدىن ئۇختۇرۇش،بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يىرىدە ھەربى ھالەت ئىلان قىلدى.5.ئاينىڭ 25.كۈنى 200 دىن ئارتۇق “تەرور گۇماندارى”نى تۇتۇپ تۇرمىغا سۇلاپ بولغانلىغىنى ئىلان قىلدى. رويتەس خەۋەر ئاگىنىتلىغىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى 1980.يىلىنىڭ كەيىنكى يەرىمى ۋە 1990.يىللىرى تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى

تەڭرىتاغ خەنزۇ تىلى تورى،25.چىسلا؛ قەشقەردە بالىلار يەسلىسىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بىر گۇرۇھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىغىنى،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە تەپىلغان پىچاقلارنىڭ بۇلارنىڭ دەلىلى ئىكەنلىگى يازدى.بۇ تور يەنە،سىچىۋەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھرىدە 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ “تەرور گۇماندارى” سۈپىتىدە تۇتۇلغانلىغىنى،ھازىر ئۈرۈمچى ئايرىپورت،پويىز ئىستانسىلىرىنىڭ تەكشۇرۇش ئىشىگىدە ياشىنىپ قالغان ياكئ كىسەل ئۇيغۇرلارنىڭ  قولتۇق تايىقى ۋە ھاسىلىرىنىڭمۇ تارتىۋەلىنغانلىقىنى ھۈكۈمەت گىزىت-جورناللىرى يۇشۇرماي يەزىۋاتىدۇ

شۇ ھادىسە كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا؛ 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 5.كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مىللىي قىرغىنچىلىق يۈزبەرگەندە ئاخشام سائەتلىرىدە نۇر بەكرى تىلىۋىزورغا چىقىرىلىپ 2 سائەت ئۇيغۇرلارغا قارشى تەھدىت،پوپۇزا  قىلغۇزۇلغان ئىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن نۇر بەكرىنى ئۇنۇتۇپ قالغان ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇم 2014.يىلى 5.ئاينىڭ 22. كۈنى ئەتتىگەن ئۈرۈمچى پارتلاش ۋەقەسىدىن كىيىنلا نۇر بەكرىنى يەنە تەپىپ كىلىپ بىر سائەت تىلىۋىزوردا ئۇيغۇرلارغا قارشى قاۋاتتى. ئىتنىڭ  قىممىتى پەقەت ئۆيگە ئوغرى كىرگەندىلا ئاشىدۇ.خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ جەنىغا خەۋىپ يەتكەندىلا غالچىلارنىڭمۇ قىممىتى ئەشىپ قالىدۇ

ۋەتەننىڭ ھەممىلا يەرىدە ،ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە  ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇش،سۇلاش ئۇمۇمى دولقۇنغا ئايلانماقتا.3 كۈن ئىچىدە ئۆيىدىن تۇتۇلۇپ ئەلىپ كىتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى 200 ئەمەس،2 مىڭمۇ ئەمەس،20 مىڭدىن ئارتۇق.ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەت “بالىلار يەلسىسىنى پارتلاتماقچى بولغان،مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ بالىلارنى بۇغۇزلىماقچى بولغان…” دىگەنگە ئوخشاش خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى قوزغۇلۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان قەبىھ نىيەت يۇشۇرۇنغان تەشۋىقاتلاردۇر

شەرقى تۈركىستاندا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پۈرسەت بىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بىر قەتىملىق كەڭ كۈلەملىك قىرغىنچىلىق ئەلىپ بەرىلىش پىلانى باشلانماقتا.ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنى قوغداش يولىدا قولىدىن كەلگەن پىداكارلىق ۋە قەھرىمانلىقنى كۆرسىتىشى،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستانغا جەلىپ قىلىپ خەلقىمىزنىڭ قىرىلىپ كىتىش ئىھتىمالىنىڭ  ئالدىنى  ئەلىش ئۈچۈن ئاۋازىنىڭ يىتىشىچە ۋاقىرىشى، بارلىق تەشۋىقات قۇراللىرىنى سەپەرۋەر قىلىشى لازىم

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەشىغا تارىختىكى ئەڭ دەھشەتلىك بىر پاجىيە خۇددى قارا تۇماندەك يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتىدۇ.قۇلىدا ئاتوم بومبىسى بولغان قاتىل ھاكىمىيەت،ئۇيغۇر خۇتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ياغلىقىنى “بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىسپاتى” دەپ كوچىلاردا سۈر-توقاي قىلىش بىلەنلا قالماي،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىتىدىغان پىچاقنى “قاتللىق قىلىشنىڭ دەلىلى” قىلىپ تۇرۇپ ياش ئەۋلاتلىرىمىزنى تۇرمىلارغا تولدۇرىۋاتىدۇ.پۈتۈن مىللەت ئۆزىنى قوغداشتىن باشقا چارە يوقلىغىنى چۈشەنگەن ۋەزىيەتتە

تاڭ ئاتمايدىغان كىچە،ئويغانمايدىغان روھ يوقتۇر.روھى ئويغانغان قەدىردان خەلقىمىزگە سالام

مەنبە

http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140525_xinjiang_arrest.shtml

 

  来源:天山网 

http://boxun.com/news/gb/china/2014/05/201405250953.shtml#.U4LLBnJ_v2Y

Share
1824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.