logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئۇيغۇرسىز كۆرۈنۈشلەر

 

 

6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر قورغاس ناھىيەسى 60 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق  ئىكىنزارلىغى. بۇ مۇنبەت زىمىنلار خىتايلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. بۇ پايانسىز گۈلزارلىقتا ياللانما ئىشىلىق ئۈچۈن بولسىمۇ بىر ئۇيغۇر ياكى قازاقنى ئىشقا ئالمايدۇ.

6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى چىجياخۇ كەنتىدىكى سۇ ئامبىرى. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيىنى بىڭتىۋەن ئىشلەتمەكتە.

 

6-ئاينىڭ 14-كۈنى،شايار ناھىيەسىدىن بىر كۆرۈنۈش.ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ قىرىلىپ كەتكەنلەر قەھرىمان شايار خەلقىدۇر. ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ قان -تەرى بىلەن بەرپا قىلىنغان شايارنىڭ بۇ گۈزەل ئورمانلىقى ، خىتايلار تەرىپىدىن ساياھەت رايونى قىلىنىغان. ئۇيغۇرسىز قالغان ئۇيغۇر باغلىرىدا خىتايلار پۇل تاپماقتا، ھۇزۇرلانماقتا.

 

6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى, قاناس ناھىيەسىدىن بىر كۆرۈنۈش. قاناستا قازاقلار يوقىتىلدى. قازاقچە كىيىنىپ، قازاق چېدىرى تىكىپ، خىتاي تۇرىستلارغا قىمىز سېتىپ باي بولغان خىتايلار، بۇ گۈزەل زىمىنلارنى قان تۆكۈپ ئالدۇق، قان تۆكۈپ قوغداۋاتىمىز… دەپ پەخىرلىنىپ يېڭى ھىكايىلەرنى توقۇماقتا.

 

6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى چاچقۇم كەنتى. ئۇيغۇرلار تۈرمە، جازالاگىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەزەربەنت ئاستىدا بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆز قولىغا ئۆتكۈزىۋالغان خىتاي دىخانلار زامانىۋىي ئۇسۇل بىلەن بوغداي ئورماقتا.

6-ماي سۈرەتكە تارتىلغان كۈنەس ناھىيەسىدىكى جەنۇبىي تاغنىڭ مەنزىرىسى.گۈزەل كۈنەس يايلاقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، تېرىلغۇ ئېتىزلىرىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

 

6-ئاينىڭ 14-كۈنى , دەۋرىمىزنىڭ مىللىي قەرىمانى، مۇبارەك شېھىتىمىز مۇھەممەت تۈرسۇننىڭ ئېزىز يۇرتى بولغان بۈگۈر ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئاقساراي كەنتى.  بۇ يېزىدا ئۇيغۇرلار قىرىپ تاشلاندى. قالغانلىرى كۆچۈرۈۋەتىلدى. بۇ يەردە كۆچمەن خىتايلار زامانىۋىي ئۇسۇل بىلەن بوغداي يېغماقتا.

新疆塔里木油田發現千億方級大氣田預計最快11月建產|香港01|即時中國

خىتايلار, بۈگۈردىكى بىر گاز قۇدۇقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قىلماقتا.

Share
7099 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.