logo

trugen jacn

ۋىجدان كورلىغى ۋە ئەقىل كورلىغى

seni_düsünmek_nazım_hikmet

م.ئازات

ئۇيغۇر دىيارىدا 60 يىلدىن بەرى مودىدىن قالماي ئىشلىتىلىپ كەلىۋاتقان،ھازىرمۇ ئەڭ مودا بىر شۇئار بار ؛ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر.60 يىل ئالدىدا يۇرتىمىزدا توغۇلغان بىر بوۋاق بۇ شۇارنى ئاڭلاپ توغۇلدى.چوڭ بولدى،قەرىدى.بۇ شۇئار تەرىپىدىن يۇتۇۋىتىلدى.ئامما بۇ شۇار قەرىمىدى،يۇقالمىدى

بۇ ”ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر“مودىسى ئۆتۈپ كەتمەيدىغان،ھەر قانداق بىر قورالغا سەلىپ ئاتقىلى بولىدىغان،زەربە بەرىش،يوقۇتۇش كۈچى كۈچلۈك ئوقتۇر.بۇ ئوقنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلاردۇر

تاشقى دۈشمەن كۈچلەر، شۇئارى جىنايەتنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسىدۇر.ئۇيغۇرلار ئىچىدە تاشقى دۈشمەننىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن قەدىردان كىشىلىرىمىز،“تاشقى دۈشمەننىڭ ئىچىمىزدىكى گۇماشتىسى“ سۈپىتىدە يوقۇتۇلدى.مەن بۇ ماقلەمنى يەزىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتتىمۇ يوقۇتىلىۋاتىدۇ

كىملەر تەرىپىدىن؟ يۇرتىمىزدا بىزنى “گۈزەل كىلىچەككە” يىتەكلەپ ماڭغۇچى شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىن ئىبارەت زەھەر بىلەن زەھەرلەنگەن ۋىجدانى كور بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن

ۋىجدان كورلىغى بارلىق شوۋىنىست مىللەتچىلەردە،ئىرىقچىلاردا بار بولغان ساقايماس بىر روھى كەسەللىكتۇر.ئۇلار، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆز يەشى،ئاھۇ-زارلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.ئۇلار،قەقىقەتنى ئاڭلاشقا قولىغى  گاس،ھەقىقەتنى كۆرۈشكە كۆزى كور ئىنسانلاردۇر
ئالدىنىش ئارقىلىق “ھۇزۇر ئىچىدە” ھالاك بولۇپ كىتىش،پەقەتلا پادىلارغا خاس پىسخولوگىيەدۇر.بىز ئىنسانمىز.كۆزۈمىزنى ئىچىشىمىز،يايلاققىمۇ ياكى قۇشخانىغىمۇ ھەيدەپ كىتىلىۋاتقانلىغىمىزنى ئۈگۈنىشكە تىرىشىشىمىز كىرەك

قولىدا قورال ۋە ھوقۇق بولغان ۋىجدانى كورلارنى ياخشى گەپلەر بىلەن،يالۋۇرۇپ يىغلاش بىلەن،ئادالەتكە دەۋەت قىلىش بىلەن تۈزۈتىش مۇمكىن ئەمەس

تارىختىن بىر-ئىككى  مىسال  كۆرسىتەي

X                                     X                                   X                                             X
ئامەرىكىنىڭ 16.پرىزدەنتى ئابراھام لىنكولىن 1861.يىلى پرىزدەنلىككە سايلانغاندا،قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتىغا قويغان ئىدى.ئامەرىكىدىكى ۋىجدانى كور سىياسەتچىلەر،جەنۇپتىكى تەكساسنى مەركەز قىلغان بىر قانچە شىتاتنى ئامەرىكىدىن بۆلۈپ چىقىرىپ،“ئاقلارنىڭ خوجايىن،قارىلارنىڭ قول ”بولۇشى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىلمەيدىغان تۈزۈم قىلىپ ئاساسى قانۇنلىرىغا كىرگۈزگەن ئىدى.قارىلارنىڭ ھوقۇقىنى بەرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاقلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۇرۇشقان ئىدى

lincolnSUM_1811021c

ئابراھام لىنكولىن

ئابراھام لىنكولىن،ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان،ھۆكۈمەت ئىچىدە مۇخالىپ كۈچلەر شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىۋاتقان،ئايالى ھەققىدە ئەغىزغا ئالغۇسىز پەس ئىغۋالار توقۇلىۋاتقان،12 ياشلىق ئوغلى ۋىللىە ۋاپات بولغان ئەڭ ئەغىر شارايىت ئىچىدىمۇ،مللىەتلەرنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەشتىن ۋازكەچمەستىن،1863.يىلى،1.ئاينىڭ 1.كۈنى   دۇنياغا مەشھۇر بولغان تارىخى نۇتقى “ئەركىنلىك خىتاپنامىسى”نى دۇنياغا ئەلان قىلغان ئىدى

جەنۇپتىكى ئەرىقچى،رادىكال مىللەتچىلەرنىڭ كونتىرولى ئاستىدىكى  رايونلارنى 1865.يىلى ھەربى ھەركەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئالدى.بىراق،ئابراھام لىنكولىن،1865.يىلى،3ئاينىڭ 14.كۈنى ئاق تەنلىك شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى جوھن ۋىلكەس بووھ تەرىپىدىن تىياتىر كۆرۈۋاتقان تىياتىرخانىدا ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى

ئابراھام لىنكولن،نىڭ ئۆلۈمىدىن 100 يىل كەيىن ئامەرىكىدىكى ئەرىقچىلىق تۈزىمى،دۆۋلەت قانۇنلىرىدىن تامامەن تازىلىنىپ تۈگىتىلدى

X                                          X                                 X                                X

ماھاتما گەندى پۈتۈن ئۆمۈر بۇيى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى،مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىستاندىن ئايرىلىپ ئايرىم دۆۋلەتكە ئىگە بولغاندىلا بەخىتلىك بولالايدىغانلىغى توغرىسىدا گەندىنى قايىل قىلدى.ھىندىستان، ھىندىستان ۋە پاكىستان دىن ئىبارتە ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئەلان قىلدى

indir

ماھاتما گەندى

ماھاتما(ئۇلۇغ روھ)گەندى،ھىندىستاننىڭ شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ناتھۇرام گودسە ئىسمىدىكى بىر سۈيقەستچى تەرىپىدىن،1948.يىلى 1.ئاينىڭ 30.كۈنى يەڭى دەھلىدىكى ئۆيىنىڭ باغچىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتىلدى.

گەندىنىڭ بىر قانچە ئەقىلىيە سۆزىنى قوشۇپ قوياي،بەلكى،سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا ئىلھام بەرگۈسى

بىر ئادەم راستىنلا ئۇخلاۋاتقان بولسا ئويغاتماق مۇمكىندۇر.ئامما،ئەگەر ئۇخلىماي،ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسا،ئۇنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ئالەمشومۇل تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ ھەممىسى بىكارغا كەتىدۇ

بۇ دۇنيادا شۇنداق ئاچ ياشاۋاتقان ئادەملەر باركى،تەڭرى،ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر پارچە ناننىڭ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ

دۇنيادا سىز كۆرۈشنى خالىغان ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۆزى سىز بولۇڭ

دۇنيادا ۋىجدانىمدىن باشقا ھەچكىمدىن قورقمايمەن

سۆيگۈ ھەر زامان ئازاپ چەكىدۇ.ئامما،رەنجىمەيدۇ،ئىنتىقام ئەلىشقا تەرىشمايدۇ

سۆيگۈ ئىنسانلارنىڭ،زوراۋانلىق ھايۋانلارنىڭ قانۇنىدۇر

تۈگۈلگەن مۇشت بىلەن قول ئەلىشىپ كۆرۈشكىلى بولمايدۇ

ماھاتما گەندى

X                           X                                 X                                         X

شوۋىنىست چوڭ مىللەتچىلىك ۋىجداننى كور قىلغۇچى كىسەللىكتۇر

جۇڭگودىمۇ خۇياوباڭنى كور ۋىجدان يوقۇتىۋەتتى.خۇياۋباڭ پارتىيەنىڭ سىكىرتارى،جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى ئىدى.جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنى دۆلەت رەئىسىنى قوغدىيالمىدى.جۇڭگونىڭ دۆلەت قانۇنى،دۆلەت رەئىسى لىۇ شاۋچىنىمۇ،دۆلەت رەئىسى جاۋ زىياڭنىمۇ قوغداپ قالالمىدى.بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈن،دۆلەت قانۇنىدىن،ئاپتونومىيە قانۇنىدىن ئۈمىت كۈتۈپ،قانۇن ماددىلىرىدىن دەلىل كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ھەق-ھۇقۇقىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئۇ قانۇنلارنى چىقارغان،قولىدا ھاكىمىيەت،ئارمىيە،ساقچى،مەتبۇئات بولغان دۆلەت رەئىسلىرىنى قوغدىيالمىغان قانۇن بىز ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالىشى مۇمكىنمۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە،مىللىي مەسىلە ئاسان ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.مللىي ئادالەت ،چوڭ مىللەتلەر تەرىپىدىن تىلىگەنگە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆز يەشى تۆكۈپ يالۋارغانغا بەرىۋەتىلىدىغان سەدىقە ئەمەس

يۇرتىمىزدىكى سىياسى ھاكىمىيەت ۋىجدانى كور كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا.ئۇلار ھاكىمىيەت بەشىدا بولغان مۇددەتچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ توختىشى، تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىۋاتىدۇ.

بىزنى باشقۇرۇۋاتقانلاردا ۋىجدانى كورلۇق بار.ئۇيغۇرلاردىچۇ؟
ئۇيغۇرلاردا ئەقىل كورلۇغى بار.خوددى،كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما كىشىلەردەك،ئەتىراپتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەيدۇ.داۋاملىق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەشۋىش بىلەن ياشايدۇ.ئۆتمۈشىدىن،بۈگۈنىدىن،كەلگۈسىدىن خەۋىرى بولغانلار ئاز

ۋىجدان كورلىغى باشقىلارغا زىيان ئەلىپ كەلىدۇ،ئەقىل كورلۇغى بولسا ئىنساننىڭ ئۆزىگە زىيان ئەلىپ كەلىدۇ

 ئىچكى،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر- شۇئارى داۋاملاشقان مۇددەتچە،ئۇيغۇر مىللىي ۋۇجۇدىدىن ئەقىۋاتقان قانلار توختىمايدۇ

ھەممىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ كۆرمەسلىك،ياكى كۆرمىگەندەك تۇرۇۋەلىش مىللىي ھاياتىمىزنى ئۇزارتىشقا يەتىدىغان چارە ئەمەس

ئازاپتىن قۇتۇلۇش، بىزنىڭ ئويغۇنىشىمىزغا،ياكى ،ئۇخلىغاندەك تۇرۇۋەلىشىمىزدىن ۋاز كەچىشىمىزگە مۇناسىۋەتلىك

6_1

 

يىل- 2009. 06 .24

بۇ ماقالە ئۆز ۋاختىدا كۆپلىگەن تورلاردا ئىلان قىلىنغان

Share
2305 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.