logo

trugen jacn

ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىدە «مۇقىملىق تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىك» نى تەكىتلىگەن

汪洋在新疆调研时强调:进一步推进新疆社会稳定和长治久安

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» غا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەن شۇنداقلا رايوندا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «ئۈنۈملۈك مۇقىملىق تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىك» نى تەكىتلىگەن.

بۇ سۆزلەرنى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «مەركىزى شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ياڭ 8-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغاندا قىلغان. ئۇ 5 كۈنلۈك بۇ زىيارىتىدە يەرلىك دائىرىلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» دىكى مەيدانىغا ئالاقىدار مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.

ئۇنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنغان شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى» دوكلات تەييارلاپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ» ۋە خوڭكوڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتارلىق سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، خوڭكوڭدا دېموكراتىەىگە بۇزغۇنچگىلىق قىلىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ 15-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋاڭ ياڭنىڭ 7 نۇقتىلىق كۆرسەتمىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ ياڭ رايوندا مەركەزنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئاساسىي نىشانىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك مۇقىملىق تەدبىرلەردە تەۋرەنمەسلىك، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تونۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى ئاكتىپ قوللاش، كارخانا تەرەققىياتىنى تۇتقا قىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/wang-yang-06152020153438.html

Share
3323 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.