logo

trugen jacn

ۋاڭ لىشيۇڭ: ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋر قاچىسى توشتى

 

 

1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ كەتتى» ماۋزۇلۇق ماقالە. مەزكۇر ماقالە سەيشەنبە كۈنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خېلى زور تەسىر قوزغىدى. ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئىككى مىللەت ئارىسىدا پەيدا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ناچار سىياسەتلەر داۋامىدا تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇستەقىل يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئېلان قىلغان كىتاب-رومانلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى بويىچە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۆكتىچى بىر يازغۇچى. ئۇ چارشەنبە كۈنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ كەتتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە يېقىندىن بۇيان سادىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان:
-خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان خىتايلار بىلەن غەربىي چېگرادىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك چوڭقۇرلاشماقتا. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن پەرىشان بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سالاھىيىتىنى ئېسىگە سېلىپ تۇرۇشنى توختاتمىدى. 1993-يىلى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى ۋاڭ جىننىڭ كۈلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بولغان مۇقەددەس تەڭرىتاغلىرىغا چېچىلدى. ئەنە شۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنىڭ جەسىتى بىلەن بۇلغانغان سۇنى ئىچىشكە مەجبۇرلانغاندەك ھېس قىلدى.

ئاپتور ۋاڭ لىشيۇڭ كۈنمىڭدا 29 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىشىدەك بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈگىمەس بېسىمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچەيتىپ يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى ۋە ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرەتتى، دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى ماقالىسىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېگەن :
-ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا قانچىلىك كۆپ مەبلەغ سالغانلىقىنى جار سېلىپ، كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق. ئۇلار شىنجاڭدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 2000-2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككىگە قاتلانغانلىقىنى، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈچكە قاتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ماختىنىدۇ. ئىچكىرىدىكى خىتايلار تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنغان يېڭى قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنى خىتايدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان 10-چوڭ رايونغا ئايلاندۇردى. بىراق، ئىقتىسادىي رەقەملەر يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنچە، ئۇيغۇرلار كەينىگە شۇنچە چېكىندى. ياخشى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار ئىگىلىۋالدى. تەلىيى كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا ئارانلا كۆمۈر قېزىش، سىمونتچىلىق ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئادەتتىكى ئىشچى بولدى. ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەن شىنجاڭنى 9 قېتىم زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەيلى شەھەر ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، نۇرغۇنلىغان خىزمەت يېشىدىكى ياش ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلاردا بىكار لاغايلاپ يۈرگىنىنى كۆردۈم. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلەر بىلەن بىرلىكتە نوپۇس سىياسىتىنىمۇ جىددىي يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق چۆچۈتتى. شەرقتىن غەربكە سېلىنغان مەبلەغ بىلەن تەڭ 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈپ كەلدى. رايوندىكى خىتاي نوپۇسى قىسقىغىنە يېرىم ئەسىر ئىچىدە 7 پىرسەنتتىن 40 پىرسەنتكە يەتتى. خىتايلار شىنجاڭغا باي بولغىلى، ئۆزىنىڭ ھالىنى ياخشىلىغىلى بارىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا تەرەققىياتتىن پايدا ئالالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى ماقالىسى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئىش ئىمكانلىرىنى خىتايلار كونترول قىلىۋالغانلىقتىن ئۇيغۇرلارغا تىل جەھەتتىنمۇ ئەۋزەل بولمىغان بىر شارائىتنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن :
-ئۈرۈمچىدە رېستورانغا ئايلاندۇرۇلغان بىر مەيدان بار. ئۇ يەردە ئۇسۇلچىلار ئويۇن قويىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكىنىمدە، مەن يۈزلىگەن خىتاي خېرىدار ئىچىدە پەقەت چەتئەللىكلەرگە تەرجىمانلىق قىلىپ ئولتۇرغان بىر قانچىلا ئۇيغۇرنى كۆردۈم. يەرلىك ئۇيغۇرلار بولسا ئۆز ئۇسۇلچىلىرىنىڭ ئۇسسۇلىنى ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكىلارنىڭ نېرىسىدا تۇرۇپ كۆرەلەيتتى. شۇ يەردە ئولتۇرغان خىتايلار ۋە چەتئەللىكلەردىن توساقلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ كۆرۈنۈشى، بۇ خەلقنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش تارىخى زىددىيەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا قانۇنىي ۋە مەنىۋى ئۇقۇملارنى ئاساس قىلاتتى. كۆپىنچە ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى بەك ھېس قىلىپ بىئارام بولۇپ كەتمەيتتى. لېكىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بۇ زىددىيەتلەرنى ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغىچە باشلاپ كەلدى. ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئەتراپىدىكى خىتايلارنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان سالاھىيىتى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈزلىشىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇ خاپىلىقنىڭ نېمىشقا بۇنچىلا يامراپ كەتكىنى ھەيران قالارلىق ئەمەس. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى ئەكس تەسىر پەيدا قىلدى.

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى ماقالىسى داۋامىدا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۇنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاماغا ئوخشاش مۇستەقىللىقنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلىش يولى تۇتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
-ئەپسۇسكى، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇشۇ يولدا تىرىشقان دالاي لامانىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ نۇرغۇن سەپداشلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىش، دەپ قارىدى. دەرۋەقە، بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۇ كۆۋرۈك ھەم بېسىم قىلغۇچىلار ۋە بېسىم قىلىنغۇچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەن بولدى. يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىنى بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچىنىڭ ھەرىكىتى، دەپ سۈپەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ئارزۇسىنى چوڭ مەسىلە ئەمەستەك كۆرسىتىپ كەلدى. لېكىن ئۇيغۇرلاردا ھازىر خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى بىردىن-بىر يول، دەيدىغان كۆز قاراش ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەك كۈچىيىپ كەتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەتتا خىتاي چېگرىىسى سىرتىدىكى مۇسۇلمان مىللىتارىستلاردىن مەدەت كۈتۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىشىش سىياسىتى نەتىجىسىدە بۇلۇڭغا قىستىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئەمدى چارىنى تېررورلۇقتىن ئىزدىشى مۇمكىن. شىنجاڭ ھازىر خىتاينىڭ چېچىنىيەسىگە ئايلىنىشقا قاراپ ماڭماقتا.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/wang-lishyong-03192014164415.html

Share
1837 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.