logo

trugen jacn

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى تاراتقۇ ئەركىنلىكى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مەخسۇس بايان بېرىلدى

edf5abd7-da31-43bb-b778-a63b1cc8e5a7

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۈگۈن، يەنى 27-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتوندىكى ھاررىي ترۇمان بىناسىدا «خىتايدىكى تاراتقۇ ئەركىنلىكى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا «ئەل-جەزىرە»، «ئاتلانتىك» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق داڭلىق گېزىتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 3 نەپەر مۇخبىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

بولۇپمۇ «ئەل -جەزىرە» نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى توم مالىنوۋىسكى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ باشلىنىش نۇتقىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

« بىز بۈگۈن 3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جۇڭگونىڭ تاراتقۇ ئەركىنلىكى ھەققىدىكى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 3 نەپەر مۇخبىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇخبىرلىق كەچۈرمىشلىرى ھەمدە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تاراتقۇ ئەركىنلىكى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، جۇڭگو مۇخبىرلىرى ئامېرىكا تېررىتورىيەسىدە ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ ھەمدە توسالغۇسىز خەۋەر بېرەلەيدۇ، ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن چەكلىمە ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا…»

بىز نەق مەيداندىكى سوئال سوراش پەيتىدە «ئەل-جەزىرە» نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاندىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى ۋە قانداق كەچۈرمىشلەرگە يولۇققانلىقىنى سورىدۇق.

مۇخبىر مېلىسسا چان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«‹ئەل-جەزىرە›نىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزگەن 2 ھەپتىلىك كەچۈرمىشلىرىم مېنىڭ جۇڭگودا ئۆتكەن 2 يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ خەتەرلىك بىر جەريان بولدى. بېيجىڭ ئايرودرومىدا رەسمىيەت بېجىرگەن چېغىمىزدىلا پاسپورتىمىزنىڭ بىرىنچى بېتى بىلەن ۋىزا بېتى فوتوكوپىيە قىلىنىپ ئېپقېلىنغان ئىدى. ئۈرۈمچىگە بارغان كۈنىمىزدىن باشلاپ، تاكى قەشقەر، خوتەنلەرگىچە بولغان جەرياندا مەيلى مېھمانخانىلاردا بولسۇن ياكى كوچىلاردا بولسۇن، مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندۇق. بولۇپمۇ بىز بىلەن ئۇچراشقان ياكى بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەمدە چىراي ئىپادىسىدىكى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ بىزگە ھەممىنى دەپ بەرمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ تەستە ئېغىز ئېچىپ دېگەنلىرى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايىدىكى گەپلەر بولماستىن، بەلكى مۇداپىئە پسىخىكىسى بىلەن ئېيتىلغان ئېھتىياتلىق سۆزلەر ئىدى. بولكىۋاي بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئاۋاز ۋە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا 4 نەپەر كۆزەتكۈچى خادىم بىزگە خۇددى سايىدەك چاپلىشىپ ماڭدى.»

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە «ئاتلانتىك» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جېيمېس فاللوۋس، «رىتسارلار ئىلىم-پەن ژۇرنىلى» نىڭ مۇخبىرى كاسلېن مەكلافېن قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-04272015142134.html

Share
1565 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.