logo

trugen jacn

ۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىغا رەددىيە بەردى -1

d16efd2c-3b45-4ecd-a57c-36f1514cd16a

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە قانۇن ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىغا رەددىيە بىلدۈردى

مەلۇم بولۇشىچە، 25-سېنتەبىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ «بۈگۈنكى سۆھبەت» سەھىپىسىدە ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بويىچە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى كۆرسىتىلگەن

تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئەركىن سامساق بىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېردۇن پەتتار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان

بۇ ئىككىيلەن تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا ئىلھام توختىنى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلھام توختىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتىنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇلار تېلېۋىزىيە سۆھبىتى جەريانىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، كىشىلىكى ۋە ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قارىلايدىغان سۆزلەرنى قىلغان

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە رەددىيە بەردى.

ئۇ پېداگوگىكا قانۇنى ۋە پېداگوگىكا ئەخلاقى نۇقتىسىدىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەتتىكى ئەركىن سامساق بىلەن فېردۇن پەتتارنىڭ بايانلىرىنى كەسكىن رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ كەسپىي ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىن ئىلھام توختىغا قىلغان «ھۇجۇم» خاراكتېرلىك سۆزلىرىنىڭ «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ سوتىدىكى «ئويۇنلار ۋە يوچۇقلار» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇ خەلقئارا قانۇن ۋە سوت تەرتىپلىرى نۇقتىسىدىن ئەركىن سامساق بىلەن فېردۇن پەتتارنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى. ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا ئىلھام توختىنى قارىلاپ سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ ھەتتا خىتاي قانۇنى بويىچىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل يەنە مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ قانۇنىي تەرتىپ ۋە قانۇن روھىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-10162014154118.html

Share
1587 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.