ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى 1-دېكابىر «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 3411 كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كونترول قىلىش مەركىزى، بۇ يىل 10-ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 43 مىڭ 500 دىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئورگان مەسئۇللىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي يول ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش يەنىلا ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش قانىلى ئىكەن. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بىر ئەمەلدارى «تەڭرى تاغ» تورىغا قىلغان سۆزىدە، يۇقۇمدارلارنىڭ 36.5 پىرسەنتى زەھەرنى تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن، 52.1 پىرسەنتى جىنسىي يولدىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن ئۇ، يەرلىك خەلق يۇقۇمدار ياكى بىمارلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي نىسبەتنى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
دائىرىلەر يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ 8102 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۆلگەنلەر، يۇقۇمدارلار ۋە بىمارلارنىڭ ئەمىلى سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-eydiz-11282014152553.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.