logo

trugen jacn

ھەممىسى ھۆرلۈك ئۈچۈن – ئاسىيە ئۇيغۇر


ئا ۋازدا: پەرىزات غەيرەت

يەر شارى خەرىتىسىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ نىشانىمىز،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز بېشىنى تىك تۇتۇپ، خەرىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا <قارا! بۇ مېنىڭ ئانا ۋەتىنىم ! >دېيەلىگۈدەك مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن بولسۇن!

                            ئاسىيە ئۇيغۇر

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە گەپ – سۆز بولۇنغاندا بىر قىسىم قېرىنداشلار مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ھېسابلاشماستىن، بۇ ھەقتىكى تېمىلارغا ئالدېراپلا <ئىسلام سۆيگۈسى>بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە, ئىسلام دۇنياسى دەپ ئاتىلىدىغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ياشايدىغان دۆلەتلەر غەرب ئەللىرىنىڭ دېمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي قارشى ئېقىمدىكى ھاكېمىيەتلەر بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ خاراكتېرىمۇ دەل ‘ئىسلام دۇنياسى’ بىلەن بۇ جەھەتتە يۈكسەك ئورتاقلىققا ئىگە. يەنى ‘ئىسلام دۇنياسى’ ئىسلام دىنىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىسىز ئامىللارنى كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىغا قىلغان زوراۋانلىقى سەۋەبلىك دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، غەرب ئۆچمەنلىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا ئىنسانلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىستەكلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ، پەقەت ھاكېمىيەت بېشىدىكىلەرگە شەرتسىز بويسۇنىدىغان زامانىۋىي قۇللارغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتىمۇ دەل شۇنداق تىپتىكى ھاكېمىيەت بولۇپ، خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ غەربنى يامان كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرى ھېلىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى بىر ھەقىقەت. نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك بۇش دەۋرىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە ۋە خىتايدا ئوخشاشلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زوراۋانلىقى دەپ تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، پەلەستىن ۋە ئىراققا ھېسداشلىق قىلىش شۇ دەۋرلەردە ھەممىمىزگە ئورتاق بىر ھېسسىيات ئىدى. ئۇيغۇرلارغا تېرور قالپىقىنى كېيدۈرۈش سۈيقەستىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشۋىقاتنى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى مۇۋەپپەققىيەتلىك تاماملاپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور نەتىجىگە ئېرىشتى. قارايدىغان بولساق، خىتاي 2001-يىلىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ستراتېگىيىسىنىڭ سايىسىدا كىچىك بۇشنى ئالداپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىۋالدى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەپلەپ – سەپلەپ <تېرورچى>قالپىقىنى كېيدۈرىۋالغانىن كېيىن، خەلقئارا دىپلوماتىيە، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ، پەن – تېخنىكا، سودا – ئالاقە قاتارلىق ھەر تەرەپتىن ناھايىتى كۈچلۈك تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەمما بۇ يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر دەۋر بولۇپ ، بىز بۇ يىگىرمە يىلدا دۇنيا ۋەزىيىتىدىن توغرا خەۋەردار قىلىنمىغانلىقىمىز سەۋەب، ناھايىتى كۆپ ، ئورنىنى تولۇقلىۋالغۇسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدۇق ۋە ھازىرمۇ تۆلەۋاتىمىز. بۇ يىگىرمە يىللىق قانلىق قىسمەت بۈگۈن بىزلەرگە ، دۈشمەننىڭ پەقەت خىتايدىنلا ئىبارەت بۇ رەزىل ھاكېمىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا بولغان تونۇشىمىزنى تولۇق ئۆزگەرتىشكە ئاجىز كەلدى. گەرچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدىغان ئۇيغۇرچە خىسلەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، مەنپەئەت ئۈچۈن ھەتتا ئۆز جەمەتىدىن بولغان ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى قېرىنداشلىرىنىمۇ خۇددىي قاشوقچىنى پارچىلاپ ئۆلتۈرىۋەتكەندەك رەھىمسىلەرچە يوقىتىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىلەر بەزىلىرىمىزنىڭ دۇنيانى كاپىر ۋە مۇسۇلماندىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەتكە ئايرىشتەك قارىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. گەرچە دىنىي ئېتىقادىمىزنىڭ دەخلى – تەرۇزسىز بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان ۋەتەن ئاتلىق بىر تۇپراقنىڭ بولۇشىنىڭ بەكمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، لېكىن بۇ ۋەتەننىڭ دۇنيادىكى 90پرېسەنت خەلق قوبۇل قىلىدىغان دېمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ئەگەشمىگىنىمىزدە، بىزگە مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرگۈزمىدۇق. شۇنداقلا بەزىدە <بىز شەرىئەتنى قانۇن قىلىدىغان بىر دۆلەت قۇرىمىز>دەپ جۆيلۈپ قېلىشتىنمۇ تارتىنىپ قالمىدۇق. دەل مۇشۇنداق <ئات ئايلىخانغا، يول سايرىغانغا> بولۇپ، ھەر كىم ھەر جايدا ئۆز ئارزۇسىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇش چۈشىنى كۆرىۋاتقاندا، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مۇستەقىللىق ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى كۆزىمىزگە ئانچە – مۇنچە كۆرۈنىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ تارىخىي دەقىقىلەردە <خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن كارى يوق ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار>دىن ، رېئاللىققا ئۇيغۇن ۋە دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا <تەييارلىقى ھازىر بولغان ئۇيغۇرلار > غا ئايلىنىپ، يېڭىچە قىپايەت بىلەن خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىدىغان ۋاقتىمىزنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتىمىز. شۇنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىمىز ۋە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى دۇنيا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۈن تەرتىپى بېكىتىلىپ بولۇنغان بىر دۇنيا بولۇپ، بۇ كۈن تەرتىپ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ دۇنيادىكى 197دۆلەتتىن 193دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشىۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىشانى پۈتكۈل دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى دېمۇكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتنى باراۋەرلىك ، ئەركىنلىك بولغان دېمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان، بارلىق شەخسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى كاپالەتلەندۈرۈلگەن ، باراۋەرلىك ۋە تېنچلىق بولغان دۇنيا ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشتۇر. شۇ سەۋەب، دۇنيانى مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككى مىللەتكە ئايرىيدىغان، دېمۇكراتىيەنى رەت قىلىپ، شەرىئەتنى قانۇن قىلىدىغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگىمۇ ، ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش زوراۋانلىق بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ھاكېمىيەتلەرنى ئۆرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان، زوراۋان كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرىنىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشىغىمۇ ئورۇن بېرىلمەيدۇ.مۇندىن 70يىل ئاۋۋال ماۋ زېدوڭنىڭ خىتايلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ بېرەلىشى ئامېرىكىنىڭ دېمۇكراتىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىپ، مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ ، مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئامېرىكىنى قوللايدىغان ھاكېمىيەت بولۇدىغانلىقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرگەنلىكى سەۋەب بولسا، 20يىل ئاۋۋال خىتايغا بېرىلگەن ئىمتىيازلارمۇ دەل خىتاينىڭ دېمكراتىيە تۈزۈمىگە ئۆتۈشنى يالغاندىن ئىستەپ، دۇنيانى ئالدىغانلىقى سەۋەب بولغاندۇر.
دۆلەت قۇرۇش ياكى قۇرالماسلىق قىممەت قاراشلىرىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىممەت قاراشلىرىمىز دۇنيا خەلقلىرىنىڭ يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرى بىلەن ئورتاق بولغاندا بىزنىڭ دەۋايىمىز ھەقلىق دەۋاغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش، ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قولىمىزغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان ئار – نومۇسىمىزنى يۇيۇپ، نورمال دۇنيانىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنالىشىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ مىليۇنلاپ كوچىلارغا تۆكۈلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان نامايىشى نىمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتىيۇ، بىزدەك ھەق- ھوقۇقلىرىمىز ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر خەلقنىڭ ئاھۇ – زارى تېخىچە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېگەن كاتىگورىيەدىن ھالقىپ كېتەلمىدى؟ خوڭ كوڭ مەسىلىسى ھەتتا جىددىيلىكتە ئامېرىكا، ئەنگېلىيە ۋە باشقا نۇرغۇن غەربپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرۋە دۇنياغا داڭلىق مۇھىم سىياسىيونلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق سۆز ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد بېرىدىغان، جازا يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ھەتتا خوڭ كوڭ مەسىلىسىگە ئارلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بىز پرېزدېنت ترامپنىڭ خوڭ كوڭ ھەققىدە قانچە قېتىم ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بىلەن ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ قىزى جەۋھەر سىڭلىمىزنى پرېزدېنت ترامپ قوبۇل قىلغاندا، جەۋھەردىن <دادىڭىز قەيەرگە كەتتى؟> دەپ سورىشى ۋە جەۋھەرنىڭ <دادام قاتارلىق مىليۇنلىغان كىشىلەر ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلاردەك لاگىرلاردا يېتىۋاتىدۇ> دەپ جاۋاب بەرگىنىدە، ترامپنىڭ لاگىرلار مەسىلىسىنى بىلمەسلىكى بىزنى ھەيران قالدۇرمىدىمۇ؟ كاللىمىزنى سىلكىپ ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا بۇ ئىشلار يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟
خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ <خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى>غا قارشى نامايىشى بىلەن بىزنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىمىز، لاگىرلارغا مىليۇنلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ قامىلىشىنى سېلىشتۇرما قىلىپ باققىنىمىزدا ۋە ئۈستىمىزگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئارتىپ قويغان تېرورچى تۆھمىتى بىلەن بىزدىكى دىنىي ئاشقۇنلۇق سەۋدالىقى، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان سۆيگۈسى، نىقاب ۋە بۇرقالارغا بولغان ئاشىقلىق، مۇسۇلمان ئەللىرىدەك، ئېنىقراقى شەرىئەتنى قانۇن قىلغان بىر دۆلەت قۇرۇۋېلىش ھېرىسمەلىكىمىزنىڭ خۇددىي ئالتۇن ئۈزۈككە ، ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ماسلىشىپ، خىتاينىڭ ئۈستىمىزدىكى تۆھمەتلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتامدۇق؟ بىز نېمىشقا دۇنيا خەلقى ئورتاق قوبۇل قىلىدىغان قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەنە شۇ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا پەقەت ھۆرلۈك ئۈچۈن بىرلەشكەن كۈچ بولالمايمىز؟ <جان بولسا جاھان ، ئاش بولسا قازان> بولىدىغانلىقىنى قاچان بىلىمىز؟ نىقابنىڭ ھىجاب بىلەن پەرقلىق كېيىنىش ئىكەنلىكىنى، ھىجاپلىنىشقا ئەمەس بەلكى بۇرقا تاقاشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر قارشى ئىكەنلىكىنى، ئۈستىمىزدە خىتاينىڭ تۆھمەتلىرى ئارتىلغان بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇرقا تاقاش ۋە نامايىشتا تەگبىر توۋلاشنىڭ غەربنىڭ دېمۇكراتىك ئىدولوگىيىسىگە يات قىلمىش ئەمەس بەلكى ئەركىنلىكىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى نېمىشقا بىلەلمەيمىز؟ نىقابلىنىش مۇسۇلمان ئاياللار قىلمىسا بولمايدىغان پەرھىز بولمىغىنى ئۈچۈن، نورمال ھىجابىمىز بىلەن مۇسۇلمان بولساق ھېچكىمگە ئىسلامفوبىيا تەسىرىنى بەرمەس ئىدۇققۇ؟ شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ۋەتىنى بار ۋە ھەر قانداق كېيىنىشى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە مىللەتلەر بىلەن خىتايدەك چوڭ ۋە ۋەھشىي دۈشمىنى بولغان بىزنى سېلىشتۈرغىلى بولمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادا بىزنى قاپ – قارا قىلىۋەتكۈدەك كۈچى بولغان بىر دۈشمەننىڭ تۆھمىتى سەۋەبلىك، مىللەت بويىچە لاگىرلارغا قامالغان بىر خەلقنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىگە قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشى تۆھمەتكە يان – تاياق بولماسلىقتۇر. چۈنكى يا دۆلىتى، يا ئىقتىسادى، يا كاپالىتى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا كۈچى يوقتۇر. ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتسىز جىدەل – ماجرانىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدېنىپ ، ئاق – قارىنى ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇ سەۋەب خىتاي ئۈچۈنمۇ بىزنى قارىلاشتا تەشۋىقات ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر.
بەزى قېرىنداشلارنىڭ تېخىچە بۇرقا، نىقاب بىلەن ھىجابنىڭ پەرقىنى ئايرىيالىغۇدەك ئىسلامىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولماي تۇرۇپ، نىقاب ھەققىدە گەپ بولۇنسا <ھىجابقا قارشى تۇردى، يالىڭاچ يۈر دېدى >دەپ تەتۈرلۈك قىلىشلىرى ئارتۇقچە بولۇپ، ھىجاب پۈتۈن دۇنيادا چەكلەنگىنى يوق، ھىجابلانغان مۆھتىرەم ئەردوغان خانىممۇ خەلقئارا سەھنىلەردە ھۆرمەت تۆرىدە تۇرۇپتۇ. ياۋروپا كوچىلىرىدا مۇسۇلمان قىز – ئاياللارمۇ ناھايىتى يارىشىملىق ھىجابلىنىپ، زامانغا لايىق مۇسۇلمانلىق ئوبرازى بىلەن ئەركىن ۋە خۇشال ياشىماقتا. ياۋروپادا ھەتتا ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن مەسچىد ۋە ئىسلام دىنى ئۆگىتىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بار بولۇپ، غەربلىكلەر دىنىي ئەقىدىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك بار يەردە ئۆز قىممىتىنى تاپالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى سەۋەب ، ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا بىخ سۈرۈپ گۈللىنىشىگە يول قويغان. ئەمما بىز ھازىرغىچە قانچىلىك مۇسۇلمان ئەللىرىدە مەھەللە – مەھەللىلەردە چېركاۋلارنىڭ ياكى بۇتخانىلارنىڭ سېلىنىپ، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزى تاللىشى ئۈچۈن دۇنيادا بار بولغان دىنلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسلىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقتۇقمۇ؟ بۇنداق ئەھۋاللار پەقەت غەرب ئەللىرىدىلا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەلۋەتتە. ئەگەر ئۆز ئېتىقادىمىزغا ئىشەنچىمىز بولسا ، دىنىمىزنىڭ بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەك، ئەلۋەتتە بۇ دىنغا ھېچكىمنى زورلاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان دېمۇكراتىك تۈزۈمنىڭ ئىسلام دىنى ياكى باشقا ھەر قانداق دىن بىلەن ھېچقانداق زىددىيىتى يوقلىقىنى، دېمۇكراتىيەنىڭ دىن ئەمەسلىكىنى، دېمۇكراتىيەنىڭ پەقت دۆلەت باشقۇرۇش مىزانى ئىكەلىكىنى، دېمۇكراتىيە بولغان ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان بىر دۆلەتتە، ئىنسانلار ئۆزى خالىغان دىنغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېتىقاد قىلىپ، ئۆز ھاياتىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە داۋام قىلالايدىغانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولغان جەمىيەتتە باراۋەرلىك ۋە ئەمىنلىك، تەرەققىيات ۋە كۈچ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كېيىنىشى زامان ۋە ماكاننىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشقان بولۇشى لازىم. بىز نۆۋەتتە خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ۋە تېرورلۇق سەۋەبلىك بىگۇناھ پۇخرالىرى ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئەللىرىنىڭ، بىزنى قوللىشى ۋە دەۋالىرىمىزنىڭ خەلقئارادا ھەقلىق قىلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج بولىۋاتىمىز. چۈنكى خەلقئارا قانۇننى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىلەرمۇ، ب د ت نى قۇرغۇچىلارمۇ، دۇنيانىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى، دۇنيا كۈن تەرتىپىنى بېكىتكۈچىلەرمۇ ۋە ھازىقى دۇنيادا دۇنيا ۋەىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلارمۇ دەل شۇ غەربلىكلەردۇر. بىز بۇ ھەقىقەتنى مەيلى ياقتۇرايلى ياكى ياقتۇرمايلى قوبۇل قىلماسلىققا ئامالسىزبىز. ئۇلارنىڭ قوللىشى بولمايدىكەن بىز يەنە بىز پېتى قېلىۋېرىشىمىز، يەر شارى ئۆز ئوقىدا چۆگىلەۋېرىشى مۇمكىن. مانا بۈگۈن خىتاي بىزنى قارىلاش ئۈچۈن يەنە بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. ئەگەر ئۇيقىمىزنى ئاچمايدىكەنمىز ۋەتەنسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ قىسمەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالماسلىقىمىز مۇمكىن!

Share
6499 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.