logo

trugen jacn

ھەر قايسى مىللەت مەدەنىيەتلىرى ئۆز قىنىدا ئېقىپ ئولغايغان

 

 

(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ « ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا » نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى قىسقىچە تەسىرات)

  ئېرپان ئىدىرىس

 

مەدەنىيەت بولسا ئىنسانلار جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرققىيات جەريانىدا ياراتقان بارلىق ماددىي بايلىق ۋە روھىي بايلىقىنىڭ يىغىندىسى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ ۋە پەن-ئىلىمدىن ئىبارەت بولغان روھىي بايلىقنىڭ يىغىندىسى. دۇنيا مەدەنىيىتى بىر ئەبجەش مەدەنىيەت بولماستىن، بەلكى ئۇ جاھاننىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە پەيدا بولغان ئىنسانلارنىڭ تىل جەمئىيەت توپلۇقلىرىنى بەرپا قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرقى زامانغا كەلگۈچە بولغان ھەر قايسى ئېتنىك توپلۇقلار، قوۋم-قەبىلىلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھاياتلىقىنى ساقلاش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا روياپقا چىقارغان بارلىق ماددىي بايلىق ۋە روھىي بايلىقىنىڭ يېغىندىسى. ھەر قايسى ئېتنىك توپلۇقلار، قوۋم-قەبىلىلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇزلىرىنىڭ ماددىىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىنىدا ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. گەرچە بۇ تەرەققىيات جەريانىدا مىللەتنىڭ بۇ مەدەنىيىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆچراشقان چاغلىرىدا ئۇ مەدەنىيەتلەردىن ئازدۇر-كۆپتۇر مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن ئاخىر ئۆز مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي غولىنى يوقاتماي تەرەققىي قىلغان بىر مۇستەقىل مەدەنىيەت سىستېمىسى. شۇڭلاشقا دۇنيادا غەرپ مەدەنىيىتى، شەرق مەدەنىيىتى، خىتاي مەدەنىيىتى، ئەرەپ مەدەنىيىتى، تۈرك مەدەنىيىتى، ئىران مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەتلەر بەرپا بولغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ تارىخىي  تەرەققىياتى جەريانىدا شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەسىرلىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىن ئاز-تولا قوبۇل قىلىنغان مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى ئارقىلىق ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاساىسى ئېقىمى بۇيىچە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى پارلاق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭلاشقا دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مەلۇم بىر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى بىر دەۋر (مەزگىل) تەرەققىي قىلىپ توختاپ قالغان، دەپ ھۈكۈم چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق. بۇ يەردىكى مەسىلە مەدەنىيەت تەرەققىياتى دولقۇنسىمان تەرەققىيات بولۇپ، بەزى مەزگىللەردە تەرەققىياتى تېز بولىدۇ،بەزى مەزگىللەردە تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ، لېكىن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەرگېزمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ھازىرقى دۇنيادىكى ھەر خىل مەدەنىيەتلەر قەيەردىن كەلگەن بولاتتى؟!

شۇڭلاشقا، « دۇنيا تارىخىدا 6-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت، باشقىچە ئېيتقاندا رىم مەدەنىيىتى ئاخىرلاشقان » دەپ چىقىرىلغان ھۆكۈم تارىخىي پاكىتلار نەزەر ساقىت قىلىنغان ۋە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان ھۆكۈمدۇر. دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەنى 14-ئەسىردىن باشلاپ غەربىي ياۋروپادا بولۇپمۇ ئىتالىيەدە باشلانغان ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان بىر مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولغان.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى باشقا بىر مىللەت مەدەنىيىتى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمىسىلا، دەۋرنىڭ تەقازاسى بىلەن داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ.

2020- يىلى نويابىر

 

 

 

 

Share
1115 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.