logo

trugen jacn

ھەر قايسى تىل جەمئىيەتلىرىدە تىل- يېزىقنىڭ پەرقلىق بولۇشى تىلدا سادىر بولىدىغان مۇقەررەر ھادىسىدۇر

ئېرپان مۇزەپپەر

تىل- يېزىقتا تىل جەمئىيىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەرقلەر بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مىللەتنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تىل- يېزىقلىرىدا ئوخشىماسلىقلار كېلىپ بولىدۇ . بۇ بىر نورمال ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ھادىسە.  مەسىلەن، ئورخۇن- يەنسەي ئۇيغۇر تىل-  يېزىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا ئاسمان- زىمىن پەرق بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى دەۋردىكى كىشلەر يەنىلا بىر قۇۋمدىكى ئۇيغۇرلادۇر. تىل – يېزىقتىكى  بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر شۇ مۇئەييەن بىر دەۋر- مەزگىلدىكى تىل جەمئىىيىتىنىڭ تىل ئەھللىرى تەرىپىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

تىل- يېزىقنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بولغانلىقى ئۈچۈن 70 يىلدىن بېرى  1953- يىلدىن بۇيان تۈزۈلگەن تۈرلۈك  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئىملا قائىدىلىرى  بىلەن تەربىيىلىنىپ كەلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى  قانداقمۇ قىلىپ XI  ئەسىردىكى « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » ۋەكىللىك قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئىملا قايىدىسى بىلەن سۆزلەتكۈلۈك ۋە يازدۇرغۇلۇق؟

ئىنسان، ئەقىل ۋە ئىلىم

ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا نىسپەتەن كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك زىمىن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان بىر توپ – بىر توپ ئادەمسىمان مايمۇنلار ئىپتىدائىي ئىنسانلاغا ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان مىليون- مىليون يىللىق ئېۋوليوتسىيە جەريانىدا ئۇلاردا توساتتىن يەر دەسسەپ ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشىنىڭ باشلىنىشى ئۇلارنىڭ بۇ ئېۋوليوتسىيە جەريانىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ بىر باسقۇچ بولۇپ، بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ مەخلۇقات دۇنياسىدىن ئايرىلىپ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قەدەم باسقانلىقى بىرىنچى قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مىڭسى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرى ئالاھىدە تەرەققى قىلىشى بىلەن ئىنسان مىڭسىدە تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەقىل، تەپەككۇر فونكسىيىسى  ۋە ئەڭ دەسلەپكى ئىشارەتلىك سۆزلەش ھەمدە تاۋۇشلۇق مەنىلىك ئىبارەلەر پەيدا بولۇش جەريانى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. بۇ خىل جەرياننىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلار ئاخرى كېلىپ ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆزگەرگەن ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەڭ قەدىمكى ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇشكە باشلايدۇ.

بۇ ئەڭ قەدىمكى ئىنسانلار ھاياتلىقىنى ساقلاش جەريانىدا  تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. مانا بۇ ئىنسانىيەت  ئىلىمنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى. شۇڭلاشقا ئىلىم ئىنسانلارنى مەخلۇقات دۇنياسىدىن ئايرىپ چىققان بولماستىن، بەلكى ئىلىم ئىنسانلار مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىغان ھەجىمى ۋە سىغىمچانلىقى بارغانسىرى زۆرۈيىپ بېرىۋاتقان بىر ئىلىم – بىلىم جۇغلانمىسى.

نېمە ئۈچۈن چىڭگىزخان « ئۇلۇس تۈزۇمى » نى ياراتتى؟

چىڭگىزخان ئۆز قولى بىلەن قۇرغان بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتمەي  مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى « ئۇلۇس تۈزۇمى » نى قوللىنىپ (ئۇلۇس تۈزۇمى مەنە جەھەتتىن ھازىرقى « فېدېراتسىيە تۈزۈمى » گە باراۋەر كېلىدۇ. ) موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ زىمىنى ۋە ئاھالىسىنى ھەر كىم بۈيۈك بىر خاقانغا بويسۇنۇش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ تۆت ئوغلى– جۇجى، چاغاتاي، ئۆگېتەي ۋە تولۇنلەرگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە بۇ سۇيۇرغال قىلىنغان جايلار ئۇلۇس دەپ ئاتالغان. ( ئۇلۇس — بۇيۇك بىر خاقاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇدىغان،مەمۇرىي- ھەربىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە).  ئەينى زامانىسىدا « ئۇلۇس » دېگەن  سۆز مۇستەقىل دۆلەت دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلمىگەن.  XV —  XVI – ئەسىرلەردە باتو ئۇلۇسى (ئالتۇن ئوردا) ۋە چىغاتاي ئۇلۇسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ  ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ تۈركلەشكەن كېيىنكى ئەۋلادلىرى بۇ بىپايان كەتكەن كەڭ زىمىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز ئالدىلىرىغا قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى، قىرىم خانلىقى ۋە سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇستەقىل خانلىقلارنى قۇرىدۇ. بۇ خانلىقلار ھېچقانداق ئۇلۇسلۇق خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس مۇستەقىل فېئودال خانلىق دۆلەتلەر ئىدى. بۇ دەۋرگە كەلگەن ئەسلىدىكى باتو  ۋە چىغاتاي ئۇلۇسلىرى پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەن تارىخچىلار بۇ خانلىق دۆلەتلەرنىڭ باتو ۋە چىغاتاي ئۇلۇسىلىرىدىن پارچىلىنىپ پەيدا بولغانلىقى تۈپەيلى « ئۇلۇس دۆلىتى» دەپ نام قويۇپ قويغان، خالاس.

2020- يىلى ئىيۇن

Share
3713 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.