logo

trugen jacn

ھۇجۇمچىلار يالغان قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ خىتاي ساقچى باشلىقى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر

پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن 29-ماي مىشا ۋەقەسىدە، يېنىدا يان قورالى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان ساقچى باشلىقى لى خوڭجاڭنىڭ قانداقلارچە موتسىكلىت بىلەن كېتىۋاتقان پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارغا يېڭىلگەنلىكى خىتاي ساقچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ھەم ئالاقزادە قىلغان.

ۋەقە يۈز بېرىپ 31 كۈندىن كېيىن گۇماندارلار تۇتۇلغاندىلا يۇقىرىقى سىر يېشىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 4 نەپەر پىدائىي شۇ كۈنى خىتاي ساقچى باشلىغىنى ئىز قوغلاپ كېتىۋېتىپ، بىر سۇ ئامبارغا يېقىنلاشقاندا ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋە بىرازدىن كېيىن بىر موتسىكلىت يەنە بىر موتسىكلىتنى ئۇرۇپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغان ۋە ئۇلار بىر بىرى بىلەن جېدەللىشىشكە ئۆتكەن، ساقچى باشلىقى ماشىنىسىنى توختىتىپ، كۆرۈنۈشتىكى جېدەلنى سۈرۈشتە قىلغىنى كەلگىنىدە تۆت نەپەر ھۇجۇمچى تەڭلا ساقچى باشلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ 30 نەچچە يېرىگە پىچاق تىققان ۋە ئۆلگەندىن كېيىن، جەسەتنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن. ھۇجۇمچىلارنىڭ يالغان قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىشى ئۇلارنىڭ قوراللىق ساقچى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە ۋەقە سادىر قىلغان ھۇجۇمچىلار تۆت نەپەر بولۇپ، ئۇلار ئۆمەر ھاكىم، ھوشۇرقارى تۇرغۇن، روزىقارى ئەبەيدۇللا ۋە قۇربان تۇردى. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ساقچى باشلىقى لى خوڭجياڭنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ زەربە بەرگەن بۇ تۆت نەپەر پىدائىي پەيزىۋاتنىڭ قىزىلبۇيا ۋە شاپتۇل يېزىسىدىن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-pidaiy-07092014162121.html

Share
1621 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.