logo

trugen jacn

ھىندىستان 30 توننا قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟

 

ھىندىستان ۋە كانادادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت 4- ئاينىڭ 15- كۈنى كانادا پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدە بىر سودا توختىمىغان ئىمزا قويغان بولۇپ، ھىندىىستان كانادادىن 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 30 توننا ئۇران سېتىۋېلىپ، يادور ئېلېكتىر ئىستانىسىسى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان.

ھازىر كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى ۋە كانادا زۇڭلىسى شۇ كۈنى توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇندىن كېيىنلا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇدى قويۇلدۇرۇلغان ئۇران سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ناھايىتى تېزلا كاپىتال قوغداش كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىدۇ.

كانادا زۇڭلىسى خافۇ مۇنداق دېدى: بۇ توختامنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

كانادا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، يىللىق قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئېكىسپورت قىلىش سوممىسى 1 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. ھىندىستان دۇنيادىكى 4- چوڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 70- يىللىرى، ھىندىستان تۇنجى قېتىم يادرو قورال سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كانادا ھىندىستاننىڭ يادرو قورالى ياساشنى سىناق قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ھىندىستانغا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئېكىسپورت قىلىشنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن ئىدى.

\

\

 

http://intl.bagdax.cn/2015/0416/9643.html

Share
1584 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.