logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى بىر غازاتچى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

ebbf8c0c-d6ca-43db-86c9-41cd684ebddb

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى- ناملىق يەرلىك قوراللىق غازاتچى تەشكىلاتىدىكى ئىبراھىم ئىسىملىك ئاخىرقى ئۇيغۇر چارشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە مەركىزى سۇلاۋاسى ئۆلكىسىنىڭ پوسو بازىرى كىلو يېزىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

مەركىزى سۇلاۋاسى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى گېنېرال رۇدى سۇفارىئادىنىڭ «بېنار خەۋەرلەر» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامانلىق خادىملىرى ئىككى كىشىدىن يول پاترولى سورىغان. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئامانلىق كۈچلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقارغان ۋە يەرلىك قول بومبىسى ئاتقان.

گېنېرال رۇدى سۇفارىئادى «بىنار خەۋەرلەر» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» نىڭ 2 ئەزاسىدىن بىرى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلدى. يەنە بىرى م-16 تىپلىق قورال بىلەن قېچىپ كەتتى» دېگەن.

سۇفارىئادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خادىملار نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئەزاسىنىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىبراھىم ھەققىدىكى ئۇچۇرىنىڭ ناھايىتى كەمتۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جاكارتا ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: «ھىندونېزىيە ھاكىمىيىتى بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جېنىنى ئەيىبلەپ ئالغان ۋاقتىدا شۇنىڭغا چۇشلۇق بىر نەرسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئاشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئۇيغۇرلارنى ئاتتۇق، ئۆلتۈردۇق، تۇتتۇق، دېدى. ئەمما، ھېچقانداق بىر دەلىل-ئىسپاتنى خەلقئاراغا كۆرسەتكىنى يوق. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى نېمە، قەيەردىن كەلگەن، قاچان كەلگەن، قانداق كەلگەن، قاچان بۇلارغا قوشۇلغان، نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ بۇلار توغرىلىق ھېچقانداق بىر نەرسە بەرمىدى. بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.»

لېكىن، ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلىدى. ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى ئاردىئان پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا : «بۇ، بىزنىڭ ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئاۋۋال بۇ تېررورلۇق گۇرۇھىغا قارشى باشلىغان بىر پۈتۈن ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. مەن شۇنى تەكىتلەپ قوياي، بىز ھازىر تېررورلۇق تەھدىتىدىن تېخىمۇ بىخەتەر ئەھۋالغا كەلدۇق» دېدى.

لېكىن ئاردىئان يەنە، ھەرقانداق ھەرىكەت قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «بۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تېررىتورىيەمىزدىكى تېررورلۇقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تىرىشچانلىقىمىزنى، تېررورلۇققا قارشى قاتتىق ۋە يۇمشاق قول ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن مەن ھەرقانداق ھەرىكەت بىزنىڭ قانۇنىمىز دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە بىزنىڭ تېررىتورىيەمىزدىكى تېررورلۇققا تاقابىل تۇرىدۇ.

لېكىن، كونكرېت ھادىسىلەر كونكرېت ھەل قىلىنىدۇ. مەن ھازىر ئەلچىخانىمىزنىڭ ساقچى ئىشلار مۇشاۋۇرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىشقا ئېھتىياجلىق. شۇنىڭغىچە مەن خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن. كونكرېت مەسىلىلەرگە مەن ئۇنىڭدىن تولۇق ئۇچۇر ئالغاندىن كېيىن جاۋاب بېرەلەيمەن» دېدى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىبراھىم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنىڭ «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلار» تەشكىلاتىدىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. «بىنار خەۋەرلىرى»نىڭ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبراھىم 2015‏- يىل 4‏- ئايدا باشقا 5 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن يەرلىك ئۆلىما سانتوسۇ باشچىلىقىدىكى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلار» تەشكىلاتىغا كېلىپ قاتناشقان.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇ بەشەيلەننى ھىندونېزىيە ئامانلىق بىلەن بىلەن بولغان تونۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ سىياسىتى بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «ھىجرەت»كە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئۇلار ئۈچۈن بىردىن‏- بىر يول بولۇپ قالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىزدەش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار باشقا بىر يول ئىزدەشكە مەجبۇرلاندى. ئاخىرى ئۇيغۇرلار ئېتىقادى بىرلىكى بار شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا تەرەپنى ئىزدەشكە مەجبۇرلاندى» دېدى.

لېكىن ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەزىيەت بەزى ئۇيغۇرلارنى رادىكال گۇرۇھلارغا قېتىلىپ قېلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ، «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل رادىكال گۇرۇھلارغا قېتىلىپ قېلىشىنى توغرا، دەپ قارىمايمەن» دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن: «ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلەرگە كەلگەندە كۆپىنچىسىنىڭ قانۇنى سالاھىيىتى يوق. بۇلار بىر جامائەتكە قوشۇلالمايدۇ بۇ دۆلەتلەردە. چۈنكى، بىرىنچىسى، بۇلاردا تىل يوق. يەنە بىرى، بۇلاردا كىنىشكا يوق. ئەمدى بۇنداق )رادىكال( تەشكىلاتلار بۇ ئۇيغۇرلارغا بىر مەزگىل ئەركىن ياشاش مۇھىتىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى مەن توغرا، دېمەيمەن. ئەمما لېكىن، ئۇلار ئامالسىزلىقتىن تاللىغان بولسا، ئۇلارنى ئەيىبلىيەلمەيمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ تاللىشىنى توغرا ئەمەس دەيمەن. چۈنكى، پۈتۈن دۇنيادا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، شۇ دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت قوغلاپ يۈرۈۋاتقان تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن تارتىپ ھەممىنى تەۋەككۈلچىلىككە قويغان بولىدۇ» دېدى.

«بىنار خەۋەرلىرى»نىڭ جاكارتادىكى مۇخبىرىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئىبراھىمنىڭ جەسىتى مەركىزى سۇلاۋاسى ئۆلكىسىنىڭ ئاستانە شەھىرى‏- پالۇدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

ئۇ، ھازىر ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىبراھىمنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ۋە مېيىتىغا ئىگە بولۇشقا مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ساقچىلار ئىبراھىم ۋە ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر، ئەسلى تۈركىيەگە ماڭغان، ئەمما تۈركىيەگە يول تاپالماي «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى»غا قوشۇلغان. ئۇ، بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلار»گۇرۇھى بىلەن تونۇشقانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/hindoneziye-uyghur-08182016134144.html

Share
1005 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.