logo

trugen jacn

ھىجرەت ۋە جىھاد

Enes-Karı

ئەنەس ئالىموغلى

 

كىرىش سۆز

بىسمىلالھىر رەھمانىر رەھىم

بىزنى نىجات يولىغا باشلىغان ۋەمەنپەئەتلىك بولغان ھەر ئىشقا يېتەكلىگەن،بىزنى ھالاكەت يولىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋەزىيانلىق بولغان ھەر ئىشتىن توسقان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان (تەقۋادار)لارغا بولسۇن. ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.

ھىجرەت ۋە جىھاد ئىسلام دىنىدا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن ئىبادەتلەرنىڭ قاتارىدا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرى بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى ئىبادەتكە باشقىلارنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكىدە ئۆزىمۇ ھىجرەت قىلغان، جىھاد قىلغان. شۇڭا بۇ ئىككى ئىبادەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ساۋابلىق ئىشلار دەپ بىلىنىدۇ، شۇنداقلا قىلغۇچىلار ھۆرمەتلىنىدۇ.

دەرۋەقە ئىسلام دىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ ئىككى ئىبادەت ئارقىلىق ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ يەر شارىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن جاھىلىيەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ئىمان نۇرى، دىيارلىرىغا ئىسلام ئادالىتى كىرگەن. بۇ ئىككى ئىبادەت قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسەن قىلىنسا مانا مۇشۇنداق نەتىجىلەر چىقىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىككى ئىبادەت قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسەن قىلىنمىسا، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلدۇق دەپ ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ، نۇرغۇنلىرى جىھاد قىلدۇق دەپ جان ۋە ماللىرىدىن ئايرىلىدۇ،شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزۈپ قويىدۇ، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىسلامدىن نەپرەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

دېمەككى، ھىجرەت ۋە جىھاد توغرا شەكىلدە قىلىنسا قىلغانلارغا ساۋابى، قىلمىغانلارغا پايدىسى بولىدۇ، خاتا شەكىلدە قىلىنسا قىلغانلارغا گۇناھى، قىلمىغانلارغا زىيىنى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئىبادەت ھەققىدىكى مەلۇماتى قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسلانمىغانلار ياخشى نىيىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئەڭ كۆپ ئالدىنىدۇ، زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

 

 

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بۇ ئىبادەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى قۇرئان-ھەدىسكە توغرىلىشى كېرەك.شۇنى بىلىشى لازىمكى، رەھبىرى قۇرئان بولمىغان كىشىنىڭ ھەمراھى شەيتان بولىدۇ، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ئىش قىلدىم دەپ خاتا ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَنْيَعْشُعَنْذِكْرِالرَّحْمَنِنُقَيِّضْلَهُشَيْطَانًافَهُوَلَهُقَرِينٌ.وَإِنَّهُمْلَيَصُدُّونَهُمْعَنِالسَّبِيلِوَيَحْسَبُونَأَنَّهُمْمُهْتَدُونَ

«كىم رەھماننىڭ قۇرئانىدىن[1] يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36-38.

نەتىجىدە ئۇ ئۆزىگىمۇ قىلىدۇ، باشقىلارغىمۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىبادەتلەر ناماز-روزىغا ئوخشاش قىلغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىلا قالماستىن، بەلكىدە ئۇلارنىڭ بىر ئۇچى باشقىلارغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ.

 

 

 

مۇقەددىمە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَلْ أَتَى عَلَى الْإِنسَانِ حِينٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْئًا مَّذْكُورًا (1) إِنَّاخَلَقْنَاالْإِنْسَانَمِنْنُطْفَةٍأَمْشَاجٍنَبْتَلِيهِفَجَعَلْنَاهُسَمِيعًابَصِيرًا (2) إِنَّاهَدَيْنَاهُالسَّبِيلَإِمَّاشَاكِرًاوَإِمَّاكَفُورًا (3)

«ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىكىر قىلىنغۇچىبىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زاماندىن بىر مۇددەت كەلدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق.شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ»- ئىنسان 76/1-3.

ئەسلىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، پەقەتلا ئاللاھ تائالا بار ئىدى[2]. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان بىر زاماندا ئۆزى خالىغان شەكىللەردە كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتتى[3]، ئاندىن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككى ئىنساندىن باشقا ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتتى[4].

ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدى[5]، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى-يامان يولنى كۆرسەتتى[6]، شۇنداقلا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەردى[7]. ئۇ بۇ ئىختىيارى بىلەن يا ياخشىنى تاللاپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ ياكى ياماننى تاللاپ تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئىنسان ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان ئىنسانكاپىر بولىدۇ. خالىغان ئىنسان نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ، خالىغان ئىنسان ئەقىل بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ[8].

نەتىجىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بولىدۇ: بىرى ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنشۈكۈر قىلغۇچى ئىنسانلار، يەنە بىرى نەپسىگە بېرىلگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنتۇزكورلۇق قىلغۇچى ئىنسانلار. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كۈرەش بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى شۈكۈر قىلغۇچىتەرەپياخشىلىق قىلىدۇ، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ[9]. تۇزكورلۇق قىلغۇچىتەرەپ يامانلىق قىلىدۇ، يامانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يامانلىققا دەۋەت قىلىدۇ[10].

بۇ كۈرەش بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى (قىتال) شەكلىدە بولىدۇ[11]، بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىگەنلىكسەۋەبىدىن شۈكۈرقىلغۇچى تەرەپنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا بىر يەرگە كۆچۈپ كېتىشى (ھىجرەت) شەكلىدە بولىدۇ[12].

تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، ئۇلارنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشىپەقەت ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈنلا بولغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغۇچىتەرەپكە تاجاۋۇزچى كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن[13]، ھەتتا ئەمىر قىلغان[14]، ھىجرەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان،شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنى ۋە بۇ ھىجرەتنى ئىبادەت ھېسابلىغان ۋە قىلغۇچىلارغا كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلغان[15].

دېمەككى، جىھاد ۋە ھىجرەت ئەسلىدە ئىبادەتتۇر، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاتالغۇلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭبۇ ئىشلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدىن ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئۆگىنىشى لازىم، بولمىسا بۇ ھەقتە خاتا چۈشەنچىلەردە بولۇپ قېلىشى، شۇنداقلا يامان ئىشلارنى سادىر قىلىشى تەبىئىيدۇر. شۇڭا بىز بۇ توغرىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ ماقالىنىتەييارلاپ چىقتۇق. ماقالىمىز ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرىنچى بۆلۈم ھىجرەت، ئىككىنچى بۆلۈم جىھاد، ئۈچىنچى بۆلۈم سوئال-جاۋابلار.

تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

1- ھىجرەت

ئا- «ھىجرەت»نىڭ مەنىسى

لۇغەتتە «ھىجرەت» سۆزى «تەرك ئەتمەك، ئايرىلماق، مۇناسىۋەتنىئۈزمەك» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ھەجر، ھىجران» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ مەنىسى «كىشىنىڭ بىر نەرسىدىن بەدىنى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ۋە ياكى قەلبى بىلەنئايرىلىپ يىراقلىشىشى» دېگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ سۆز (ھىجرەت) «بىر يەرنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يەرگە كۆچمەك» دېگەن مەنىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز دىنىئاتالغۇدائومۇمەن غەيرىمۇسۇلمانلاردىيارىدىنئىسلامدىيارىغاكۆچۈپبېرىشنى،خۇسۇسەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭۋەمەككىلىكمۇسۇلمانلارنىڭمەدىنىگەكۆچۈپبېرىشىنىئىپادىلەيدۇ[16].

ئە- ھىجرەتنىڭ ھۆكمى

بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىشى مۇھىمدۇر. ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشالمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا فَأُولَئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَسَاءَتْ مَصِيرًا

«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنىۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھىجرەت قىلساڭلارئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»- نىسا 4/97.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىيالمىغانلار دىنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلمىسا دوزاخقا تاشلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا قادىر بولالمىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئىككى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا. فَأُولَئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا﴾

«پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەكقىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/98-99.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن قادىر بولالىغانلارنىڭ دەسلەپتە ھەبەشىستانغا، كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان[17]. قادىر بولالمىغانلار مەككىدە قالغان. ئۇلار تا مەككە پەتىھ بولغانغا قەدەر مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان[18].

ب- ھىجرەتنىڭ شەرتى

ھىجرەتنىڭ ئۈچ شەرتى بار:

1-ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشى ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغان تەقدىردە زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇشى.

2- دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينىڭ بولۇشى ۋە ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇ جاينى بىلىشى.

3- ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان جايغا بېرىشقا قادىر بولۇشى.

بۇ شەرتلەرنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت توغرىسىدابەرگەن يوليورۇقلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھىجرەت شەكلى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ[19]. بۇ شەرتلەرگە دالالەت قىلىدىغان باشقا دەلىللەر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق»[20]. چۈنكى مەككە پەتىھ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەندىشىسى قالمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھىجرەت توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بۈگۈن ھىجرەت يوق. بۇرۇن مۇئمىن زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ دىنى بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرەپكە قاچاتتى. لېكىن ھازىر ئاللاھ تائالا ئىسلامنى غالىب قىلدى. مۇئمىن كىشى پەرۋەردىگارىغا خالىغان يېرىدە ئىبادەت قىلالايدۇ».[21]ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشتىن ئىبارەت بولغان ھىجرەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇش» شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاللاھ تائالا نىسا سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىدە ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ، 98- ۋە 99- ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، 100- ئايىتىدە بولسا ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە دەرىجىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَنْ يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا

«كىم ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، زېمىندا پاناھلىنىدىغان كۆپ جاي ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلىپ  چىقىپ ئۆلۈپ قالىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/100.

دېمەككى، ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ تارچىلىقتا ياشىغان، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينى تاپقان ۋە ئۇ جايغا كېتىشكە قادىر بولغان كىشى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان يېرىنى تاشلاپ مەزكۇر جايغا بارسا، ئۇ جايدا پاناھلىنىدىغان كۆپ يەر ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ، ناۋادا ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ.

 

 

بۇ ئايەتمۇ كۆرسىتىدۇكى، ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشى ياشاۋاتقان يېرىدە پاناھلىنىدىغان يەر تاپالمايدۇ، تارچىلىقتا ياشايدۇ، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا كېتىشكە قادىر بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇ جايغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ، يولدا ئۆلۈپ قالمىسا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا پاناھلىنىشقا يەر تاپىدۇ ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن، ھەجگە كەلگەن بىرقانچە مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار (چۈنكى مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەدىنىلىكلەر مۇسۇلمان بولغان) بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا ئىككى قېتىم توختام تۈزۈشكەن.

ئۇلار بۇ توختامدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ھەرقانداق شارائىتتا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا پۇل–مال چىقىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا ھېچكىمدىن قورقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە خوتۇن–بالىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداش قاتارلىقلار»غا قەتئىي ۋەدە بەرگەن.[22]

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھىجرەتنىڭ يەنى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىشتا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

پ- ھەبەشىستانغا ھىجرەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلىرىنىڭ مەككىدە مۇشرىكلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان[23]، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى[24].

شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قېتىمدائوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشچىلىقىدا 12 ئەر ۋە 4 ئايال، ئىككىنچى قېتىمدا83 ئەر، 18 ياكى 19 ئايال ساھابە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان[25].

ت- مەدىنىگە ھىجرەت

ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنى يولدا توسالمىغانلىقى ۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەن مۇشرىكلار مەككىدە قالغان مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلايدۇ، ئۇنى پۈتۈن يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن بىر جىلغىغا 3 يىل قامايدۇ، بۇ ئەسنادا ئۇنىڭ تەسەللىيچىسى بولغان ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھىمايىچىسى بولغان تاغىسى ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇملىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. لېكىنئۇ يەنىلا تۇغۇلغان شەھىرىمەككىنى تەرك ئەتمەيدۇ، شۇنداقلا ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەنە شۇ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەر پۇرسەتتەتەبلىغ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھەج مەۋسۇمىنى بەك چىڭ تۇتىدۇ. بىر ھەج مەۋسۇمىدە مەدىنىدىن[26] كەلگەن ھاجىلاردىن بىرقانچە كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، بۇلار پەيغەمبىرىمىزگە يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش توغرىسىدا ئەھدە بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ياش ساھابە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنى قوشۇپ مەدىنىگە ئەۋەتىدۇ. كېيىنكى يىلى يەنەمەدىنىدىن كەلگەن ھاجىلاردىن كۆپ كىشىلەر مۇسۇلمان بولۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ.

ئەنە شۇلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەلچىسى بولغان مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبلىغى بىلەنمەدىنە شەھىرىئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن يورۇشقا باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇ شارائىتتا ئاندىن مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ[27].

ئاندىن ساھابىلەردىن قادىر بولالىغانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇشرىكلارنى چۆچۈتۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككە مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلىپ كېڭەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يىغىندا ئەزالار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشىشلاردىن كېيىن مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەرھال ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىدۇ.

بۇ ئەسنادا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، مەزكۇر قارارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ[28].ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇنۇ تەييارلىقلارنى قىلىدۇ:

1- ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئېيتىدۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

2- سەپەر ئۈستىدە يەتكۈدەك ئوزۇق تەييارلايدۇ.

3- مىنىش ۋە يۈك-تاقلىرىنىئارتىش ئۈچۈن ياخشى ئىككى ئۇلاغ تەييارلايدۇ.

4- يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ماھىر بىر يېتەكچى بىلەن پۈتۈشىدۇ[29].

پۈتۈن بۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېچە بولۇشىنى ساقلايدۇ ۋە كېچە بولغاندا ئورنىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ناھايىتى دىققەت بىلەن يولغا چىقىدۇ، شۇنداقلا كۆزلىگەن مەنزىل مەدىنە شەھىرىگە ساق-سالامەت يېتىپ بارىدۇ[30].

ج- ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار

سۈرە نىسانىڭ 98- ۋە 99- ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 6– يىلى مەككىگە بارغاندا،مەككىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان نۇرغۇن ئەر–ئايال مۇئمىنلارنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

﴿وَهُوَالَّذِيكَفَّأَيْدِيَهُمْعَنْكُمْوَأَيْدِيَكُمْعَنْهُمْبِبَطْنِمَكَّةَمِنْبَعْدِأَنْأَظْفَرَكُمْعَلَيْهِمْوَكَانَاللَّهُبِمَاتَعْمَلُونَبَصِيرًا (24) هُمُالَّذِينَكَفَرُواوَصَدُّوكُمْعَنِالْمَسْجِدِالْحَرَامِوَالْهَدْيَمَعْكُوفًاأَنْيَبْلُغَمَحِلَّهُوَلَوْلَارِجَالٌمُؤْمِنُونَوَنِسَاءٌمُؤْمِنَاتٌلَمْتَعْلَمُوهُمْأَنْتَطَئُوهُمْفَتُصِيبَكُمْمِنْهُمْمَعَرَّةٌبِغَيْرِعِلْمٍلِيُدْخِلَاللَّهُفِيرَحْمَتِهِمَنْيَشَاءُلَوْتَزَيَّلُوالَعَذَّبْنَاالَّذِينَكَفَرُوامِنْهُمْعَذَابًاأَلِيمًا (25)

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.

بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ھىجرەت قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ تۇرۇپ ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلارنىڭ كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2- جىھاد

بۇ سۆز ئۇيغۇرچىغائەرەبچىدىن «دىن يولىدىكى ئۇرۇش» دېگەن مەنىسى بىلەن كىرگەن. ئەسلىدە بۇ مەنە خاتا ئەمەس، لېكىن بۇ جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. چۈنكى «دىن  يولىدا ئۇرۇش» جىھادنىڭ مەنىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتتا جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ھۆكمى، شەكىللىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

ئا- جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

«جىھاد» دېگەن سۆز «كۈچ سەرپ قىلماق، تىرىشماق، بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سالماق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت قىلماق، قىيىنچىلىقلارغا قارشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەك، بىر ئىشنى قىلىپ چارچىماق، مۇشەققەت چەكمەك، كۈچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار» دېگەن مەنىلەردىكى «جەھد، جۇھد» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ،ئىسلامىي تېرمىنولوگىيىدە «ئىسلامىي ئەمىرلەرنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياشىماق ۋە باشقىلارغا ئۆگەتمەك، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسماق، ئىسلامنى تەبلىغ قىلماق، نەپسكە ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلماق، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى، قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسەتمەك، بۇ يولدا قىزىق ۋە سوغۇق ئۇرۇشقا كىرمەك» دېگەن شەكىلدىكى ئومۇمىي ۋە ئەتراپلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا جىھاد ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتلەرنى ئاللاھ يولىدا ئىشلەتمەك ۋە ئۇ يولدا پىدا قىلماقتۇر.جىھاد دېگەن سۆز فقىھ تېرمىنولوگىيىسىدە كۆپرەك «مۇسۇلماننىڭ غەيرىيمۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ[31].

ئە- جىھادنىڭ ھۆكمى

جىھاد قىلىش پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ …

«ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار…»- ھەج 22/78.

﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُوْلَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ

«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن، ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»- ھۇجۇرات 49/15.

بىرىنچى ئايەتتەئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە بولسا جىھادنىڭ مال بىلەن ۋە جان بىلەن قىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت ۋە جىھاد توغرىسىدىكى باشقا ئايەت-ھەدىسلەردىن جىھادنىڭ بىرقانچەتۈرلۈك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

ب- دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد

ئىنساننىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۈشمىنى بار بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش جىھاد قىلغانلىقتۇر. مەزكۇر دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە:

1- دۈشمەن:نەپس ۋە ئۇنىڭغا قارشى جىھاد

نەپس تېزلا ھاسىل بولىدىغان راھەتنى خالايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدۇ، نەقنىكۆزلەيدۇ، كېيىن يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئويلىمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ[32]، شۇنداقلا قەلب (قەلب)نى ئەقىلگە بويسۇنۇشتىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆندۈرۈپ، بەدەننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ[33].مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى جىھاد قىلىش ئەڭ قىيىن جىھاددۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى زور، ئۆز نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى قىيىن، ئۆز نەپسىنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلماسلىقى تەستۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ غەلىبە قىلالمىغان كىشى دۈشمىنىگە قارشى جىھاد قىلىشقا ئۆزىدە كۈچ ۋە جاسارەت تاپالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي مۇجاھىد نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر»[34].بۇ مەنىدە كۆپ ھەدىس بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاتا ئارزۇلىرىغا، ھەتتا نەپسىنىڭ قۇرۇق ۋە مەنىسىز ئىستەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشىنىڭ «نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

نەپسكە قارشى جىھاد ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئەمەل قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَالْعَصْرِ. إِنَّالْإِنْسَانَلَفِيخُسْرٍ.إِلَّاالَّذِينَآمَنُواوَعَمِلُواالصَّالِحَاتِوَتَوَاصَوْابِالْحَقِّوَتَوَاصَوْابِالصَّبْرِ

«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»-103- سۈرە.

﴿وَأَمَّامَنْخَافَمَقَامَرَبِّهِوَنَهَىالنَّفْسَعَنِالْهَوَى.فَإِنَّالْجَنَّةَهِيَالْمَأْوَى

«كىم رەببىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقسا ۋە نەپسىنى ئارزۇلىرىدىنتوسسا، شۈبھىسىزكى، جەننەت ئۇنىڭ جايى بولىدۇ»- نازىئات 79/40-41.

2- دۈشمەن: شەيتان ۋە ئۇنىڭغا قارشى جىھاد

شەيتان نەپسنىڭمەشقاۋۇلىدۇر. ئۇ نەپسكە داۋاملىق سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرسىتىدۇ، ئۇ نەپسنى يامانلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ، نەخ پايدىغا ھەۋەسلەندۈرۈپ كېيىنكى زىياننى ئويلىماسلىققا تەشۋىق قىلىدۇ، پەرزلەردىنسوۋۇتۇپھاراملارغا قىزىقتۇرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ياندۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھتائالادىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك ياشاش ۋەدىسىنى ئالغاندا مۇنداق دېگەن:

﴿لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ

«مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىنۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكۈر قىلمايدۇ»- ئەئراف 7/16 – 17.

دېمەككى، شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا كەلگەن، ئۇ يولغا كىرگەن ۋە ئۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە دۈشمەن تۇتۇش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ

«شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ»- فاتىر 35/6.

شەيتانغا قارشى جىھاد ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَاء وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

«ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ۋە يامان سۆز-ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىنئام ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نۇر 24/21.

3- دۈشمەن: ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغان ئىنسانلار ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد

ھەر كىشىگە مەلۇمكى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغانلار كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلار بولۇپ، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىش پەرزدۇر. بۇ جىھاد ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1- ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاددۇر. چۈنكى پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى جاھالەتتۇر. ھەقكە يەتمەكچى بولغان كىشىنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى لازىم، ھەقنى يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنىڭمۇ كېرەكلىك ئىلىم بىلەن پۇختا قوراللىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ

«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»- نەھل 16/125.

ئىلمىي تەبلىغ ۋە ھېكمەتلىك دەۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلامىيەتتە تەبلىغ ۋە دەۋەت پائالىيىتىنىڭ ئىسمى «ئىلىم بىلەن جىھاد»دۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە «قۇرئان بىلەن جىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ فَلَاتُطِعِالْكَافِرِينَوَجَاهِدْهُمْبِهِجِهَادًاكَبِيرًا﴾

«كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن بۈيۈك جىھاد قىلغىن»- فۇرقان 25/52.

بۇ ئايەتتە قۇرئان بىلەن قىلىنغان جىھادنىڭ «چوڭ جىھاد» دېيىلىشى قۇرئاننىڭ ئىلىم بىلەن جىھاد قىلىشقا نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىلەن جىھاد قىلىش ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇنىڭدىكى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ھېچ نەرسىدىن قورقماستىن ۋە ھېچكىمدىن تارتىنماستىن ئۆز پېتى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ بىر تۈرلۈك جىھاددۇر، ھەتتا «چوڭ جىھاد»دۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش چوڭ جىھاددۇر»[35].

تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىش ئەسناسىدا«ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت»نىڭ پايدىسى بولماي، قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كېلىپ قالغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە» مۇنازىرىلىشىش كېرەك. يەنى كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ھەقنى ئۇيغۇن زاماندا، ئىلمىي يوسۇندا، چىرايلىق رەۋىشتە، تاتلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش، زېرىكمەي-تېرىكمەييەتكۈزۈش كېرەك. خۇددىبىر كېسەل ئادەمنى داۋالىماقچى بولغان دوختۇردەك سوغۇققانلىق ۋە سەۋرچانلىقبىلەن ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. مانا بۇ ئۇلارغا قارشى قىلىنغان جىھادنىڭ بىر تۈرىدۇر.

2- مال بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

مال بىلەن جىھاد قىلىش ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ھەر كىمگە مەلۇمكى، دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۇل-مال بەك مۇھىم. ھەقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، قوغدىلىشى ۋە غەلىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇل-مالنىڭ رولى چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، ھەقنىڭ مۇزەپپەر بولۇشى، ھەقىقەتنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ھەر تۈلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللارنى پىدا قىلىش «مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئايىتىدە «مال بىلەن ۋە جان بىلەن جىھاد» زىكىر قىلىنىدۇ[36]. ھەتتا بۇ بەزى ئايەتلەردە «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ[37].

«مال بىلەنجىھاد» قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىمدە بۇ قەدەر تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ساھابىلەر ئۆزلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرۇپ ئىلكىدىكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان[38].شۇڭا ئۇلارنىڭ مەردلىكى ۋە سېخىيلىقى تىللارغا داستاندۇر[39].

 

ساھابىلەردىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە مۇسۇلمان بايلارنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مەكتەپ-مەدرىسە ۋە مەسچىت-جامە سالدۇرۇشى، كىتاب باستۇرۇشى ۋە تارقىتىشى، ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، گۈللىتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ماددىي ياردەمدە بولۇشى… ئۇلارنىڭ «ئاللاھ يولىدا مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەر زامان، ھەر ماكانغا، شۇنداقلا قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.

3- جان بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

جىھاد قىلىش مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. ھەر مۇسۇلماننىڭ ئىلمى بىلەن ۋە مېلى بىلەن داۋاملىق جىھاد قىلىشى، يەنى ئىسلامنىڭ گۈللىنىشىۋە ھىمايە قىلىنىشى، ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشىپەرزدۇر. بەزىدە ئىسلام دىيارىنىڭ قوغدىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ياكى قۇتقۇزۇلۇشىئۈچۈن قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ جىھاددۇر ۋە شەرتى توشقاندا قەتئىي پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلْيُقَاتِلْفِيسَبِيلِاللَّهِالَّذِينَيَشْرُونَالْحَيَاةَالدُّنْيَابِالْآخِرَةِوَمَنْيُقَاتِلْفِيسَبِيلِاللَّهِفَيُقْتَلْأَوْيَغْلِبْفَسَوْفَنُؤْتِيهِأَجْرًاعَظِيمًا (74) وَمَالَكُمْلَاتُقَاتِلُونَفِيسَبِيلِاللَّهِوَالْمُسْتَضْعَفِينَمِنَالرِّجَالِوَالنِّسَاءِوَالْوِلْدَانِالَّذِينَيَقُولُونَرَبَّنَاأَخْرِجْنَامِنْهَذِهِالْقَرْيَةِالظَّالِمِأَهْلُهَاوَاجْعَلْلَنَامِنْلَدُنْكَوَلِيًّاوَاجْعَلْلَنَامِنْلَدُنْكَنَصِيرًا (75)

«دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتائەجىر ئاتا قىلىمىز. ئى مۇئمىنلار! سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشمايسىلەر؟ نېمىشقا‹رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم كەنتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر دوست ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىزئەر، ئايال ۋە بالىلارنىقۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇشمايسىلەر؟»- نىسا 4/74-75.

﴿وَقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ﴾

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.

﴿يَاأَيُّهَاالَّذِينَآمَنُواقَاتِلُواالَّذِينَيَلُونَكُمْمِنَالْكُفَّارِوَلْيَجِدُوافِيكُمْغِلْظَةًوَاعْلَمُواأَنَّاللَّهَمَعَالْمُتَّقِينَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە بىر قوپاللىق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»- تەۋبە 9/123.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئىسلام دىيارىنى قوغداش، مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ياكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە بۇنىڭ شەرتىنى بەلگىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

1- ﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدْوَّ اللّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لاَ تَعْلَمُونَهُمُ اللّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لاَ تُظْلَمُونَ﴾

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»- ئەنفال 8/60.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ «قۇۋۋەت»نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھەدىسى مۇنداق:

ئۇقبەتەبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «بىلىڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى[40].

دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مەزكۇر دۈشمەنلەرنى ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتۇر. بۇلارنى ياساش، ئۇلار بىلەن دۈشمەننى ئېتىشنى ئۆگىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان پۈتكۈل لازىمەتلەرنى قىلىش «قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق»تۇر، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا دۈشمەنگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئېتىلىدىغان قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە زامانىۋىشەكىلدە ياساش، ئەسكەرلەرنى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارغا ئايرىپ يېتىشتۈرۈش،يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە پۇختا ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق» بولىدۇ.

 

 

دۈشمەنگە قارشى «تەييارلانغان قۇۋۋەت» ئەنە شۇ سەۋىيەدە بولۇپ ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە باشقا پۈتۈن دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان، ئۇلارنى مۇسۇلمانغا چېقىلىشتىن، ئىسلام دىيارىغا كۆز تىكىشتىن تەپ تارتقۇزىدىغانھالەتتە بولۇشى لازىم. مانا بۇ جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنىڭ بىرىنچى شەرتىنى ھازىرلىغانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ[41].

2- ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ يَغْلِبُواْ أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَفْقَهُونَ. الآنَ خَفَّفَ اللّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُواْ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللّهِ وَاللّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ

«ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى ۋە سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇندىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىككى مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- ئەنفال 8/65-66.

ئاللاھ تائالا65- ئايەت ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇسۇلمان ئەسكەر سانىنىڭ دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ 10 دا بىرىگە تەڭ كەلگەندە ئۇرۇش قىلىش پەرز» بولۇشتىن ھۆكمىنى 66- ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «مۇسۇلمان ئەسكەر سانى دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا ئۇرۇش قىلىش پەرز» بولىدىغانلىقىنى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ۋەزىپىنى يىنىكلەتكەن.

بۇ ئايەتلەر ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى: جىھاد ئىبادىتىنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن مەزكۇر قۇۋۋەتنى ھەر جەھەتتىن دۈشمەننىڭكىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە، دۈشمەن قورقىدىغان ئالاھىدىلىكتە تەييارلاش ۋە ئەسكەر سانىنى ئاز دېگەندە دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈش كېرەك.دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ سۇيىقەستىدىن ئەمەس، قورال كۈچىنىڭ ئىلغارلىقىدىن، ئەسكىرىنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن قورقۇشى لازىم. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن دىننى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەبچى بولۇشتۇر.

23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ ھەممىسى جىھاد بولغان پەيغەمبىرىمىز مەككىدىكى 13 يىللىق ھاياتىدا ھېچ ئۇرۇش بولمىغان، مەدىنىدىكى 10 يىللىق ھاياتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 60 قېتىم ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 2000 (ئىككى مىڭ) دىن ئاشمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئەمەس، مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشلىرىدۇر.

دېمەككى، پەيغەمبىرىمىز مەجبۇر قالمىغۇچە ئۇرۇش قىلمىغان، تەييارلىق پۈتمىگۈچە ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن. مەككىدىكى چېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان بىلەن جىھاد قىل» دېگەن ئەمرى بويىچە جىھادنىڭ ئىلىم بىلەن بولىدىغان قىسمىنى ئىجرا قىلغان، ھەقكە ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلغان، ئاندىن ھەقنى باشقىلارغا ئۆز پېتى يەتكۈزگەن، بۇ يولدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان. ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش (تەبلىغ)، غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن مەككىنىڭ چوڭلىرى تەكلىپ قىلغان پادىشاھلىق، بايلىق ۋە باشقا دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى قولىنىڭ كەينى بىلەن رەت قىلغان[42].

3- سوئال-جاۋابلار

سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېرەكمۇ؟

سوئال: ھەممىزگە مەلۇم 2011- يىلى سۇرىيەدە ئۇرۇش پارتلىغان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سۇرىيەگە بېرىپ ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب:ئالدى بىلەن سۇرىيەدە بولمىسۇن ياكى باشقا بىر جايدا بولمىسۇن كۈنىمىزدە بولۇۋاتقانئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى، كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى، ئەتراپىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيەۋى مۇھىتنى بىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇ ئۇرۇشلار مۇسۇلمانلار بىلەن تاجاۋۇزچى كاپىرلار ئارىسىدا بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار بولسا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزىنى مۇسۇلمانلاردىن توسۇش ئۈچۈن قادىر بولالىغانلارنىڭ ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى لازىم. ناۋادا ئۇ ئۇرۇشلار بىر ۋەتەننىڭ قانداش ۋە قېرىنداش بولغان ئەۋلادلىرى ئارىسىدا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش بولسا، ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

بىلىشىمىز لازىمكى، بۈگۈن دۇنيادا بىر ۋەتەننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا مەزھەپ ياكى ئىرق پەرقى تۈپەيلىدىن ۋە ياكى ئىش بېشىدىكىلەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنداق ئىچكى ئۇرۇشلار بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبىدىن مىليونلارچە مەسۇم خەلق ھەر جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئەسلىدە«ئىسلامىي جىھاد» باشقا، «ئىچكى ئۇرۇش» باشقىدۇر. چۈنكى ئىسلامىي جىھادنىڭ غايىسى قارشى تەرەپنى قۇتقۇزۇۋېلىش، ياشىتىش، ھەر جەھەتتىن جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭ دىلىغا ئىمان نۇرى كىرىپ يورۇشىغا، دىيارىغا ئىسلام ئادالىتى كىرىپ گۈللىنىشىگە سەۋەبچى بولۇش، شۇنداقلا ئۇنى دوستقا ئايلاندۇرۇپ سەپكە قوشۇشتۇر. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غايىسى بولسا، قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈش، يوق قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشتۇر.

سۇرىيەدە 2011- يىلى باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان مەزكۇر ئۇرۇش، دەسلەپتە دۆلەت باشلىقى بەششار ئەسەدنىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىبدات ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت تۈزۈمىگە قارشى قوزغالغان خەلقنى نامايىش مەيدانلىرىدا ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قوغداش مەقسىتى بىلەن قوراللانغان بىر قىسىم ياشلار بىلەن ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدا باشلانغان بىر ئىچكى ئۇرۇشتۇر. كېيىن ئۇلارغا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرگىلى ئۇنىمىغان بىر بۆلۈك ئەسكەرلەر قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئارىسىدا قالدى، بىر تەرەپ ئەسەدنىڭ ئارمىيەسى، يەنە بىر تەرەپ قوراللانغان خەلق بىلەن دۆلەت ئارمىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان «ئازاد سۇرىيە ئارمىيەسى».

 

 

مەزكۇر ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بەزىلەر ئۇ ئۇرۇشنى «ئىسلامىي جىھاد»، ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى پەرز ھېسابلاپ سۇرىيەگە كەلدى. كەلگەنلەر «ئازاد سۇرىيە ئارمىيەسى»گە قوشۇلۇپ ھەممىسى بىر گەۋدە بولۇپ ئەسەدكە قارشى ئۇرۇشۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئالدىغا قىسىملار قۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆزئارا ئۇرۇشۇشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇرۇشۇۋاتقان ئەجنەبىي قىسىملارنىڭ ئىچىدە سۇرىيە خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇۋاتقانلارمۇ بار. چۈنكى ئۇلار كىم دۈشمەن، كىم دوست بىلمەيدۇ، يەرلىك تىلنى ئۇقمايدۇ، بەلكىدە ئەرەبچىنى بىلمەيدۇ. شۇنداق، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتىدۇ، ئەسەدنىڭ تەختى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ. نەتىجە:

پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزلىرى ئالدىدا سۇرىيەنىڭ خەلقى قالايمىقان ئېتىلغان بومبا ۋە ئوقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۆلمەي قالغانلىرىنىڭ قاچالىغانلىرى تۈركىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق، لىۋان ۋە مىسىرگە ئوخشاش قوشنا ئەللەرگە كېلىپ پاناھلىق ئىزدەۋاتىدۇ. سۇرىيەنىڭ شەھەرلىرى خاراب قىلىنىۋاتىدۇ، مەھسۇلات مەنبەلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سۇرىيەدە بولۇۋاتقانلار ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. يەنى بۈگۈن سۈرىيەدە بولۇۋاتقان ئۇرۇش «ئىسلامى جىھاد» بولماستىن، بەلكىدە بىر ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئەمەس، ئۇنى توختىتىش كېرەك.

مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى نېمە

سوئال: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار خارلىقتا، قىيىنچىلىقتا ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار زالىملارغا قارشى قوزغالغان بولسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇپ ، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[43]دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە مۇئمىنلارغىمۇ ئىززەت ۋەدە قىلغان،«ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر»[44]دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە بولسا، مۇئمىن بولغانلارنىڭ غالىبلىق ماقامىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ مۇئمىنلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَآمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُم فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْأَمْناً يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئاً وَمَن كَفَرَ بَعْدَذَلِكَ فَأُوْلَئِكَهُمُ الْفَاسِقُونَ

 

«ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، خۇددى ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر»- نۇر 24/55.

بۇ ئايەت ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىندا ھۆكۈمران قىلىشنى، دىنىنى مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇئمىنلار ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان مۇئمىنلاردۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەق، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ.

ئۇنداقتا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خارلىقتا، قىيىنچىلىقتا ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، زالىملارغا قارشى قوزغالغان بولسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيۋاتقان مۇسۇلمانلار» ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە سۈپەتلەنگەن مۇئمىنلار ئەمەستۇر.

چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇ!» بىلەن باشلانغان بىر كىتابنىڭ ئېتىقادچىسى، «بۆشۈكتىن، تۆشۈككىچە ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان»[45] بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى تۇرۇپ ئوقۇمىغان، ئۆگەنمىگەن، كەشىپ-ئىجادىيەت ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتمىغان پاسسىپ مۇسۇلمانلاردۇر.

چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (كىتابىغا)[46]مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»[47] دەۋاتسا، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ ئۆز مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان، ئاللاھ تائالا «سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى ئۈلگە»[48] دەۋاتسا، ئۆز مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى، ئۆز تەرىقىتىنىڭ پېشۋاسىنى ئۈلگە قىلىۋالغان مۇسۇلمانلاردۇر.

دېمەك، ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مۇئمىن دەپ تونۇلۇش ۋە ياكى مۇئمىنلارنىڭ نەسلى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇئمىنلىقتۇر.

تارىخ بويىچە ئىززىتى خورلۇق بىلەن، غالىبلىقى مەغلۇبلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان مۇئمىنلار قۇرئان كەرىمدە تونۇتۇلغان مۇئمىنلار ئەمەس، بەلكىدە ئەنە شۇنداق مۇسۇلمانلاردۇر.

بۈگۈن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە مۇسىبەتلەر كەلمەكتە: قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا، ئۇلار قاچماقتا، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلماقتا، تۇتۇلماقتا، زىندانلارغا تاشلانماقتا. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پۈتۈن بۇلارنىڭ سەۋەبى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئۇ مۇئمىنلار بولماسلىقىدۇر. يەنى بۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاللاھنىڭ كىتابىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغانلىقى، رەسۇلۇللاھقا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەگەشمىگەنلىكىدۇر.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىشلاردىن تەلەپكە لايىق دەرىجىدە يىراق تۇرمىدى، قۇرئان كەرىم قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سالمىدى، قۇرئان كەرىم بايان قىلغان قىسسىلەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىبرەت ئالمىدى، رەسۇلۇللاھقا تولۇق ئەگەشمىدى، قىسقىسى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ھاياتىنى قۇرئان-ھەدىسكە قارىتا شەكىللەندۈرمىدى. ئەكسىچە ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئوقۇشنى، رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى دوراشنى ئۈستىگە ئاسماندىن رەھمەت يېغىشى، ئالدىغا زېمىندىن بەرىكەت چىقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ چۈشەندى ۋە ئىشەندى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتتى، پەن-تېخنىكا ۋە كەشىپ-ئىجادىيەت ساھەلىرىدە باشقىلار بىلەن تەڭ ماڭمىدى، ئىشلىمىدى، يېدى، ئىچتى، ياتتى. لازىملىق نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى ياسىماي، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، ياسىغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىجاد قىلغان يېڭىلىقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنى باي قىلدى.

مۇسۇلمان بايلار بايلىقلىرىنى ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلقىنىڭ ئويغىنىشى، ۋەتىنىدە ئىلىم-بىلىمنىڭ گۈللىنىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ھۈنەر-سانائەتنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن سەرپ قىلمىدى. ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارنى ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر بىلەن جازالىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىشى سەۋەب، باشلىرىغا كېلىۋاتقىنى نەتىجە بولدى.

 

كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا كەلسەك، ئۇلارمۇ نەتىجىدۇر، سەۋەبى ئۇلارنىڭ قىلمىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلماننىڭ بايلىرى كەيپ-ساپا سۈرۈش بىلەن، باي بولمىغانلىرى قورساق بېقىش ئۈچۈن كونا قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەش بىلەن، ياشلىرى بىكارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. بۇنى پەرق ئەتكەن ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇ ئىلىمسىز مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىنى باشلىق قىلىپ قويدى. بۇ قولچوماقلارنىڭ زۇلۇم پىچاقلىرى ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىگە يەتكەندە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىشىپ ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ يوللارغا تۆكۈلدى، مەيدانلارغا چىقتى. نەتىجىدە ئۇلار يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كەمچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن غەلىبە قىلالمىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتمىدى، مۇسۇلمانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتتى.

كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا جاھىللىق ۋە نادانلىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۆزلىرىنى مۇجاھىد دەپ ئاتىۋالىدىغانلارنىڭ جىھاد چۈشەنچىسى جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسلانمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىسى «جىھاد قىلدۇق»دەپ بىر يەرنى پارتلىتىدۇ، بەزىسى بىر يەرگە ئوت قويىدۇ، بەزىسى بىر مەسۇم ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، بەزىسى بىر ئىجتىمائىي سورۇندا ۋەقە چىقىرىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسۇلمانغا پايدا كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورچى ئېلان قىلىنىشىغا، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش لازىملىقىنىڭ ياكى ئۇلارنى يوقىتىش لازىملىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.

ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى «ئىسلامىي جىھاد» ئەمەس، ئىسلام ئۇ ئىشلاردىن ئادا-جۇدادۇر. چۈنكى ئىسلام ھېچبىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەمەس، خاتالىقىغا قارشى تۇرىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى يوق قىلىشنى ئەمەس، ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. زېمىننى ۋەيران قىلىشنى ئەمەس، گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ باشلىرىغا قىلىچ تەڭلەپ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا بويسۇندۇرۇش يولىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىگە دەلىل تەڭلەپ ئۇلارنى ئىلمىي يوسۇندا قايىل قىلىش يولىنى تۇتىدۇ. قۇرئان كەرىمنى دىققەت بىلەن تەپەككۇر قىلغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنى ئىمان ۋە ئىنساب بىلەن تەتقىق قىلغان ھەر كىشى بۇنى بىلىدۇ.

نېمە ئىش قىلىمىز؟

سوئال: ھازىرقى زاماندا بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە تۇرۇپ جىھاد قىلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى يۇرت-ماكان ۋە ئۆي-مۈلۈكلىرىمىزنى تاشلاپ باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ھازىرقى زاماندا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا بىر جايغا كېتىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى ھىجرەت يۇرتنى تاشلاپ قارىسىغا «تەۋەككۈل»دەپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىش ئەمەس. بەلكىدە ھىجرەت ياشاۋاتقان يۇرتىدا قىلالمىغان ياخشى ئىشنى قىلىش غايىسى بىلەن، ئۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان بىر يۇرتنى ئالدىن ئوقۇشۇپ، ئۇ يەرگە بېرىشنىڭ يولىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ ئاندىن شۇ يۇرتقا بېرىشتۇر. ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت (ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنىگە قىلىنغان ھىجرەت)ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن يوليورۇق ۋە ئىجرا قىلغان تاكتىكىلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ[49].

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ جىھاد قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ جىھادى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان كاپىرلارنىڭ كۆزلىرىگە كىرگەن بىر تىكەن، يۈرەكلىرىگە سانجىلغان بىر يىڭنە بولۇپ ئۆز ماكانلىرىدا مەھكەم ئولتۇرۇشى، ۋەتىنى ئۇلارغا بىكارلاپ بەرمەسلىكى، ئوقۇشى، ئۆگىنىشى، بىلىم ئىگىسى بولۇشى، پەن-تېخنىكا ئىگىلىشى، شۇنداقلا ھايات يولىدا باشقىلار بىلەن ھەر جەھەتتە تەڭ ماڭالايدىغان سەۋىيەگە چىقىشى، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىشى ۋە ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدە يۈكسىلىشى قاتارلىقلاردۇر، خالاس[50].

ئۇلارنىڭ مەككە پەتھ بولۇشتىن ئىلگىرى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلار[51] ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كۈتۈپ مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغاندەك ياشىشى، پىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئىچىدە ئىمانىنى يوشۇرۇپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن پەيت كۈتكەن مۇئمىن[52] ئادەمدەك پەيت كۈتۈشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى لازىم. «ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[53]. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جىھاد ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق ھاياتىنىڭ تامامى جىھاد، لېكىن ھەممىسى ئۇرۇش ئەمەس. ھازىرقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇلارنى چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تونۇپ يېتىشى ئىنتايىن مۇھىم.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، «جىھاد»نىڭ مەنىسى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا مۇسۇلمان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ۋە ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىلمىنى، زېھنىنى، پىكرىنى، مېلىنى ۋە ئىناۋەت-ئابرۇيىنى سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمى شەرتى توشقاندا پەرز بولىدۇ[54].

بىز نېمە قىلدۇق؟

سوئال: بىز ئۇيغۇرلار كوممۇنىست ئىستېلاسىدىن كېيىن بىرقانچە قېتىم قوزغالغان بولساقمۇ ھەر قېتىملىق ھەرىكىتىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز ھەر كىمگە ئايان. بىز نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇق؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز مۇسۇلمان، دىيارىمىز ئىسلام دىيارى تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشايمىز؟

جاۋاب: توغرا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئىسلام دىيارىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. لېكىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار دىنى تەۋەررۈكلەرگە ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئىنسانىي ھەقلەرگە رىئايە قىلمايدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقلارغا پەرۋا قىلمايدىغان بىر زالىم ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىستېلا باشلانغاندىن تارتىپ ئىسلامىيەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ زالىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ھەر قېتىملىق ھەرىكىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، چۈنكى ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ياخشى نىيەت كېرەكلىك ئىلىم بىلەن، ئالىي غايە يېتەرلىك تەييارلىق بىلەن بىرلەشمىگەن، ئىشنىڭ بېشىدا ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسلىنىپ بىر پىلان تۈزۈلمىگەن، ئەقىل بىلەن ئەمەس، ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىنغان. شۇڭا ھەر قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى، مىڭلارچە ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، مىڭلارچىسىغا مۇددەتسىز، مىڭلارچىسىغا 10، 20 يىل قاماق جازاسى….

بىز ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن ئەنە شۇنداق زىيانلارنى تارتتۇق. بۈگۈن يەنە دىيارىمىزدا ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق تارىخ ئەينەن تەكرارلىنىۋاتىدۇ. دۈشمەنگە قارشى ئۆزىمىزنى قوغدايلى دەپ ياخشى نىيەت بىلەن يولغا ئاتلانلار ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۈسىگە توغرا قەدەم بېسىشنىڭ ئورنىغا يەنە نادانلىق قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن:

ئا- بەزىلەر: «خەلىپىلىك قۇرۇشىمىز لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ ۋە بۇ ھەقتە «تەبلىغ» قىلىپ يۈرۈپ ئەتراپىغا بەزىلەرنى يىغىۋاتىدۇ. ئۇ بەزىلەر بىلەن بۇ بەزىلەر بىر يەرگە يىغىلىشقاندا يەر شارىنى ئۆزلىرى يىغىلغان جاي دەپ ئويلاپ، خەلىپىلىكنى بۈگۈن-ئەتە قورۇپ تاشلايدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىشىدۇ-دە، سۆزلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتا سادىر قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە، ئائىلىسىگە ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

ئەگەر ئۇلار كۆزلىرىنى ئېچىپ يانلىرىغا بىر قارىسا، ئۆزلىرىنىڭ قورقماي ساقال بىلەن ياكى دوپپا بىلەن ۋە ياكى مىللىي ۋە دىنى سىمۋول بىلەن بىرەر ئىدارە-ئورگانغا كىرگىلى بولمايدىغان، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ئەركىنلىكلەرنىڭ ھېچبىرىگە ئىگە بولغىلى بولمايدىغان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى.

ئەگەر ئۇلار كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپىغا قارىسا بۇنداق سۆزنى (خەلىپىلىك قۇرۇش سۆزىنى) تېخى مىليونلارچە پىدائىيلىرى بولغان تۈركىيەلىك مەشھۇر «مۇجاھىد ئەرباكان»نىڭمۇ، تۈركىيەنىڭ 12 يىللىق باش ۋەكىلى (زۇڭلىسى) «مۇسۇلمان ئەردوغان»نىڭمۇ، مىسىرنىڭ ئاغدۇرۇلغان رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىينىڭمۇ دەپ باقمىغانلىقىنى كۆرەتتى.

ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانئۇنداق گەپنى تاشلاپ، ياشاۋاتقان جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىيەت ۋە شارائىتىدا مۇمكىن بولغان يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان بولاتتى. چۈنكى ئىسلام دىنى «ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[55]. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى قىلمىغان، «ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشىمىز لازىم» دەپ تەبلىغمۇ قىلمىغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقا، نامازلىرىنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا بۇيرۇغان[56]. مانا بۇلارنىڭ سەۋەبى دۈشمەنگە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمەسلىك، دۈشمەنگە باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ئىدى.

شۇنداق، خەلىپىلىك قۇرۇش سۆزىنى ئەرباكان، ئەردوغان ۋە مۇرسىيلەر دېمىگەن، لېكىن ئۇ سۆزنى كۈنىمىزدە ئىلىم-بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ تونۇمايدىغان»، قورال-ياراغ تەييارلىقى جەھەتتىن «قولىدا يىڭنىنىڭ پۇچۇقىمۇ بولمىغان» بىر ئۇيغۇر دەۋاتىدۇ، چاقچاق قىلامدىكىن دېسە ئۇ يەر-بۇيەردىن ئاڭلىۋالغان «تەبلىغ»لەردىن ئېسىدە قالغانلىرىنى ھەر پۇرسەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن دەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بەزىلەر ئىىشىنىۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى غايىسىنى ھېچ چۈشەنمەستىن، ئالدى-كەينىنى ھېچ پىلانلىماستىن ۋە ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىماستىنھازىرچە لازىم بولمايدىغان بىر گەپنى دەپ قويىدۇ، بەزىسىقىلچە پايدا چىقمايدىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويىدۇ… نەتىجە؟ جەمئىيەتتە «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغىلىپ مىڭلارچە مۇسۇلمان قولغا ئېلىنىپ، كۈنلەرچە قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇم-ئىسكەنجە بىلەن سوئال-سوراق، ئاندىن ئۆلۈم ياكى زىندان…

 

ئە- دىيارىمىزدا ھاكىمىيەت يول قويغان «نورمال دىنى پائالىيەت» ھەققىدە خالىغان سورۇندا، خالىغان ماۋزۇدىن تەبلىغ قىلىش قاتتىق چەكلەنگەن بىر شارائىتتا بەزىلەر ئاۋازىنىڭ چىقىشىچە ۋە ھاياجانغا تولغان ھالدا «ھىجرەتكە دەۋەت» قىلىۋاتىدۇ. ئەقىللىرى «ئادەتتىكى بىرەر ئىجتىمائىي سورۇنلاردا نورمال دىنى تەبلىغكە يول قويمايۋاتقان كۈچ، نېمە ئۈچۈن بۇ ‹مۇجاھىد›نىڭ ھىجرەت توغرۇلۇق تەبلىغ قىلىشىغا كۆز يۇمغاندۇ؟» دېگەن ئاددىي سوئالنى ئۆزلىرىدىن سوراشقىمۇ يەتمىگەن بەزىلەر مەزكۇر دەۋەتنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئاندىن ئۇ بەزىلەرنىڭ بەزىلىرى «ھىجرەت» قىلىش قارارىغا كېلىدۇ- دە، ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان يەر-زېمىن ۋە ئۆي مۈلۈكلىرىنى سېتىپ ياكى شۇنداقلا تاشلىۋېتىپ، نەگە بېرىشنى، قانداق بېرىشىنى، كىم بىلەن مېڭىشنى ۋە نېمىنى ئېلىۋېلىشنى پىلانلىمايلا «تەۋەككۈل» دېگەن پېتى يولغا چىقىدۇ. بۈگۈن تايلاند، مالايسىيا ۋە ۋېتناملاردا تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان دەرىجىدە قىينىلىۋاتقان، ئىستانبۇلغا كېلىپ بىر ئۆيدە بىرقانچە ئائىلە بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان، ئاچلىق ۋە سوغۇقنىڭ دەردىدە كېچىلىرى كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كىرمەيۋاتقان يۈزلەرچە كىشىلەر ئەنە شۇ بەزىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەزىلىرىدۇر.

ئۇلارنى بۇ پۈتمەس-تۈگىمەس سەرگەردانلىققا، چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غەم-ئەندىشىگە يوللاۋاتقانلار، ئۇلار تاشلىۋەتكەن جەمئىيەتتە «بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغاپ، «ھىجرەت قىلغۇچىلارغا ياردەم بەردىڭ» دېگەن باھانە بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى زىندانلارغا تاشلىماقتا، نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرمەكتە، نۇرغۇنلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلماقتا. تېخى بۇنى ئاز دەپ ئۇ «مۆھتەرەم مۇھاجىرلار»نىڭ ئورنىغا يىراقتىكى ماكانلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن كۆچمەن كاپىرلارنى يەرلەشتۈرمەكتە. قىسقىسى بۇ «خەلىپىلىك قۇرۇش» ۋە «ھىجرەت قىلىش» سەپەرۋەرلىكىدە دۈشمەننىڭ پىلانى يۈزدەيۈز ئەمەلگە ئاشماقتا. پۈتۈن بۇلارنىڭ ۋابالى كىمگە؟ مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق ئەخمەقمۇ؟ ئاللاھ بەرگەن ئەقىل-ئىدراك ۋە ئاڭ-سېزىم نەگە كەتتى؟

يەنە كېلىپ بۇ «ھىجرەتچىلەر» چېگراسىدىنبىر تال قۇشمۇ ئۇچالمايدىغان، قورال كۈچى جەھەتتىن دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان، ئىشپىيونلۇققا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانغا دۈشمەنلىك قىلىشتا تەڭدىشى بولمىغان بىر كاپىر دۆلەتنىڭ چېگراسىدىنپاسپورتسىز قانداق ئۆتتى ۋە قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ ئىستانبۇلغا كەلگۈچە ترانسىت ئۆتكەن دۆلەتلەرنىڭ چېگرىلىرىدىنچۇ؟!

ئۇلار ھىجرەت قىلىمىز دەپ قوي، كالا، يەر-زېمىن ۋە ئۆي-مۈلۈكلىرىنى ساتقىلى باشلىغاندا ياكى يولغا چىققاندا بىرمۇ جاسۇس تۇيمىغانمىدۇ؟! ئۇلار مەھەللىسىدىن چىقىپ، تا چېگراغاكەلگۈچە بىرەر ئاخباراتچىمۇ كۆرمىگەنمىدۇ؟! ئۇلار ئالدى بىلەن ئىچكىرىگە مېڭىش ئۈچۈن نۆۋەت ساقلاپ ئۈرۈمچىدە، ئاندىن مالايسىياغا ياكى تايلاندقا مېڭىش ئۈچۈن ئىچكىرىدە ياتاقلاردا يېتىۋاتقاندا بىرمۇ كوممۇنىست بىلىپ قالمىغانمىدۇ؟!

ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كاۋاپچى، ماتاڭچى، ئۈزۈم-ياڭاقچى، گۈلە-قاقچى… ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى نەدە، نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، كىم بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پىكىر-چۈشەنچىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ «كۈندىلىك مەلۇمات»نى «ئاكا»لىرىغا يوللاپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر مۇناپىقلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىمىغانمىدۇ؟!

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرىمۇ چۈشىنەيلى ماقۇل، جاسۇسلار ھېس قىلمىغاندۇ، ئىشپىيونلار تۇيمىغاندۇ، ئاخباراتچىلار كۆرمىگەندۇمۇ دەيلى، لېكىن يەنىلا ئۇلاردىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىشىمىز لازىم:

مۆھتەرەم مۇھاجىرلار! سىلەر ھىجرەت قىلىپ كەلگەن يەرلىرىڭلاردە تەرك ئەتكەن يەرلىرىڭلاردا قولغا كەلتۈرەلمىگەن قايسى نەرسىگە ئېرىشتىڭلار؟ تارىخى بويىچە ئىسلام دىيارىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن ۋەتەننى تاشلاپ ئۇ يەرنى ئەھلى كۇپۇرغا بىكارلاپ بېرىش كىمنىڭ پىلانى؟ «ئىسلامىي جىھاد» دېگەن ئەتراپىدىكى ئىسلام دۈشمىنىنى قويۇپ باشقا يەرگە دۈشمەن ئىزدەپ بېرىشمۇ؟ «ئىسلامىي ھىجرەت» دېگەن مىڭ يىللىق ئىسلام دىيارىنى ئەھلى كۇپۇرغا تاشلاپ بېرىشمۇ؟ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۈشمىنى پەقەت سۇرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدمۇ؟ سۇرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پەقەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭلا ۋەزىپىسىمۇ؟ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۈشمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋاتقان، ئىپپەت-نومۇسىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقان، ئىززەت-غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرۇۋاتقان ۋە مۇقەددەس دىنىنى باستۇرۇۋاتقان كاپىر ۋە مۇناپىقلار ئەمەسمۇ؟؟؟

سىلەرنىڭ «يەرلىك ئەمىر» لىرىڭلار سىلەرنى «قول بېرىش»كە تەشۋىق قىلىۋاتقان «مۇجاھىد گۇرۇپپا»لار نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بىرەر قېتىم ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ ئىچىدە پارتلىتىش ئېلىپ بارمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئىسرائىل دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلمىدى؟ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە بىرەر ئىسرائىل كونسۇلخانىسىنى پارتلىتىپ باقتىمۇ؟ ياكى ھازىرغىچە ئىسرائىل دۆلىتىگە «مۇجاھىد» ئەۋەتىپ قىلغان بىرەر ھەرىكىتىمۇ بارمۇ؟

بۈگۈنلەردەئىسرائىل دۆلىتى ئەسكەرلىرى ھەر سائەت پەلەستىنگەبومبا ئېتىپ بۆشۈكتىكىبوۋاقلارنى، دوختۇرخانىدىكى كېسەللەرنى، ئېتىزلىقتىكى مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. پەلەستىننىڭيېزا-قىشلاق، كەنت-شەھەر ۋە مەھەللە-كويلىرىنىخاراب قىلىۋاتىدۇ. مەھسۇلات مەنبەلىرىنى، ئېلېكتىرۋە سۇ يوللىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ئۆي-ئىمارەت ۋە قورۇ-جايلىرىنى يىقىۋاتىدۇ. بۇلارنى كۆرۈۋاتىدىغانسىلەر، ئاڭلاۋاتىدىغانسىلەر!

 

 

خەلىپىلىكنى تىكلەش دەۋاسى بىلەن قۇرۇلغانلىقى «رىۋايەت قىلىنىپ» نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا بالا كەلتۈرگەن خىيالىي پارتىيەھىزبۇتتەھرىر ھازىر نەدە؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ يېڭىدا قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ «خەلىپە»سىچۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن پەلەستىنمۇسۇلمانلىرىدىن يەھۇدىيلارنىڭ تاجاۋۇزىنى توسمايدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدۇ؟

مۆھتەرەمقېرىنداشلار! بۇ سوئاللار ئەقلىڭلارغا كەلمىدىمۇ؟؟؟

خاتالىققا قانداق قارشى تۇرىمىز؟

سوئال: ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن خاتالىقلار بولۇۋاتىدۇ، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىمىز. ھىجرەت قىلايلى دېسەك كېتىدىغانغا يەر يوق، بولغان تەقدىردىمۇ يول تاپالمايمىز.ئۇنداقتا بىز ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان خاتالىق ۋە بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قانداق قارشى تۇرىمىز؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلەرگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدى قاتاردا ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ياخشى ئۇسلۇب، گۈزەل ئۇسۇل ۋە مەدەنىي يول بىلەن بولىدۇ.

جىھادنىڭ قورال-ياراغ بىلەن قىلىنىدىغان قىسمىنى قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان يەنى تەلەپكە لايىق قۇۋۋىتى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىي كۈچى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغاقارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگەمۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى پىرئەۋنگەقارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىمىسال بولىدۇ. پىرئەۋنئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، پىرئەۋن ئۇ خەلقلەرنى ئالدىغان ئىدى، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىدى. ئاللاھ تائالاپىرئەۋننىڭئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُّبِينٍ. إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُواْ أَمْرَ فِرْعَوْنَ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ

«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانىمۇ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگەئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر پىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»- ھۇد 11/96-97.

ئاللاھ تائالاتائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭيېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿اذْهَبْأَنْتَوَأَخُوكَبِآيَاتِيوَلَاتَنِيَافِيذِكْرِي.اذْهَبَاإِلَىفِرْعَوْنَإِنَّهُطَغَى.فَقُولَالَهُقَوْلًالَيِّنًالَعَلَّهُيَتَذَكَّرُأَوْيَخْشَى

«ئى مۇسا! سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقىڭلار، ئەمر-پەرمانلىرىمنى يەتكۈزۈشتە بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئۆزىنى تۈزىتىشى مۇمكىن»- تاھا 20/42-44.

ئاللاھ تائالاپىرئەۋننىڭمۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىنخەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَنَادَىفِرْعَوْنُفِيقَوْمِهِقَالَيَاقَوْمِأَلَيْسَلِيمُلْكُمِصْرَوَهَذِهِالْأَنْهَارُتَجْرِيمِنْتَحْتِيأَفَلَاتُبْصِرُونَ؛أَمْأَنَاخَيْرٌمِنْهَذَاالَّذِيهُوَمَهِينٌوَلَايَكَادُيُبِينُ. فَلَوْلَاأُلْقِيَعَلَيْهِأَسْوِرَةٌمِنْذَهَبٍأَوْجَاءَمَعَهُالْمَلَائِكَةُمُقْتَرِنِينَ

«پىرئەۋنقەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن ئۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ قەدىرسىز ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بىرىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەرتاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟›.»- زۇخرۇف 43/51-53.

پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوق ئەتمەكچى بولغان، لېكىن پىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق ئىش تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقىل-ھوشىنى يوق ئەتكەن ۋە ئۆز قەۋمىدىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَفِرْعَوْنُذَرُونِيأَقْتُلْمُوسَىوَلْيَدْعُرَبَّهُإِنِّيأَخَافُأَنْيُبَدِّلَدِينَكُمْأَوْأَنْيُظْهِرَفِيالْأَرْضِالْفَسَادَ

«پىرئەۋنمۇنداق دېدى: ‹مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن›.»- مۇئمىن 40/26.

 

 

 

 

پىرئەۋنمۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە، بۇنىئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، پىرئەۋننىڭئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈلقىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلىپ بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. مۇشۇنداق بولغاندا پىرئەۋنئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشقاسەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَمُوسَىيَاقَوْمِإِنْكُنْتُمْآمَنْتُمْبِاللَّهِفَعَلَيْهِتَوَكَّلُواإِنْكُنْتُمْمُسْلِمِينَ.فَقَالُواعَلَىاللَّهِتَوَكَّلْنَارَبَّنَالَاتَجْعَلْنَافِتْنَةًلِلْقَوْمِالظَّالِمِينَ.وَنَجِّنَابِرَحْمَتِكَمِنَالْقَوْمِالْكَافِرِينَ.وَأَوْحَيْنَاإِلَىمُوسَىوَأَخِيهِأَنْتَبَوَّآلِقَوْمِكُمَابِمِصْرَبُيُوتًاوَاجْعَلُوابُيُوتَكُمْقِبْلَةًوَأَقِيمُواالصَّلَاةَوَبَشِّرِالْمُؤْمِنِينَ

«مۇسا: ‹ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەتلا ئۇنىڭغا تەۋەككۈلقىلىڭلار› دېدى.ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بىز پەقەتلا ئاللاھقا تەۋەككۈلقىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىنۋە بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كاپىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» يۇنۇس 10/84-87.

پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەكشۈرگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان.

نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، مۇھەممەد ئەلەيھىمۇسسالاملارنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋە ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.

ئاللاھ تائالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿لَايُحِبُّاللَّهُالْجَهْرَبِالسُّوءِمِنَالْقَوْلِإِلَّامَنْظُلِمَوَكَانَاللَّهُسَمِيعًاعَلِيمًا

«ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ[57]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/148.

يەنى ئاللاھ بىرىمىزنىڭ باشقا بىرىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ (تەبەرى تەپسىرى 9/343).

مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋنئۇنىڭغاخانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَمُوسَىرَبَّنَاإِنَّكَآتَيْتَفِرْعَوْنَوَمَلَأَهُزِينَةًوَأَمْوَالًافِيالْحَيَاةِالدُّنْيَارَبَّنَالِيُضِلُّواعَنْسَبِيلِكَرَبَّنَااطْمِسْعَلَىأَمْوَالِهِمْوَاشْدُدْعَلَىقُلُوبِهِمْفَلَايُؤْمِنُواحَتَّىيَرَوُاالْعَذَابَالْأَلِيمَ

«مۇسا ئېيتتى:رەببىمىز! سەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال-مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن»- يۇنۇس 10/88.

نۇ ھ ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَنُوحٌرَبِّلَاتَذَرْعَلَىالْأَرْضِمِنَالْكَافِرِينَدَيَّارًا.إِنَّكَإِنْتَذَرْهُمْيُضِلُّواعِبَادَكَوَلَايَلِدُواإِلَّافَاجِرًاكَفَّارًا. رَبِّاغْفِرْلِيوَلِوَالِدَيَّوَلِمَنْدَخَلَبَيْتِيَمُؤْمِنًاوَلِلْمُؤْمِنِينَوَالْمُؤْمِنَاتِوَلَاتَزِدِالظَّالِمِينَإِلَّاتَبَارًا

«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويما! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنىئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇز كورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە مەغپىرەت قىل، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە زىيادە قىلما!»- نۇھ 71/26-28.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان 13 يىللىق  ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش  رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگەمۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.

پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلى تۇتۇلغاندىن كېيىن ۋە ئىسلام ئارمىيەسىنىڭئاساسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىنى قوغداش رۇخسىتى بېرىلدى. چۈنكى بۇ چاغدا مۇئمىنلارنىڭ يامانلىق قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۇلارنىڭ يوق بولۇپ كېتىشلىرىگە سەۋەبچى بولماستىن، بەلكىدە ھەقنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇراتتى ۋە باتىلنىڭ يوق بولۇشىغا ھەسسە قوشاتتى.

خۇلاسە

1-بۈگۈن يەر يۈزىدە مەدىنىگە ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى ھەبەشىستانغا ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىدىغان بىر ئادىل پادىشاھ دۆلىتى مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن خاتىرجەم ياشىيالمىغان مۇسۇلمانلارندىن شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە كېتىشكە قادىر بولالىغانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر.

2- مۇسۇلمان قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ھەر دائىم قولىدىن كەلگەن جىھادنى قىلىدۇ يەنى مۇسۇلمان ئۆز نەپسى بىلەن ۋە شەيتان بىلەن ھەر دائىم كۈرەش قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، تارقىلىشى ۋە قوغدىلىشى، ئىلىم-مەرىپەت نۇرىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى ئۈچۈن ئىلمى، پىكرى، ئەقلى ۋە مېلى بىلەن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. قوراللىق قىلىنىدىغان جىھادنىڭ شەرتلىرى ھازىرلىنىپ باشلانسا ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.

3- سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئىسلامىي جىھاد ئەمەس، بەلكىدە سۇرىيە خەلقى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ سەۋەبى ھوقۇق تالىشىشتۇر، خالاس. بۇ ئۇرۇشنىڭ توختىشى ئۈچۈن ھەر ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىش «ئوتقا بېنزىن چاچقانلىق» بولىدۇ.

4- بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇسۇلمانلار بولماسلىقىدۇر. شۇڭا سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلىنغان نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىش جازاسى بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَاأَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْأَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ

«سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت ئۆزۈڭلار قىلغان ئىشلار سەۋەبىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- شۇرا 42/30.

﴿إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.

﴿مَنْ عَمِلَصَالِحًا فَلِنَفْسِهِ وَمَنْأَسَاءَ فَعَلَيْهَا وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ﴾

«كىم ياخشى ئىش قىلسا، پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»- فۇسسىلەت 41/46.

5- ۋەتىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندا مىڭ يىللىق ئىسلام دىيارى بولغان ۋەتىنىنى دۈشمەنگە بىكارلاپ بەرمەي، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى ۋە شۇ يەردە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىشى كېرەك. بۇ جىھاد ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش-ئۆگىتىش، پەن-تېخنىكا ئىگىلەش ۋە ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ زامانغا ماسلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر، خالاس.

6- ھازىر زالىملارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدىكى ھەبەشىستانغا ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى خالىغىنىچە ياشىغىلى قويىدىغان بىر دۆلەت، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان بىر ھىجرەت دىيارى يوق. ئەمەلىيەت شۇكى،  زامانىمىزدا «ھىجرەت قىلدۇق» دەپ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ قارىسىغا يولغا چىققانلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلارغا بارالىغانلىرى ئۆزلىرى خانىۋەيران بولۇپ كېتىشنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئۇنتۇپ، خرستىئانلىشىپ كېتىشنىڭ بەدىلىگە «تۆت كۈنلۈك باياشاتچىلىق»قا ئېرىشىدۇ، خالاس. شۇڭا «نەگە بارسا قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھىجرەت قىلدۇق، دەپ «تەۋەككۈل» دەپ يولغا چىقماسلىقى، شۇنداقلا پۈتمەس-تۈگىمەس غەم–ئەندىشىگە گىرىپتار بولماسلىقى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا فَأُولَئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَسَاءَتْ مَصِيرًا. إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا

«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەر، ئايال ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا»- نىسا 4/97-98.

دېمەككى، مۇسۇلمانلاردىن ياشاۋاتقان يېرىدە بوزەك قىلىنىدىغان، باشقا يەرگە كېتەي دېسە چارە تاپالمايدىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولىدۇ. بۇنداقلار «جايى جەھەننەم» بولىدىغانلاردىن ئەمەس.

 

7- ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا غالىب كېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن يولغا قويغان. ئۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار غالىب كېلىدۇ. ئۇھۇد تېغىدا پەيغەمبىرىمىز بېشىدا بولغان مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشتا مۇشرىكلار غالىب كەلگەن. دېمەككى، ئۇرۇش قانۇنىغا بويسۇنمىغان ئۇرۇشچى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەيغەمبەر بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى «بىز ئۇنداق مىللەت، بىز تارىختا ئۇنداق ئىش قىلغان مىللەت، بىزدىن پالانى ئالىم چىققان، پوكۇنى زات يېتىشكەن» دەپ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئىسلام دىيارى دەپ ئاتىلىدىغان يەردە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا ئۆگىنىشى، ئىشلىشى ۋە سۈننەتۇللاھقا مۇۋاپىق ئىش قىلىشى شەرت[58].

بىز تارىختا ئۆتكەن ئالىم، سېخىي ۋە مەرد ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. لېكىن بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى: ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى بىزنىڭ «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىزغا يەتمەيدۇ. «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ بالىسى بولۇش باشقا مۇسۇلمان بولۇش باشقىدۇر، ھەقنى كۆرگەنلىك باشقا ھەقنى كۆزلىگەنلىك باشقىدۇر، ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلىك باشقا ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىك باشقىدۇر، ھەققانىيەتنى تونۇغانلىق باشقا ھەققانىيەتتە تۇرغانلىق باشقىدۇر.

دەرۋەقە، دۇنيادا ھېچبىر چېمپىيون چېمپىيون دادىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن چېمپىيون ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە ھەر چېمپىيون ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسى بويىچە پۈتۈن مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولۇپ چېمپىيون بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالىدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلىق، تەقۋادارلىق، مەردلىك، سېخىيلىق ۋە باتۇرلۇق قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەر ساھەسىدىمۇ ھەر چېمپىيوننىڭ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە بىۋاسىتە قاتنىشىشى ۋە بىرىنچى بولۇپ چىقىشى شەرت. شۇنداق بولغاندا ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بولغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَسَارِعُواإِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُأُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»- ئال ئىمران 3/133.

﴿سَابِقُواإِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِأُعِدَّتْ لِلَّذِينَآمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِذَلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپاتنىڭ ئىگىسىدۇر»- ھەدىد 57/21.

8- مۇسۇلمان ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپياشىسا ياشايدۇكى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، ئۆزىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ. ئۆز جەمئىيىتىدىكىتوغرا ئىشلارنى قوللايدۇ، خاتا ئىشلارغا مەدەنىييول ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرىدۇ.

مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەر دائىم ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى دەپ چۈشىنىپ سەۋر قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمانىدىن يانمايدۇ، ئىسلامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئوڭ-سولغا بۇرۇلماستىن ئىسلام يولىدا ئۇدۇل ماڭىدۇ.

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان قىسسىلەر تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەكرارلىنىدۇ. مۇئمىن ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا تېڭىرقاپ ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماستىن، ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرى شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ساقلاپ قالغاندەك، ئىمانىنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ جىھاد قىلغانلىقىدۇر.

تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

 

 

 

 

[1]- بۇ يەردە قۇرئان دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زىكىر» دېگەن كەلىمىدۇر. بۇ زىكىر قۇرئان، دېمەكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:﴿إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾ «شۈبھىسىزكى، زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9.

[2]- ھەدىد 57/3.

[3]- بەقەرە 2/229؛  ئەنئام 6/1، 101، 102؛ ئەئراف 7/54؛ رەئد 13/16؛ نۇر 24/45؛ ئەنبىيا 21/33؛ زۇمەر 39/62؛ غافىر 40/62.

[4]- نىسا 4/1.

[5]- بۇ يەردىكى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھايۋانلارنىڭ ئاڭلىشى ۋە كۆرۈشىدىن پەرقلىقتۇر. ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ، لېكىن ئاڭلىغىنىنى ۋە كۆرگىىنى تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ. ئىنسانغا روھنىڭ پۇۋلىنى بىلەن ھاسىل بولغان بۇ ئالاھىدىلىك ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىش چۈشىنىش ۋە ئۇلار ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئۆگىنىشنىڭ قورالىدۇر. ئىنسانىيەتكە نەھل 16/78؛ ئىسرا 17/36؛ مۇئمىنۇن 23/78؛ سەجدە 32/9؛ مۇلك 67/23 قاتارلىق ئايەتلەردە ئەسلىتىلگەن سەمئ، ئەبسار ۋە ئەفئىدە («السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ») ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

[6]- بەلەد 90/10.

[7]- كەھف 18/29.

[8]- بەقەرە 2/256؛ كەھف 18/29؛ شۇئەرا 26/3، 4.

[9]- بەقەرە 2/177؛ ئال ئىمران 3/104، 110، 114؛ تەۋبە 9/71، 112؛ فۇرقان 25/63- 74؛ ھۇجۇرات 49/15؛

[10]- بەقەرە 2/6-16، 205؛ نىسا 4/18؛ تەۋبە 9/67.

[11]- بەقەرە 2/190؛ نىسا 4/76.

[12]- ئال ئىمران 3/195؛ نىسا 4/75؛ نەھل 16/41، 110؛ ھەشر 59/8؛

[13]- ھەج 22/39؛

[14]- بەقەرە 2/190.

[15]- ئال ئىمران 3/195؛ نىسا 4/100؛ ئىنفال 8/74؛ تەۋبە 9/20؛ نەھل 16/41؛ ھەج 22/58.

[16]- تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1998، 17- جىلد، 458- بەت؛  لىسانۇلئەرەب، ئەلقامۇسۇلمۇھىت، ئەسسىھاھۇ فىللۇغە، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە.

 

[17]- بۇخارى، لىباس 5807؛ رەھىقۇلمەختۇم ۋە باشقا سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[18]- فەتھ سۈرىىسنىڭ 24- ۋە 25- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «ئۇ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقان كىشىلەردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئېغىر ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.

[19]- بۇ ئىككى ھىجرەتنىڭ بىرى «ھەبەشىستانغا ھىجرەت»، يەنە بىرى «مەندىنىگە ھىجرەت»دۇر. ماقالىنىڭ كېيىنكى بەتلىرىدە بۇ ھىجرەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ.

[20]- بۇخارى، جىھاد 1، 27، 194، جىزيە 22. ھەج 43، جەزائۇسسەيد 10؛ مۇسلىم، ئىمارەت 85 (1353)، ھەج 445 (1353)؛ تىرمىزى، سىيەر 33 (1590)؛ نەسەئى، جىھاد 15 (7/146)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 64 (2480).

[21]- بۇخارى، مەناقىب 3900.

[22]- سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 138- 146- بەتلەر ۋە باشقا پۈتۈن سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى.

[23]- ھەبەشىستان قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان بىر شەرقىي ئافرىقا دۆلىتىدۇر، پايتەختى ئاددىس ئابابادۇر، سۇدان، جەنۇبى سۇدان، ئېرىترىيە، جىبوتى، سومالى، كەنيا ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداشتۇر. كۈنىمىزدە ھەبەشىستان ئېفىئوفىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

[24]- ئۇ چاغلاردا ھەبەشىستانغا خرىستىيان دىنى مۇخلىسلىرىدىن بولغان نەجاشى ئىسىملىك بىر كىشى پادىشاھ ئىدى.

[25]- ئىبنى ھىشام، ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە 1/321، 280؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىلمەغازى ۋەسسىيەر 1/54؛ ئىبنى كەسىر، ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە 2/4؛ سەفىييۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورىي، ئەررەھىقۇلمەختۇم 1/81، 90 ۋە 91- بەتلەر.بۇ ھىجرەتنىڭ تەپسىلاتى يۇقىرىدىكىلەردىن باشقىمۇ پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.

[26]- مەنىدە مەككىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەككە بىلەن ئارىسىدا 400 كىلومېتىردىن كۆپراق مۇساپە بولغان بىر شەھەردۇر. مەدىنىنىڭ كونا ئىسمى يەسرىبتۇر.

[27]- سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 93-149- بەتلەر ۋە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سىيەر كىتابلىرىىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[28]- سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 149- 155- بەتلەر ۋە مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[29]- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:…پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر ھىجرەت قىلىپ كېتىدىغان يۇرتنىڭ ئىككى تاشلىق يەرنىڭ ئارىسىدا خورمىلىق بولغان بىر شەھەر ئىكەنلىكى ماڭا چۈشۈمدە كۆرسىتىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلار ھىجرەت قىلدى، ئىلگىرى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ تولىسى مەدىنىگە قايتتى. ئەبۇ بەكىرمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «سەن ئالدىرىما! ماڭىمۇ رۇخسەت بېرىلىشنىئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: دادام ساڭا پىدا بولسۇن، ئۇنداق بىر رۇخسەتنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىدقىلامسەن؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەسۇلۇللاھقا ھىجرەتتە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھىجرەت قىلىشتىن توختىدى ۋە يېنىدىكى كۈچلۈك ئىككى تۆگىسىنى تۆت ئاي سەمۇر ئاتلىق دەرەخنىڭ ياپرىقى بىلەن باقتى. بىر كۈنى بىز چۈش ۋاقتىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتۇق. ئۆيدىكىلەردىن بىرى ئەبۇ بەكىرگە: ئەنە رەسۇلۇللاھ، ئادەتتە كەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا بېشىنى ئورىۋالغان ھالدا كەپتۇ، دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، ۋەللاھى مۇھىم بىر ئىش بولمىسا بۇ ۋاقىتتا كەلمەيتتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كېلىپ رۇخسەت تەلەپ قىلدى، رۇخسەت بېرىلگەن ئىدى، ئۆيگە كىردى. ئاندىن ئەبۇ بەكىرگە: «يېنىڭدىكىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋتكىن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: دادام ساڭا پىدا بولسۇن يا رەسۇلەللاھ! بۇلار سېنىڭ ئەھلىڭدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت بېرىلدى» دېدى. ئەبۇ بەكىر: يا رەسۇلەللاھ! دادام ساڭا پىدا بولسۇن، ھەمراھ بولامدىمەن؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە» دېدى. ئەبۇ بەكىر: دادام ساڭا پىدا بولسۇن يا رەسۇلەللاھ! شۇ ئىككى تۆگەمدىن بىرىنى ئالغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «پۇلغا ئالىمەن» دېدى. بىز رەسۇلۇللاھبىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ سەپەر جابدۇقلىرىنى ناھايىتى تېز ھازىرلىدۇق. ئىككىسى ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلاپ تېرىدىن ئېتىلگەن بىر كىچىك تاغارغا قويدۇق. تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلايدىغان چاغدا ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما بىلىدىكى بەلبېغىدىنبىر پارچە يىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «زاتۇننىتاقەين (ئىككى بەلباغلىق)» دەپ ئاتالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر سەۋر تېغىدىكى بىر غارغا يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كېچە يوشۇرۇندى. ھەر كېچىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ قالاتتى. ئابدۇللاھ چېچەن ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بىر ياش يىگىت ئىدى. ئۇ سەھەر ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ مەككىدە ياتقان ئادەمدەك بولۇپ سۈبھى ۋاقتىدا قۇرەيش بىلەن بىللە بولاتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ ھەققىدە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ قىلىشقان ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىدەساقلاپ ئاخشىمى قاراڭغۇلۇق باسقاندا كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن دادىسى ئەبۇ بەكىرگە خەۋەر قىلاتتى. ئەبۇ بەكىرنىڭ قۇلى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە بۇ ئۈچ كېچە بويىچە ئۇ ئەتراپتا سۈتلۈك ساغلىق قويلارنى باقاتتى ۋە ئاخشامدىن بىر مۇددەت ئۆتكەندە قويلارنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ، سېغىپ ئۇلارغا يېڭى سۈت ئىچۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر مەككىدە چېغىدا ئابدۇئىبنى ئەدى قەبىلىسىدىن ماھىر بىر يېتەكچىنى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ھەق بېرىپ ماقۇللىشىپ قويغان ئىدى. بۇ كىشى قۇرەيشكاپىرلىرىنىڭ دىنىدا ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر ئۇ كىشىگە ئىشىنىپ تۆگلىرىنى تاپشۇغان ۋە ئۈچ كېچە كېيىن تۆگىلەرنى ئېلىپ سەۋر غارىغا كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. بۇ كىشى ۋەدىلەشكەن بويىچە تۆگىلەرنى ئېلىپ ئۈچىنچى كېچىنىڭ ئەتىگىنى سەۋر غارىغا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. شۇنىڭ رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن بىرلىكتەئامىر ئىبنى فۇھەيرەمۇ ماڭدى. ھېلىقى يېتەكچى بۇلارنى ساھىللار يولىدىن ئېلىپ ماڭدى. بۇخارى، مەناقىب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنىڭ بابى، 3905.

[30]- سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 155- 167- بەتلەر؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىلمەغازى ۋەسسىيەر 1/54. بۇ ھەقتىكى مەلۇمات پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىدىمۇ بايان قىلىنىدۇ.

[31]- راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان؛ ئەھمەد ئىبنى فارىس، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە؛ فىيرۇز ئابادىي، ئەلقامۇسۇلمۇھىت؛ئىسمائى ئىبنى ھەمماد ئەلجەۋھەرى، ئەسسىھاھ فىللۇغە؛ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب ج ھ د ماددىسى؛ تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1993، 7- جىلد، 527- بەت؛ ئىقرائ ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى جىھاد ماددىسى؛ شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى. جىھاد ماددىسى.

[32]- يۇسۇف 12/53.

[33]- چۈنكى نەپس مەنپەئەتچى، ئەقىل يېتەكچى، كۆز بىلەن قۇلاق مەلۇمات توپلىغۇچى، قەلب قارار مەركىزى، بەدەن ئىجرا قىلغۇچىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس راھەتنى كۆزلەيدۇ، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئەقىل ھەقنى كۆرسىتىدۇ، خاتالىقتىن توسىدۇ. قەلب قارار قىلىدۇ، بەدەن ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا ئەقىل قەلبنى ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا چاقىرىدۇ، نەپس مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قەلب ئەقىلگە بويسۇنۇپ قارار قىلسا توغرا قارار قىلىدۇ، ناۋادا نەپسكە بويسۇنۇپ قارار قىلسا خاتا قارار قىلىدۇ. بەدەن توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن قەلبنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر»- بۇخارى، ئىمان 39، بۇيۇئ 2؛ مۇسلىم، مۇساقات 107 (1599)؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 3 (33229، 3330)؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 1 (1205)؛ نەسەئى، بۇيۇئ 2 (7/241). خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماندا ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش ئاساس قىلىنغان.

[34]- تىرمىزى، جىھاد 2.

[35]- ئىبنى ماجە، فىتەن 4011.

[36]- نىسا 4/95؛ ئەنفال 8/72؛ تەۋبە 9/20، 41، 44، 81، 88؛ ھۇجۇرات 49/15؛ ساف 61/11.

[37]- بەقەرە 2/245؛ مائىدە 5/12؛ ھەدىد 57/11، 18؛ تەغەبۇن 64/17؛ مۇززەممىل 73/20.

[38]- ھەشر 59/9.

[39]- بۇلار ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.

[40]- مۇسلىم، ئىمارەت 52- باب، 167 (1917)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 2514؛ تىرمىزى، تەپسىرى سۈرە ئەنفال؛ ئىبنى ماجە، جىھاد 19/2813.

[41]- يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئايەتتىكى (ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدىكى) تۇرھىبۇنە (﴿تُرْهِبُونَ﴾) دېگەن پېئىل ھەرگىزمۇ ئىرھابىيلىقا (تېررورلۇققا) دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پېئىل بىھى (﴿بِهِ﴾) دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىدۇر. چۈنكى تۇرھىبۇنە (﴿تُرْهِبُونَ﴾) دېگەن پېئىل بىھى دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە بىر پېئىل جۈملىسى بولۇپ، باشتىكى ئەئىددۇ (﴿أَعِدُّوا﴾) دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى)نىڭ ياكى مەپئۇلى (تولدۇرغۇچىسى)نىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھالەت جۈملىسىدۇر. ھالەت جۈملىسى ئەرەبچىدە ساھىبىھالەت (ھالەت ئوبيېكتى)نىڭ ئىش-ھەرىكەت ئورۇنلانغان چاغدىكى ھالىتىنى ۋە ئىش-ھەرىكەت مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىكىتاشقى مۇھىتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە پائىل (ئىگە) ئەئىددۇنىڭمۇخاتەبزەمىرى (ئىككىنچى شەخس ئالمىشى) بولغان ئەنتۇم (سىلەر) دۇر. مەپئۇل (تولدۇرغۇچى) مەستەتەئتۇم (﴿مَااسْتَطَعْتُمْ﴾)نىڭ بېشىدىكى ما (نەرسە)دۇر. بىھى (﴿بِهِ﴾) دىكى زەمىر (ئالماش) ئەئىددۇ دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ مەپئۇلى بولغان ما (نەرسە)نى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ﴾دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئىمۇئمىنلار! سىلەر دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن نەرسىنى تەييارلاڭلار. ئۇ نەرسە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرىدىن ئىبارەت. سىلەر ئۇ نەرسىنى تەييارلىغان چېغىڭلاردا ئۇ نەرسە بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭدۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىنباشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە بولۇڭلار ياكى ئۇ نەرسە مەزكۇر دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە تەييارلانسۇن». تۇرھىبۇنە بىھى دېگەن پېئىل جۈملىسى مەيلى پائىلنىڭھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەيلى مەپئۇلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەنە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەر ئېھتىمالدا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان نەرسە تەييارلانغان قورال-ياراغلاردۇر.

 

[42]- سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 84- بەت، سىيرەتى ئىبنى ھىشام 1/266- بەت، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سىيەر كىتابلىرىنىڭ ۋە باشقا پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

 

[43]- مۇنافىقۇن 63/8.

[44]- ئال ئىمران 3/139.

[45]- بۇ سۆز بۇ شەكلى بىلەن ھەدىس ئەمەس، لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھەدىسلىرىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[46]- بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئان، ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ كىتابى» دەپ ئىزاھلاندى. بۇ ھەدىسنى دارىمى سۇنەن ناملىق كىتابىدا، ھاكىم ئەلمۇستەدرەك ئەلەسسەھىھەين ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[47]- ئال ئىمران 3/103.

[48]- ئەھزاب 33/21.

[49]- تەتقىقاتىمىزنىڭ «ھىجرەت» بۆلۈمىدە بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بار. خالىغانلار شۇ يەنى قايتا ئوقۇسا بولىدۇ.

[50]- بۇ ئىشلارنىڭ جىھاد ئىكەنلىكى يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

[51]- فەتىھ 48/25.

[52]- غافىر 40/28.

[53]- بەقەرە 2/286.

[54]- ئەنفال 8/60-، 65- ۋە 66- ئايەتلەرگە قاراڭ.

[55]- بەقەرە 2/233، 286؛ ئەنئام 6/152؛ ئەئراف 7/42؛ مۇئمىنۇن 23/62.

[56]- يۇنۇس 10/87.

[57]- زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ؛ زالىمنىڭ زىيىنىغا، توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يامان سۆزلىرىگە، ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ بېرەلەيدۇ.

[58]- ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «وَأَنْلَيْسَلِلْإِنْسَانِإِلَّامَاسَعَى»-«ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر».- نەجم 53/39.

 

Share
5313 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.