logo

trugen jacn

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى

 

ھازىرلاغۇچى: ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

 

2020-يىل 13-ئاپرىل.

 

 

كۆكتۇغ ئىلاۋەسى: ھۈرمەتلىك ئوقۇرمەن، كۆكتۇغ نەشىر ھاياتىغا باشلاغاندىن بەرى، بىز كۆكتۇغلۇق زىيالىيلار تىلىمىزنىڭ، دىلىمىزنىڭ ساپلىقى، خۇشلۇقى ۋە ئىپادە قۇۋۋەتى ۋە ھاياتى كۈچىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىزچىل ياڭىچە پىكىر ۋە تەپەككۇرلارغا ئاچىق بولۇپ كەلدۇق ۋە مۇشۇنداق يازمالارنى نەشىر قىلىپ كەلدۇق. «قوينى قاسساپ سويسۇن» پەلسەپەمىز بويىچە ساھە مۇتەخەسىسلەرىنىڭ پىكىر، تەكلىپ، تەۋسىيە ۋە تەنقىتلەرىگە دائىما ئاچىق بولۇرمىز. بۇ ۋەجىدىن، تىلىمىز، دىلىمىز، پەلسەپەمىزنى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۈچلەندۈرەدۇرغان؛ خاتالارنى تۈزەتىش، تەرتىپلەش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي كۆزقاراشلار ئوتتۇراغا قويۇلغان ماقالەلەرنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز.

بۇگۈن بىز ناھايەتى خۇرسەنلىك ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن تىلىمىزنىڭ ئەڭ ئاز 700 يىللىق تارىخى، پەلسەپەسى، گرامماتىكاسى، سۆزلۈك بايلىقى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستاسى پروف.در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئۇستازنىڭ 50 يىللىق تەتقىقاتلارىنىڭ بىر مىۋەسى سۈپەتىدە ھازىرلاغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى»نى كۆكتۇغدا تۇنجى بولۇپ نەشىر قىلىش ئىمكانىيەتىگە ئەرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ناھايەتى خۇرسەنمىز.  بۇ لايىھەنىڭ كۈنىمىزدەكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلادۇرغان ئۇيغۇر تىللىق ئىنسانلار ئىچىدە يارىم ئەسىرلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تىل تەتقىقاتى بىلەن يۈرەك قانىنى سەرپ قىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق تىلشۇناس تەرەپىدىن ئوتتۇراغا قويۇلغانلىقىنىڭ مەناسى بولسا باشقاچەدۇر ۋە ئەڭ ئىلمىي بولۇش بىلەن بىرگە بىلىم ئېتىكاسى يەنى ئەخلاقىغا ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئەلبەتتە، ئۇستازنىڭ ئەتراپىدا تىل ۋە كۈلتۈر ساھەسىدە تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ تۇرغان ھەر ساھە زىيالىيلارى جەم بولۇپ ئۇشبۇ لايىھەنىڭ ئاخىرقى نۇسخاسىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشىنى ۋە مەتبۇئات، مەديا، نەشىرىياتچىلىق ئىشلەرىمىزدە ئۆزگەرمەس بىر ئىملا قوللانماسىغا ئايلانىشىنى تۆرت كۆزىمىز بىلەن كۈتەرمىز. بىز كۆكتۇغلۇقلار بۇ لايىھەنى قابۇل قىلدۇق. مىللەتىمىزگە ھازىردىن باشلاپ خەيىرلىك بولسۇن!

 

 

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى

 

ئومۇمىي پرىنسىپ

 

”ئىملا قائىدەسى“ توغرا يازىش قائىدەسى دەگەن سۆز بولۇپ، مۇئەييەن بىر تىلدا سۆزلەشىدىغان ھەم شۇ تىل ئارقالىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز تىلىدىكى سۆز-كەلىمەلەرنى توغرا يازىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يازىق قوللانىمىدا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدەلەر سىستەمىدۇر.

ئىملا قائىدەسى مۇئەييەن بىر يازىقنى قوللانىدىغان مىللەتنىڭ مىللىي كۈلتۈرىمەدەنىيەتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كۈندەلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تەخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىشلارىدا، شۇ مىللەت يازىقىنىڭ توغرا قوللانىلىشىغا يەتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋەتىدە، ئۇنىڭ قالىپلاشىپ، تاكاممۇللاشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قورالدۇر.

مەدەنىي مىللەتلەردىكى ئىملا قائىدەسى ئادەتتە، مۇئەييەن بىر تىلنىڭ يازىق شەكلىنى قالىپلاشتۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر تىلنىڭ ئاغىز تىل (جانلىق تىل) ۋە ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز شەكلى بىلەن بىردەك بولۇشنى قارغۇلارچە قوغلاشمايدۇ، بەلكى شۇ تىلنىڭ يازىق جەھەتتىكى ئىپادەلەش كۈچى ۋە رولىنىڭ ئىزچىل ئىلمىي ھەم مەدەنىي بولۇشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.

مەئلۇمكى، بىر مەدەنىي مىللەت تىلىنىڭ ئىملا قائىدەسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تىل تەلەپپۇز قائىدەسى ئەمەستۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، ”يازىق ئىملا قائىدەسى“ بىلەن ”تىل تەلەپپۇز قائىدەسى“ باشقا –باشقا گەپتۇركى، بىر تىلنىڭ ئەدەبىي ۋە جانلىق تىل تەلەپپۇز قائىدەلەرىنى يازىق ئىملا قائىدەسىدىن باشقا قىلىپ، ئايرىم تۈزسە بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، تىل تەرەققىياتى ۋە ئىستىمالى جەريانىدا، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىي ۋە جانلىق تىل تەلەپپۇزىدا ئوتتۇراغا چىققان ۋە چىقىدىغان تەلەپپۇز شەكلى ئۆزگەرىشلەرىنى يازىق ئىملاسىدا بىرمۇبىر ئىپادەلەشنىڭ ھىچ بىر زۆرۈرىيەتى يوقتۇر. جانلىق تىل تەلەپپۇزىدا ئوتتۇراغا چىققان ۋە چىقىدىغان ئۆزگەرىشلەرنى يازىقتا ئىپادەلەيمەن دەپ، تۈشمۇتۈشتىن ئىملا قائىدەسى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش بولسا، ئەمەلىيەتتىكى ئىلىمسىزلىك ۋە مەدەنىيەتسىزلىكتۇر!

ئەڭ مۇھىمى، بىر مىللەت يازىق ئىملا قائىدەسىنىڭ تۇرغۇن ۋە مۇقىم بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى جەھەتتە مۇستەھكەم ۋە پۇختا ئىكەنلىكىدىن دالالەت بەرىدىغان مۇھىم ھالقالارنىڭ بىرى ھىسابلانىدۇ.

بۇ ئىملا قائىدەسى ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ ۋەكىللىك قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىل –يازىق مەدەنىيەتى تارىخىدا ئالتە يۈز يىل ئىشلەتىلگەن، تىل ئۇستالارىمىز ئەلىشىر نەۋائىي، ئاماننىساخان نەفسىي ۋە مۇسا سايرامىيلار قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ يازىقتا سۆزلەم تۈپىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تەلەپپۇزداكى ”-ئا، -ئە← -ئې (e)، -ئى (i)“ ئۆزگەرىشىنى يازىقتا ئىپادەلەمەسلىك ئىلمىي پرىنسىپىغا ۋارسلىق قىلىپ، 1953-يىل ئۈرۈمچىدە تۈزۈپ ئەلان قىلىنغان ”ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئىملا قائىدىسى“ سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەرنى توغرالاش ۋە شۇ تۈپەيلى ئون يىلدا بىر قاتىم ياڭى ئىملا قائىدەسى تۈزىدىغان بولماغۇر ئادەتكە خاتىمە بەرىش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

بۇ ئىملا قائىدەسى ئانا يۇرتتىكى تىلچىلارنىڭمۇ ئىلمىي مۇزاكىرەگە قويۇشى ۋە راھەت پايدالانىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ”تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى“ دەپ ئاتالدى.

 

    بىرىنجى ماددا:  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ يازىقتا ھەرپ بىلەن ئىپادەلەنىشى

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، جەمئىي ئوتتۇز ئۈچ تاۋۇش بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ”ئې (e)“، ”ژ“ ”ف“ ۋە ”ئ“تاۋۇشلارى فونىما ھىسابلانمايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىگە ئالىنغان سۆزلەملەر ئادەتتە، مۇشۇ ئوتتۇز ئۈچ تاۋۇشنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

ئەمدى، مەزكۇر ئىملا قائىدەسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدا قوللانىلىدىغان ھەرپلەر  ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى بەكىتىدۇ. بۇ ھەرپلەر (يالغۇز شەكلى) تۆۋەندىكىلەر:

ئا، ئە، ب. پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، ژ، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ل، م، ن، ڭ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ھ، ۋ. ئى (ı)، ئى(i)، ي، ئ.

روشەنكى، يازىقىمىزدىكى بىر ”ئى“ ھەرپى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ”ı“نى ھەمدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ”i“ بولۇپ، جەمئىي ئىككى تاۋۇشنى ئىپادەلەيدۇ. بۇلار ئەمەلىي تەلەپپۇز ۋە كونتەكىستتە بىلىنىپ تۇرىدۇ.

 

ئا. سوزۇق تاۋۇشلار

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“تە بايان قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا، مىلادىيە 1310-يىلدىن 1953-يىلغىچە قوللانىلغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا ۋە تۈركىيە تۈركچەسىگە ئوخشاشلا سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار. ئۇلار ئادەتتە، ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئى (ı، مەسىلەن، ئىز، قىز)، ئى (i، مەسىلەن، ئىت، يىت) بولۇپ، يەتتە ھەرپ بىلەن ئىپادەلەنىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە فونىتىك رولىغا قاراپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار: ئە، ئۆ، ئۈ، ئى (i، مەسىلەن، ئىت، يىت)

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار: ئا، ئو، ئۇ، ئى (ı، مەسىلەن، قىز، قىزلىق)

سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالەتىگە قاراپ، ”لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار “ ۋە ”لەۋلەشمەگەن سوزۇق تاۋۇشلار “ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ

لەۋلەشمەگەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئا، ئە، ئى (ı)، ئى (i)

 

ئە. ئۈزۈك تاۋۇشلار

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، جەمئىي يىگىرمە بەش ئۈزۈك تاۋۇش بار. ئۇلار تۆۋەندىكى ھەرپلەر بىلەن ئىپادەلەنىدۇ: (يالغۇز شەكلى)

ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، ژ، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ۋ، ي،  ئ.

”ئ“ ئۈزۈك تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرپ ئۆز زامانىسىدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى يىگىرمە بەشىنجى ئۈزۈك تاۋۇش ”ئ“نى ئىپادەلەيتتى. مەسىلەن: مۆئمىن، مەئمۇر، تەئمىن، مۆئجىزە… دەگەنلەرگە ئوخشاش. مەزكۇر ”ئ“ ئۈزۈك تاۋۇشى گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دىينىي زاتلارى ۋە ئولەمالارى تىلىدا مەۋجۇد بولۇپ، ”مۆئمىن، مۆئمىنۇن، مۆئمىنات“ دەگەندەك سۆزلەردە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاشلا ئەينەن ”ئ“ تەلەپپۇز قىلىپ ئىشلەتىلسەمۇ، ئانا يۇرتتىكى مۇتلەق كۆپچىلىك تىلچىلار ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، <ئ> تەلەپپۇز قىلىنىغان تاۋۇش يوق“ دەپ قارايدۇ.

بىز مەزكۇر تاۋۇشنى ئىپادە قىلغۇچى ”ئ“ ھەرپىنى يازىقتا ساقلاپ قالىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭغا كۆرسەتىدىغان ئاساسىمىز مۇنداق:

بىرىنجى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزكۇر ”ئ“ ئۈزۈك تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دىينىي زاتلارى تىلىدا، ئەينەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، دىينغا ئىشىنىدىغان كەڭ خەلق ئامماسىدىن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا، ”ئ“ ئۈزۈك تاۋۇشىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ”ئ“ ئۈزۈك تاۋۇشىنى يازىقتا ساقلاپ قالىش لازىم.

ئىككىنجى، ”ئ“ ھەرپىنى يازىقتا ساقلاپ قالغاندا، ”مۆئمىن، مۆئجىزە، تەئسىر، تەئتىل، مەئمۇر، تەئمىن، تەئخىر“ قاتارلىق سۆزلەرنى جانلىق تىلدا، ھەتتا ئەدەبىي تىلدا  تەلەپپۇز قىلغاندا،  مەزكۇر سۆزلەردىكى ”-ئۆ، -ئە“ تاۋۇشلارىنىڭ نەمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇزۇن سوزۇپ (يەنى ئۇزۇن سوزۇق قىلىپ) ”مۆ:مىن، مۆ:جىزە، تە:سىر، تە:تىل، مە:مۇر، تە:مىن، تە:خىر“ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇكى، ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردەكى مەزكۇر ”ئ“ ھەرپى ”ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بەلگەسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ“ دەپ ئىزاھلانسامۇ بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلغان چاغدا، تاۋۇش پەردەسىنىڭ تىترەش-تىترەمەسىلىكىگە قاراپ، ”جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار“ ۋە ”جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار“ دەگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب، ج، د، ر، ز، ژ، غ، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئ، ي

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ، ت، چ، خ، س، ش، ف، ق، ك

 

ئىككىنجى ماددا: سوزۇق تاۋۇشلۇق سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

 

ئا. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىملادا ئىپادەلەنىشى:

 

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىشى دەگەنىمىز، يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچەلەردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقارىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقارىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدا، مەيلى بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە بولسۇن، مەيلى تۈپ سۆزلەردە ياكى ياسالما سۆزلەردە بولسۇن، ئاغىز تىلىدىكى ”ئا، ئە“ سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ ”ئې (e)، ئى“لەرگە ئۆزگەرىش فونىتىك ھادىسەسى خۇددى قەدىمكى ئۇيغۇر يازىقى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىغا ئوخشاشلا، يازىقتا ئىپادەلەنمەيدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، ”ئا، ئە“ بوغۇملۇق سۆزلەرگە ”-ئى، -سى، -ئىش“ شەكلىدىكى تەۋەلىك قوشۇمچەلەرى قوشۇلغاندىن كەيىن، ”ئا، ئە“ تاۋۇشلارى ئاغىزدا ”ئې (e)، ئى“ تەلەپپۇز قىلىنسامۇ، يازىقتا، يەئنى ئىملادا ئەسلىي سۆزلەم ئۆز ھالەتىنى ئەينەن ساقلاپ قالىدۇ. مەسىلەن:

باغ-باغى؛ نان-نانى؛ ئانا-ئاناسى؛ ئاتا- ئاتاسى؛ نەزەرىيە- نەزەرىيەسى، ۋەتەن-ۋەتەنى؛ سۆيگەن-سۆيگەنى؛ ئىنقىلاب-ئىنقىلابى، مەھەللە-مەھەللەسى، دەگەنلەرگە ئوخشاش.

 

ئە. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتەكى ماسلاشىشى

 

تۇرغۇن سۆز (پىئىللاردىن باشقا سۆز تۈركۈملەرى) ۋە پىئىللارغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى بولۇشىغا قاراپ، تىل ئالدىغا تىل ئالدى ۋە تىل ئارقا سوزۇققا تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ماسلاشتۇرۇپ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئۆيگە، ئۆزگە، تۈرۈككە، ئۈزۈككە، تويغا، بويغا، قويغا…

ب.تۇرغۇن سۆزلەردە:

(1)        تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزەلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزەلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كەلىش قوشۇمچەلەرى، كۆپلۈك قوشۇمچەسى، تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس ئاددى تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭ، -ىڭ، -ۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ۇڭىز“دىن كەيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچەسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆز ئارا ماشلاشىدۇ. مەسىلەن:

باغ- باغدا، باغقا، باغىڭ (بۇ يەردەكى ”ئى ı“ تىل ئارقا سوزۇق)، باغىڭلار، باغىڭىز، باغىڭىزلار

قوي- قويدا، قويغا، قويلار، قويۇڭ، قويۇڭلار، قويۇڭىز، قويۇڭىزلار

 

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە كەلىش قوشۇمچەلەرى، كۆپلۈك قوشۇمچەسى، تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس ئاددى تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭ، ىڭ، -ۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ۇڭىز“دىن كەيىن، يەنە كۆپلۈك قوشۇمچەسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملارىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆز ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە، ئۆز ئارا ماسلاشىدۇ. مەسىلەن:

دەزمال- دەزمالدا، دەزمالغا، دەزماللار، دەزمالىڭ، دەزمالىڭلار، دەزمالىڭىز، دەزمالىڭىزلار

پەيتون- پەيتوندا، پەيتونغا، پەيتونلار، پەيتونۇڭ، پەيتونۇڭلار، پەيتونۇڭىز، پەيتونۇڭىزلار

(2)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كەلىش قوشۇمچەلەرى، كۆپلۈك قوشۇمچەسى، تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس ئاددى تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭ، -ىڭ، -ۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭىز، -ىڭىز“دىن كەيىن، يەنە كۆپلۈك قوشۇمچەسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆز ئارا ماسلاشىدۇ. مەسىلەن:

بەت- بەتتە، بەتكە، بەتلەر، بەتىڭ، بەتىڭلەر، بەتىڭىز، بەتىڭىزلەر

گۈل-گۈلدە، گۈلگە، گۈللەر، گۈلۈڭ، گۈلۈڭلەر، گۈلىڭىز، گۈلىڭىزلەر

يۈك- يۈكتە، يۈككە، يۈكۈڭ، يۈكۈڭلەر، يۈكىڭىز، يۈكىڭىزلەر

سۈت- سۈتتە، سۈتكە، سۈتلەر، سۈتۈڭ، سۈتۈڭلەر، سۈتىڭىز، سۈتىڭىزلەر

 

كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە:

ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كەلىش قوشۇمچەلەرى، كۆپلۈك قوشۇمچەسى، تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس ئاددى تۈرى قوشۇمچەسى“-ڭ، -ىڭ، -ۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنجى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچەسى ”-ڭىز، -ىڭىز“دىن كەيىن، يەنە كۆپلۈك قوشۇمچەسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملارىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلاشىدۇ. مەسىلەن:

ئورەك- ئورەكتە، ئورەككە، ئورەكلەر، ئورەكىڭ، ئورەكىڭلەر، ئورەكىڭىز، ئورەكىڭىزلەر،

لۇغەت- لۇغەتتە، لۇغەتكە، لۇغەتلەر، لۇغەتىڭ، لۇغەتىڭلەر، لۇغەتىڭىز، لۇغەتىڭىزلەر،

پەچەت- پەچەتتە، پەچەتكە، پەچەتلەر، پەچەتىڭ، پەچەتىڭلەر، پەچەتىڭىز، پەچەتىڭىزلەر

ئەتىرگۈل- ئەتىرگۈلدە، ئەتىرگۈلگە، ئەتىرگۈللەر، ئەتىرگۈلۈڭ، ئەتىرگۈللەر، ئەتىرگۈلۈڭلەر، ئەتىرگۈلىڭىز، ئەتىرگۈلىڭىزلەر

 

پ. پىئىللاردا:

(1)      تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپقان پىئىللاردا:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزەلگەن بىر بوغۇملۇق ۋە كۆپ بوغۇملۇق پىئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خاھلاش رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى ۋە شەرت رايى قوشۇمچەلەرى قوشۇلغاندا، يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلاشىدۇ. مەسىلەن:

باق- باقىڭ (بۇ يەردە، تىل ئارقا –ئا تاۋۇشى تىل ئارقا ı بىلەن ماسلاشىدۇ)، باقىڭلار، باقىڭىز، باقىڭىزلار، باقتىڭ، باقتىڭلار؛ باقتىڭىز، باقتىڭىزلار، باقسىلا؛ باققاي، باققايلا؛ باقساڭ، باقساڭلار، باقساڭىز، باقساڭىزلار

يات- ياتىڭ، ياتىڭلار، ياتىڭىز، ياتىڭىزلار؛ ياتتىڭ، ياتتىڭلار؛ ياتتىڭىز، ياتتىڭىزلار؛ ياتسىلا؛ ياتقايلا؛ ياتساڭ، ياتساڭلار؛ ياتساڭىز، ياتساڭىزلار

ساقلا- ساقلاڭ، ساقلاڭلار؛ ساقلاساڭىز، ساقلاساڭىزلار؛ ساقلادىڭ، ساقلادڭلار؛ ساقلادىڭىز، ساقلادىڭىزلار؛ ساقلاسىلا؛ ساقلاغاي، ساقلاغايلا؛ ساقلاساڭ، ساقلاساڭلار؛ ساقلاساڭىز، ساقلاساڭىزلار

ئوڭلا- ئوڭلاڭ، ئوڭلاڭلار؛ ئوڭلادىڭ، ئوڭلادىڭلار؛ ئوڭلادىڭىز، ئوڭلادىڭىزلار؛ ئوڭلاسىلا؛ ئوڭلاغاي، ئوڭلاغايلا؛ ئوڭلاساڭ، ئولاساڭلار، ئوڭلاساڭىز، ئوڭلەساڭىزلار،…

 

(2)      تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپقان پىئىللاردا:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پىئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولغان كۆپ بوغۇملۇق پىئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خاھلاش رايى، شەرت رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچەلەرى قوشۇلغاندا، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى بىرىنجى شەخس كۆپلۈك تۈرى (مەسىلەن، ئەت- ئەتتۇق <ئەتتۈك ئەمەس>، كەل- كەلدۇق <كەلدۈك ئەمەس>، كۈزەت- كۈزەتتۇق <كۈزەتتۈك ئەمەس>، ئەت- ئەتسۇن <ئەتسۈن ئەمەس>، كەل- كەلسۇن <كەلسۈن ئەمەس>، كۈزەت- كۈزەتسۇن <كۈزەتسۈن ئەمەس>…)دىن باشقالارىدا، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچەدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلاشىدۇ. مەسىلەن:

ئەت- ئەتىڭ (بۇ يەردە تىل ئالدى i بىلەن تىل ئالدى ”ئە“ تاۋۇشى ماسلاشتى)، ئەتىڭلەر؛ ئەتىڭىز، ئەتىڭىزلەر؛ ئەتتىڭ، ئەتتىڭلەر؛ ئەتتىڭىز، ئەتتىڭىزلەر؛ ئەتتۇق؛ ئەتسىلە؛ ئەتكەيلە؛ ئەتسۇن؛ ئەتسەڭ، ئەتسەڭلەر؛ ئەتسەڭىز، ئەتسەڭىزلەر،…

كۈل- كۈلۈڭ، كۈلۈڭلەر؛ كۈلىڭىز، كۈلىڭىزلەر؛ كۈلدۈڭ، كۈلدۈڭلەر؛ كۈلدىڭىز، كۈلدىڭىزلەر؛ كۈلدۇق؛ كۈلسىلە؛ كۈلگەيلە؛ كۈلسۇن؛ كۈلسەڭ، كۈلسەڭلەر؛ كۈلسەڭىز، كۈلسەڭىزلەر،…

ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر؛ ئىشلەسەڭىز، ئىشلەسەڭىزلەر؛ ئىشلەدىڭ، ئىشلەدىڭلەر؛ ئىشلەدىڭىز، ئىشلەدىڭىزلەر؛ ئىشلەدۇق؛ ئىشلەسىلە؛ ئىشلەگەي، ئىشلەگەيلە؛ ئىشلەسۇن؛ ئىشلەسەڭ، ئىشلەسەڭلەر؛ ئىشلەسەڭىز، ئىشلەسەڭىزلەر،…

يۈكلە- يۈكلەڭ، يۈكلەڭلەر؛ يۈكلەسەڭىز، يۈكلەسەڭىزلەر؛ يۈكلەدىڭ، يۈكلەدىڭلەر؛ يۈكلەدىڭىز، يۈكلەدىڭىزلەر؛ يۈكلەدۇق؛ يۈكلەسىلە؛ يۈكلەگەي، يۈكلەگەيلە؛ يۈكلەسۇن؛ يۈكلەسەڭ، يۈكلەسەڭلەر؛ يۈكلەسەڭىز، يۈكلەسەڭىزلەر،….

 

ئۈچۈنجى ماددا: يازىقتا بىر ھەرپ بىلەن ئىپادەلەنىدىغان تىل ئارقا ”ئى ı“ ۋە تىل ئالدى ”ئى i“ تاۋۇشلارىنىڭ ئىملاسى

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا ئوخشاشلا سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار. مەزكۇر سەككىز سوزۇق تاۋۇش ئۆز ئىچىدىن ”تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار“ ۋە ”تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار“ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار: ئا، ئو، ئۇ، ئى (ı ، مەسىلەن، قىز، قىزلىق)

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار: ئە، ئۆ، ئۈ، ئى (i، مەسىلەن، ئىت، يىت)

مەزكۇر تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ئى (ı) بىلەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى ئى (i) يازىقتا بىرلا ھەپ بىلەن ئىپادەلەنگەچ، ئىملادا ھىچ بىر ھەرپ ياكى بەلگە بىلەن پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. بىراق ئەمەلىي ئىستىمالدا، قايسىنىڭ تىل ئارقا ”ئى(ı)“ ۋە قايسىسىنىڭ تىل ئالدى ”ئى(i)“ ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:

تىل ئارقا ”ئىı“لىك سۆزلەر مىسالى:

قىز- قىزلار، قىزغا، قىزلىق،

قىر- قىردا، قىرغا، قىرلار، قىرلىق،…

قىغ- قىغدا، قىغلار، قىغلىق،…

تىغ- تىغدا، تىغقا، تىغلىق،…

قىش- قىشتا، قىشقا، قىشلىق،…

خىل- خىللا، خىلدا، خىللىق،…

قىس- قىسقا، قىستا، قىسىڭلار،…

قىل- قىلغان، قىلسا، قىلىڭلار،…

دىل- دىللار، دىلدا، دىلدار، دىلغا

تىل- تىللار، تىلدا، تىلغا،

تىز(膝盖)- تىزدا، تىزلىق، تىزغا

تىزماق (پىئىل))- تىزىلغان، تىزىقلىق،…

خىش- خىشتا، خىشلىق، خىشقا، خىشلار،…

بىخ- بىخلار، بىخقا، بىخقا،بىخلا-..

چىش- چىشتا، چىشقا، چىشقا،..

ئىز- ئىزدا، ئىزغا، ئىزلار، ئىزلىق،…

ئىلماق (پىئىل)-ئىلغان، ئىلىقلىق،…

ئىش- ئىشقا، ئىشتا، ئىشخانا، ئىشلىق،…

خىزىر- خىزىرغا، خىزىرلىق، خىزىردا،…

گىپىس- گىپىستا، گىپىسلىق، گىپىسلا-،…

پىخسىق- پىىسىقتا، پىخسىقلىق، پىخسىقتا،…

چىغرىق- چىغرىقتا، چىغرىققا، چىغرىقلار،…

ئىسسسىق- ئىسسىقتا، ئىسسىققا، ئىسسىقلىق،..

قىدىر- قىدىرماق، قىدىرىڭلار، قىدىرسا،…

سىلجى- سىلجىڭلار، سىلجىماق، سىلجىسا،…

ئىرغى- ئىرغىماق، ئىرغىغان، ئىرغىتماق،…

سىرغى- سىرغىماق، سىرغىتماق، سىرغىغان،…

پىئىل- پىئىللار، پىئىلغا، پىئىلدا، پىئىللىق،…

يىغىل- يىغماق، يىغىلماق، يىغىن، يىغىلغان،…

 

تىل ئالدى ”ئى i“لىك سۆزلەر مىسالى:

بىز- بىزلەر، بىزگە، بىزدە، بىزدىكى،..

سىز- سىزلەر، سىزگە، سىزدە، سىزدىكى،..

تىز (快)- تىزلىك، تىزلىكتە، تىزلىكتىكى،..

تىزىم – تىزىملىك، تىزىملىككە، تىزىملىكتە،…

كىر- كىرگە، كىرلەر، كىرلىك، كىرلىككە…

كىم- كىمگە، كىملەر، كىمىڭلەر، كىملىك،…

كىي- كىيدۈر، كىيگەن، كىيسە، كىيىڭلەر،…

كىيىم- كىيىمدە، كىيىملىك، كىيىملەر،…

مىن- مىندۈر، مىنگەن، مىنسە، مىنىڭلەر،…

بىلىم- بىلىملىك، بىلىمگە، بىلىملەر،…

بىلىن- بىلىنمەك، بىلىندۈرمەك، بىلىنگەن،…

ئىنتىل- ئىنتىلدۈر، ئىنتىلگەن، ئىنتىلىش،…

ئىلمەك (ئىسىم)- ئىلمەكلىك، ئىلمەككە، ئىلمەكتە،…

جىددىي- جىددىيلىك، جىددىيلەش، جىددىيچىلىك،..

ئىچ- ئىچكەن، ئىچىملىك، ئىچكۈز، ئىچىڭلەر،…

ھىم- ھىملىك، ھىملەمەك، ھىملەشكەن،…

چىرى- چىرىت، چىرىگەن، چىرىكلىك،…

نىسپىي- نىسپىيلىك، نىسپىيلەشتۈر،…

ئىڭىش- ئىڭشمەك، ئىڭىشتۈر، ئىڭىشسە،…

كىرپىك- كىرپىكتە، كىرپىككە، كىرپىكلىك،…

كىچىك- كىچىكلە، كىچىكلىك، كىچىكىنە،…

 

روشەنكى، ئۇيغۇرچەدىكى مەزكۇر تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ئى (ı) بىلەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى ئى (i) تۈركىيە تۈركچەسى بىلەن ئوپئوخشاش ۋە ئۇلاردەك بەك ئانىق پەرقلىق بولماسامۇ، ئەمەلىي ئىستىمالدا قوللانىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇدلۇقى ئەمەلىيەتتۇر.

كۈنۈمىزدە، ئاناتولىيە تۈركلەرىدە، ”ئىشتە، دىلدە، دىشتە“ دەپ ئالدى سوزۇق ”ئى i“لىق قوللانىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەر ، بىزدە ”ئىشتا، تىلدا، دىلدا ۋە چىشتا“ دەپ، تىل ئارقا “ ئى (ı)“لىق قوللانىلىدۇ.

تۈركلەردە، ”ئالىم alim، شائىرşair“ دەگەندە، تىل ئارقا سوزۇق ”ئا“ تاۋۇشىغا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى “ ئى (i)“نى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتىلىدۇ، ئەمما، مۇنداق ئەھۋال ئۇيغۇر تىلىدا يوق. يەئنى ئۇيغۇرچىدا، مەيلى ئەرەبچەدىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆزلەردە بولسۇن، مەيلى ئەسلىي زاتى ئۇيغۇرچە بولغان كەلىمەلەردە بولسۇن، تىل ئارقا ”ئا“ سوزۇق تاۋۇشىغا ماسلاشىدىغانى ئىز چىل ھالدا، تىل ئارقا “ ئى (ı)“ بولۇپ كەلىۋاتقانلىقى بۇمۇ پاكىتتۇر. مەسىلەن:

ئالىم، زالىم، قادىر، كادىر، قاسىم، ھاپىز، شائىر،…

ئاقىلانە، غايىبانە، غالىبانە، شادىيانە، ئاجىزانە،…

ئالدى-ساتتى، ئاشلىق، ياشلىق، ساقلىق،…

روشەنكى، مەزكۇر سۆزلەملەردە، ”ئا“ سوزۇق تاۋۇشىغا ماسلاشىپ كەلگەنلەرىنىڭ ھەممەسى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش “ ئى (ı)“دۇر، خالاس.

 

تۆرتۈنجى ماددا:  سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالەتى جەھەتتىكى ماسلاشماسىنىڭ يازىقتا ئىپادەلەنىشى

 

لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزەلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پىئىللارغا، شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇملارىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پىئىللارغا قوشۇمچەلەرنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

مول- موللۇق، موللۇقىدىن، موللۇقىغا،…

تۇز- تۇزۇم، تۇزۇڭ، تۇزلۇق، تۇزلۇقتا،…

قۇلۇپ- قۇلۇپۇم، قۇلۇپلاماق، قۇلۇپلۇق،…

سۆز- سۆزلۈك، سۆزۈم، سۆزۈڭ، سۆزۈمگە،…

كۆز- كۆزلۈك، كۆزۈم، كۆزۈڭ، كۆزۈڭلەر،..

يۈز- يۈزۈم، يۈزۈڭ، يۈزلۈك، يۈزۈڭگە،…

سۈز- سۈزگۈچ، سۈزگۈچلۈك، سۈزۈك، سۈزۈكلۈك،..

تۈز- تۈزۈم، تۈزدۈڭ، تۈزۈك، تۈزۈش، تۈزۈلۈش…

مۇشت- مۇشتۇمزور، مۇشتۇمزورلۇق، مۇشتلاشماق،..

ھۇش- ھۇشلۇق، ھۇشيار، ھۇشيارلىق،…

ئوڭ، ئوڭۇم، ئوڭلۇق، ئوڭلان، ئوڭلانىش،…

يولۇق- يولۇقۇش، يولۇقتۇرۇش، يولۇقسۇن،…

تولۇق- تولۇقلۇق، تولۇقلۇقتا، تولۇقلاش،..

تۇل- تۇللۇق، تۇللۇقتا، تۇللۇقتىكى،…

ئوقۇ- ئوقۇغۇچى، ئوقۇغۇلۇق، ئوقۇشلۇق،…

ئۆڭ- ئۆڭۈم، ئۆڭۈڭ، ئۆلۈك،..

تۈن- تۈنلۈك، تۈنلۈكلۈك،…

ئاچقۇچ، ئاچقۇچلۇق، ئاچقۇچۇم،…

قاچقۇن، قاچقۇنلۇق، قاچقۇنلۇقۇم،..

دۇئاگۇي- دۇئاگۇيلۇق، دۇئاگۇيلۇقۇڭ،…

يالغۇز- يالغۇزلۇق، يالغۇزلۇقۇم، يالغۇزلۇقۇڭ،..

 

لەۋلەشمەگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق سۆزلەرگە بولسا، لەۋلەشمەگەن تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

داڭقلىق- داڭقلىقلىق

ئاڭلىق- ئاڭلىقلىق، ئاڭلىقلىقتا، …

زاڭلىق- زاڭلىقچى، زاڭلىقچىلىق،…

مەھشەر- مەھشەردە، مەھشەرگە،

 

بەشىنجى ماددا: تەلەپپۇزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزگەرىشىنىڭ يازىقتا ئىپادەلەنمەسلىكى

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلى (ئاغىز تىلى)دا، ”سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشى“ (بەزەن تىلچىلار بۇنى ”سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلەشىشى“ ياكى ”سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشىشى“ دەپمۇ ئاتايدۇ) دەيدىغان بىر فونىتىك ھادىسە مەۋجۇد. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرچەدىكى بىر بوغۇملۇق ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە ئاغىزدا مۇئەييەن قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كەيىن، تەلەپپۇز جەريانىدا، سۆز ئۇرغۇسىنىڭ كەيىنكى بوغۇملارغا كۆچۈشى نەتىجەسىدە يۈز بەرىدىغان بىر تەلەپپۇز (فونىتىكا) ھادىسەسىدۇر.

ئۇيغۇر جانلىق تىلدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشى بولۇپ ئىپادەلەنگەن بۇ ھادىسە تەلەپپۇزدا ساقلاپ قالىنسا بولىدۇ، ئەمما يازىقتا ئىپادەلەنمەيدۇ. مەيلى تۈپ سۆز بولسۇن ۋە مەيلى ياسالما سۆز بولسۇن، مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى تۈپەيلىدىن سۆز بوغۇملارىدا يۈز بەرىدىغان ئاغىزاكى ئۆزگەرىش يازىقتا ئىپادەلەنمەيدۇ، خالاس. مەسىلەن:

بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە:

باغ- باغى، باغىم، باغىمىز، باغىڭلار (تەلەپپۇزدا، ”بېغىم، بېغىڭ، بېغىمىز“ دەسە بولىدۇ)

تام- تامى، تامىم، تامىڭ، تامىڭلار،…

نام- نامى، نامىڭ، ناملاماق، نامىڭلار،..

باش- باشى، باشىم، باشىڭ، باشڭلار،..

تاش- تاشى، تاشىم، تاشىڭ، تاشىمىز،..

ئاش- ئاشى، ئاشىڭ، ئاشىمىز، ئاشىڭلار،…

داغ- داغى، داغىم، داغىڭ، داغىڭلار،…

تاغ- تاغى، تاغىڭ، تەڭرى تاغى، قۇرۇم تاغى،…

كار- كارىم، كارىڭ، كارىمىز، كارىڭلار،…

چاغ- چاغى، چاغىم، چاغىڭ، چاغىمىزدا،…

نان- نانى، نانىم، نانىڭ، نانىمىز،

جان- جانى، جانى بار، جانى چىقماق،..

چاچ- چاچىم، چاچىڭدا، چاچى، چاچىمىز،…

يان- يانىم، يانىڭ، يانىمىزدا، يانىمىزدىكى،..

باش- باشى، باشىمىز، باشىمىزدا، باشىمىزدىكى،..

باق- باقىم، باقىمى، باقىمچىلىق،…

ئاڭ- ئاڭى، ئاڭىمىز، ئاڭىمىزدا، ئاڭىمىزغا،…

ئال- ئالىم-ساتىم، ئالىش-بەرىش،

تال- ئۈزۈم تالى، سۆگەتنىڭ تالى،،..

قان، قانى، قانى چىقماق، قاناماق،،،،

مال- مالىم، مالىڭ، مالى، مالىمىز…

سات- ساتىش، ساتىشماق، ساتىلماق،

ياغ- ياغى، سۇ ياغى، ياغلاماق، ياغى ياندىن قوپار،..

تارت- تارتىم، بىر تارتىم لەغمەن، تارتىشماق،

 

شەن- شەنىڭ، شەنىم، شەنىمىز،…

تەم- تەمى، تەملىك، تەمسىز،..

نەم- نەمى، نەملىك، نەملەمەك،…

نەي- نەيىم، نەيىڭ، نەيىمىز، نەيىڭلەر،..

سەم- سەمى، سەمىڭ، سەمىم، سەمىڭلەر،…

چەرم- چەرمى، چەرمىم، چەرمىڭ، چەرمىڭلەر،..

پەن- پەنىم، پەنىڭ، پەنىمىز، پەنىڭلەر،…

سەن- سەنىڭ، سەنىڭكى، سەنىڭسىز،…

مەن- مەنىڭ، مەنىڭكى، مەنىڭدەك،

كەت- كەتىش، كەتىشمەك، كەتكۈزمەك،

كەل- كەلىش، بارىش-كەلىش، كەلىشمەك،…

بەر- بەرىم، بەرىملىك، ئالىم-بەرىم،…

 

كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە:

ئانا- ئانام، ئانامىز، ئانامىزنىڭ، ئانامىزغا،…

ئاتا- ئاتام، ئاتامىز، ئاتامىزنىڭ، ئاتامىزدەك،…

ئاكا- ئاكام، ئاكامىز، ئاكامىزنىڭكى،..

ئاچا- ئاچاسى، ئاچاسىنىڭ، ئاچامىز،…

ئۇكا- ئۇكام، ئۇكامىز، ئۇكاسى، ئۇكامىزنىڭ،…

كۈلكە- كۈلكەمىز، كۈلكەمىزگە، كۈلكەسى،…

توغرا- توغرالىق، توغراسىدا، توغرالاش ،..

ناۋا- ناۋاسى، ناۋالىق، ناۋاسىدا،…

ھاۋا- ھاۋاسىدا، ھاۋالىق، ھاۋالانىش،..

ساما- ساماسى، ساما سالماق،…

جاپا- جاپاسى، جاپالىق، جاپادا،

كاۋا- كاۋاسى، كاۋامىز، كاۋامىزدىن،…

تانا- تانامىز، تاناسى، تانالىق،…

تاناب- تانابى، تانابىنى تارتماق،…

تامام، تامامى، تاماملانماق، تاماملانىش،…

كاۋاپ- كاۋاپى، كاۋاپىم، تونۇر كاۋاپى،…

سامان- سامانى، سامانلىق، سامانىدا،…

گىتار- گىتارىم، گىتارىڭ، گىتارىڭلار،..

قاچا- قاچام، قاچاسى، قاچامىز، قاچامىزدا،…

تاغار- تاغارىم، تاغارىمىزدا، تاغارىمىزغا،…

بوۋا- بوۋام، بوۋامىز، بوۋاسى، بوۋامىزدىن،..

موما- مومام، موماسى، مومامىزنىڭ، موماسىنىڭ،…

ئىنقىلاب- ئىنقىلابى، ئىنقىلابىدا، ئىنقىلابىمىز،..

ئىقتىساد- ئىقتىسادىمىز، ئىقتىسادىڭلار،…

ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچەمىز، ئۇيغۇرچەمىزدىكى،…

ئەنگلىزچە-ئەنگلىزچەم، ئەنگلىزچەمىز، ئەنگلىزچەسى،…

كارۋات- كارۋاتىم، كارۋاتىڭ، كارۋاتىمىز،…

كالا- كالاسى، كالامىز، كالالار،…

كاسا- كاسالاماق، كاساسى،

كەلىشتۈرمەك- كەلىشتۈرمەچى، كەلىشتۈرمەچىلىك،…

كارۋان- كارۋانىم، كارۋانىمىز، كارۋانىڭلار،…

ئىدارە- ئىدارەمىز، ئىدارەسى، ئىدارەمىزدىكى،..

نەزەرىيە- نەزەرىيەسى، نەزەرىيەمىز، نەزەرىيەسىدە،..

مەدەنىيەت- مەدەنىيەتى، مەدەنىيەتىمىز،..

سەمىمىيەت- سەمىمىيەتى، سەمىمىيەتىڭ، سەمىمىيەتىمىز،..

مەردانە- مەردانەلىك، مەردانەلەر، مەردانەلەرچە،

سودا- سوداسى ياخشى، سوداگەر،..

سەۋدا- سەۋداسى، سەۋدالىق، سەۋدايىمىز،…

مۇقام- مۇقامى، مۇقامىمىز، مۇقامىدا،…

مۇزىكا- مۇزىكاسى، مۇزىكالىق، مۇزىكادار،…

 

ئالتىنجى ماددا:  ئاغىزاكى تەلەپپۇز سەۋەبىدىن ”e“لەشىپ كەتكەن سۆزلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

 

بالىق- بالىقچى، بالىقچىلىق،

باسىم- باسىمى، باسىمدار، باسىمدارلىق،…

ئاتىز- ئاتىزلىق، ئاتىزلىق ئىشلارى، ئاتىزلىقتىكى،…

ئاغىر- ئاغىرلىق، ئاغىرلىق دەرىجەسى، ئاغىرلىق قىلماق،…

ئاقىن- ئاقىندا، ئاقىندا ئاقماق، دەريا ئاقىنى،..

ئانىق- ئانىقلىق دەرىجەسى، ئانىقلىق ئۆلچەمى،..

پايگاھ- كۆتۈر كەپشىڭنى پايگاھتىن، پايگاھتا قالماق،..

تارىق- تارىقچىلىق، تارىق ياغى،

تارىم- تارىم ۋاقتى، شاپتۇل تارىمدا، ئۈرۈك قارىمدا،..

تەپىن- تەپىنمەك، تەپىندۈرمەك،…

تەۋىپ- تەۋىپلىك، تەۋىپكە كۆرسەتمەك،..

پەقىر- پەقىرلىق، پەقىرلىق كوچاسى،..

خەمىر- خەمىر يۇغۇرماق، خەمىرتۇرۇچ،…

سارىق- سارىق گۈل، سارىقتال، تۇخۇم سارىقى،…

ساسىق- ساسىپ كەتمەك، ساسىقچىلىق،..

ساغىز- ساغىز چايناماق، ساغىزلىق،..

سەمىز- سەمىز ئوت، سەمىزلىك،

ساتىم- ساتىمچىلىق، ساتىمغا چىقارماق،..

زەمىن- زەمىندار، زەمىن ئىگەسى، زەمىن ساھىبى،..

قالىن- قالىنلىق دەرىجەسى، قالىنلاشماق،..

قانىق- قانىق چاي، قانىقلىق دەرىجەسى،..

كەپش- كەپش بازارى، ئالتۇن كەپش، كەپش كىيمەك،…

كەچىك- كەچىكتىن ئۆتمەك، تار كەچىك،

كەسىم- كەسىم كەسمەك، كەسىمى ئاغىر،…

كەلىن- كەلىنلىك، كەلىن بولماق، كەلىنىم،..

شەھىد- شەھىد بولماق، شەھىدانى خوتەن،…

ئۆگرەن- ئۆگرەنمەك، ئۆگرەنىم، ئۆگرەنىشلىك،…

ئۆگرەت- ئۆگرەتمەك، ئۆگرەتىم، ئۆگرەتىم ماۋسۇمى،…

ئەرگەش- ئەرگەشمەك، ئەرگەشكۈچى، ئەرگەشتۈرگۈچى،…

ئەگىز- ئەگىزلىك، ئەگىزلەمەك، ئەگىزلەتمەك،..

ماغىز- ماغىزلىق، ماغىزلىق گەپ، ماغىزسىزلىق،…

ھەكىم- ھەكىملىك، باش ھەكىم، ھەكىمەتلىك سۆزلەر…

ياقىن- ياقىنلاشماق، ياقىندىكى دوست،…

ياغىن- ياغىنلىق كۈن، ياغىن بولماق،…

يەلىم- يەلىم چاپماق، يەلىملەشمەك، يەلىملىك،…

يەمىش- يەل-يەمىش، قۇرۇق يەمىش، يەمىش بازارى،…

قارىن- قارىنداش، قارىنداشلىق، قارنى ئاچماق،…

باغىر- باغىرلاماق؛ باغىر رەڭ، باغىرداق،..

 

يەتتىنجى ماددا:  سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالىشى يازىقتا ئىپادەلەنمەيدۇ

 

 1-بۇ چاغقىچە ئىشلەتىلگەن ئىملا قائىدەمىزدە، ”ئىككىنجى بوغۇمى ئەگىز سوزۇق تاۋۇش <ئى، ئۇ، ئۈ>لار بىلەن تۈزۈلگەن بىر قىسىم ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچەلەرى قوشۇلغاندا، ئىككىنجى بوغۇم ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتسا، مەزكۇر <ئى، ئۇ، ئۈ> تاۋۇشلارى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجەدە، ئەسلىيدە ئۈچ بوغۇم بولۇشقا تەگىشلىك سۆزلەر ئاغىزدا يەنىلا ئىككى بوغۇم ھالەتىدە قالىدۇ. ئىملادا ئاشۇ چۈشۈپ قالغانى بويىچە يازىلىدۇ“ دەيدىغان بىر قائىدە بار ئىدى. بۇ قائىدە ئاشۇ تەلەپپۇز ئادەتىگە قالدۇرۇلىدۇ، يازىقتا بولسا، ئىپادەلەنمەيدۇ. مەسىلەن:

بۇرۇن- بۇرۇنى، بۇرۇنىغا يەمەك،(تەلەپپۇز قىلغاندا، ”-ۇ“نى چۈشۈرۈپ قويسا بولىدۇ)

ئۆمۈر- ئۆمۈرى، ئۆمۈرى ئۇزۇن بولماق، ئۆمۈرىدە، ئۆمۈرىنىڭ، ئۆمۈرى،…

ئورۇن- ئورۇنى، ئورۇنى يۇقىرى، ئورۇنى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئورۇنىدا،…

كۆڭۈل- كۆڭۈلى، كۆڭۈلىگە ئالماق، كۆڭۈلى يۇمشاق،…

ھۆكۈم- ھۆكۈمى، ھۆكۈمىدە چىڭ تۇرماق، ئاللاھنىڭ ھۆكۈمى، …

ئوغۇل- ئوغۇلى، قاسىم تاغانىڭ ئوغۇلى، مەنىڭ ئوغۇلۇم،…

نەسىل- نەسىلى، نەسىلىم،  (تەلەپپۇز قىلغاندا، ”-ئى“نى چۈشۈرۈپ قويسا بولىدۇ)

جىسىم- جىسىمى، ئاسمان قىسىمى،

سىڭىل- سىڭىلىسى، سىڭىلىمىز، سىڭىلىڭىز،…

پەسىل- پەسىلى، چەچەك پەسىلى، ياز پەسىلى،…

ئىسىم- ئىسىمى، ئىسىمى جىسىمىغا لايىق،

ۋاقىت- ۋاقىتى، ۋاقىتى ئۆتكەن چەك، ۋاقىتىدا،…

باغىر- باغىرىم، يۈرەك باغىرىم،

 

2-”تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالىدۇ “ دەپ يازىقتا ئىپادەلەنمەيدىغان بولۇپ قالغان ئۈزۈك تاۋۇشلار ئىملادا چۈشۈرۈپ قويۇلماي يازىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەھمەد- ئاغىزدا، ”ئەمەت، ئەخمەت“ دەۋەرسە بولىدۇ، ئەمما ئىملاسى ”ئەھمەد“ بولىدۇ.

بارغاق- بارغاق بەرمەك، بارغاق كەلمەك، بارغاقچىلىق، (ئاغىزدا ”باغاق“ دەسە بولىدۇ)

پاتىھە- پاتىھە ئوقۇماق، بارغا پاتىھە، يوققا ئەرتە،…

خارمان- خارماندا، خارمانغا، خارمانلىق،

كارناي- كارناي چالماق، كارناينى ياغلاماق،…

گاۋمىش- گاۋمىش ئادەم، گاۋمىش بولۇپ قالماق،…

گەردەن- گەردەنكەش، گەردەنىدە قالماق، گەردەنگە ئالماق،…

سۆدرەمەك- سۆدرەم، سۆدرەم سۆدرەمەك،…

سارغاي- سارغايماق، ئۈرۈك سارغايغاندا،…

مەردىكار- مەردىكار بازارىدىكى مەردانە، مەردىكارلىق،…

سەھۋەن- سەھۋەنلىك، سەھۋەنلىك ئۆكۈزمەك،

كوھنا- كوھنالىق، كوھنا كوچا، كوھنا يول،…

مەئلۇم- مەئلۇم قىلماق، مەئلۇم بولماق،

مەئلۇمات- مەئلۇماتلىق كىشى،

تەئنە- تەئنە قىلماق، تەئنەگە قالماق،…

مەئمۇرىيەت- مەئمۇرىيەت بىناسى، مەئمۇرىيەت ئىشخاناسى،..

مۆئجىزە- مۆئجىزە ياراتماق، مۆئجىزەكار،…

مۆئمىن- مۆئمىن ئادەم، مۆئمىنلىك،…

قارغا- قارغالىق، قارغالىق ناھىيەسى، قارغالىق ياڭاقى،…

سۇرناي- سۇرناي چالماق، سۇرناي ياغلاماق،…

ئەئما- ئەئمالىق، ئەئما بولۇپ قالماق،…

ئەرتە- ئەرتەدىن-كەچكىچە،…

 

سەككىزىنجى ماددا: ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

 

ئا.“ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ ياردەمچى پىئىللارى تۇرغۇن سۆزلەردىن كەيىن كەلسە، ئالدىدىكى سۆزلەرىدن ئايرىپ يازىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى- نان ئىدى، ياغ ئىدى، ماي ئىدى، لاي ئىدى،…

ئىكەن- ماش ئىكەن، تاش ئىكەن، تۇققۇز ئىكەن، شۇنداق گەپ ئىكەن،…

ئىمىش- قىزىل ئىمىش، سارىق ئىمىش، شۇنچەلىك ئىمىش،…

 

ئە. بۇ تۈر ياردەمچى پىئىللار مۇئەييەن ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان پىئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن كەيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يازىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى- ئوقۇغانىدى، بارغانىدى، كەلمەكچىدى، توقۇغانىدى،…

ئىكەن- كەلگەنىكەن، يازىدىكەن، بارماقچىكەن،…

ئىمىش- كۆرگەنمىش، يازغانمىش، بارارمىش، كەلەرمىش،…

 

توققۇزىنجى ماددا:  قوشۇمچەلەرنىڭ ئىملاسى

 

ئالدى بىلەن تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە ئۆزەك سۆزلەردىكى تاۋۇش ئۆزگەرىشىنى ئىملادا چەكلەش ۋە   ھە دەگەندەلا ئومۇمىي ئىملا ئۆزگەرىشىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن،  يەتمىش يىلنىڭ مابەينىدە قوللانىلغان قوشۇمچە سۆزلەردىكى ئىملا ئۇدۇمى ھازىرچە ساقلاپ قالىنىدۇ.

كەلىش قوشۇمچەلەرى نۆۋەتتىكى قالىپلاشتۇرۇلغانى بويىچە قوللانىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىگەلىك كەلىش: -∕∕∕نىڭ∕.

مەنىڭ، سەنىڭ، ئۇنىڭ،باغنىڭ، تاغنىڭ، …

چۈشۈم كەلىش:∕∕-نى.

مەنى، سەنى، ئۇنى، باغنى، تاغنى، ئىشلەپچىقارىشنى،..

چىقىش كەلىش: دىن، -تىن.

مەندىن، سەندىن، ئۇندىن، ئۇنىڭدىن، باغدىن، تاغدىن، كۈندىن،

مەكتەپتىن، ئوقۇشتىن، غەربتىن، شەرقتىن، قۇياشتىن

يۆنەلىش كەلىش: -غا-غە، -قا-قە، -گە، -كە.

ئاتامغا، مومامغا، قەشقەرغە، شەرققە، باغقا، تاغقا، ئۈرۈمچىگە، مەكتەپكە،..

ئورۇن كەلىش: -دا، -دە، -تا، -تە.

باغدا، تاغدا، ئورۇندا، ئاسماندا، قاسقاندا، مۇنچادا، باغچادا، تويدا، تويغاندا،..

شەھەردە، ئۆيدە؛ ئوقۇشتا، توقۇشتا، ئىشتا، سوقۇشتا؛ مەكتەپتە، ئەمگەكتە،…

كۆۋرۈكتە، كۆرەكتە، …

ئورۇن بەلگە كەلىش: -دىكى، تىكى.

ئۆيدىكى، تويدىكى، تۈندىكى، ئاسماندىكى، يەردىكى؛ باشتىكى، قاشتىكى،

چەك كەلىش: -غىچە، -قىچە.-گىچە، -كىچە.

ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە، موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە، تۈن كەچەگىچە، چۈشكىچە، ئەرتەدىن كەچكىچە،..

ئوخشاتما كەلىش: -دەك، -تەك.

تاغدەك قىيىنچىلىق، جەننەتتەك ماكان، ئاسماندەك ئەگىز بىنا، بارداڭدەك يوغان قورساق، نورغۇچتەك ئۇزۇن قۇيرۇق،…

تەڭلەشتۈرمە كەلىش: -چە، -چەلىك.

ئالقانچە، مۇشتۇمچە، ئالقانچەلىك، مۇشتۇمچەلىك؛ ئالمادەك يۈرەكتە ئالەمچە ئوت بار،…

شۇنداقلا، ”-ئىدى∕∕∕∕∥-دى،-ئىكەن∥-كەن،-مىدى∥ مىكەن،-ئىمىش∥-مىش“ كەبى زامان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچەلەر ۋە ”-غان∥-قان∥-گەن∥-كەن، -ئىدىغان∥-ىغان، -غانىكەن∥- غانمىش، -ئىۋاتقان∥-ۋاتقان، -ئىش∥-ۇش∥ -ش، -ئىپ∥ -ۇپ ∥-ئەپ∥-پ، -غىلى∥-قىلى، -گىلى∥ -كىلى“ قاتارلىق راي-مەيل، ھەرىكەتنام، سۈپەتداش ۋە رەۋىشداش قوشۇمچەلەرى قاتارلىقلارنىڭ ئىملادا تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە سۆز ئۆزەكلەرىگە قوشۇلۇش قائىدەسىمۇ 2009-يىل 9-ئايدا، ئۈرۈمچىدىكى خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان “ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى“دە بەكىتىلگەن بەلگەلەمەلەر بويىچە داۋاملاشىدۇ، ”-ئادۇرغان∥-ئەدۇرغان“ شەكلىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى رامكاسىغا قايتىپ كەتىلمەيدۇ.

 

ئونۇنجى ماددا: ياۋروپا تىللارىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

 

ياۋروپا تىللارىدىن كىرگەن سۆزلەر تەركىبىدىكى ”e“ ھەرپى كەڭەشلىك ھالدا، ”ئى“ ياكى“-ئە“ ھەرپىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. چۈنكى، مۇندىن كەيىن ئۇيغۇر يازىقى ئىملاسىدا، ”e“ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئاتالمىش ئارا سوزۇق تاۋۇش ھەرپى قوللانىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر يازىقى ئاسما چەكىت ئاپەتىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. مەسىلەن:

ئامەرىكا- ئامەرىكالىق، ئامەرىكانىڭ، ئامەرىكاغا،…

ئەنگلىزچە- ئەنگلىزچەدە، ئەنگلىزچەدىن، ئەنگلىزچەنىڭ،…

ئەلەكتىر- ئەلىكتىرلەشمەك، ئەلىكتىر چىراغى،…

ئەلەكتىرىك- ئەلىكتىرىك ئەسۋاپ، ئەلەكتىر كۈچى،…

ئەلىكتىرون- ئەلىكتىرونلۇق،

ئەنجىنىر- ئەنجىنىرلىق، ئەنجىنىرلەر،…

فاكۇلتەت- فاكۇلتەتى، فاكۇلتەتىدە، فاكۇلتەتىنىڭ،…

تەلىفون- تەلىفونلاشماق، تەلىفونى، تەلىفونۇم،…

تەلىگراف- تەلىگراف ئىدارەسى،

تەلىۋىزيون- تەلىۋىزيوندا، تەلىۋىزيونۇم،…

ستودىنت- ستودىنتى، ستودىنتلىق شاھادەتنامەسى،…،

ئۇنىۋەرسىتىت- ئۇنىۋەرسىتىتلىق، ئۇنىۋەرسىتىتىدا،…

كومپيوتەر- كومپيوتەردە، كومپيوتەردە ئىشلەمەك،…

كىلوگىرام- كلوگىراملىق، كىلوگىراملاپ،…

مىتىر- مىتىرلاماق، مىتىرلىق،…

سانتىمىتىر- بىر سانتىمىتىر،

دەستىمىتىر- بەش دەستىمىتىر،

كىلومىتىر- كىلومىتىرلاماق، كىلومىتىرلاپ،..

مىنوت- مىنوتلۇق، مىنونتلاپ،…

رىتىم- تۇرمۇش رىتىمى، رىتىملىق سوقماق،…

سىكونت- سىكونتلۇق، مىنوت-سىكونت كەچىكتۈرمەي،…

گرامماتىكا- گرامماتىكالىق ئۇقۇم، گرامماتىكاغا ئائىت،..

فونىتىكا- فونىتىك، فونىتىك ئۆزگەرىش، فونىتىك ھادىسە،…

فونولوگىيە- فونولوگىيە پەنى، ئۇيغۇر تىلى فونولوگىيەسى،…

كلاسسىك- كلاسسىك ئەدەبىيات، كلاسسىك ئەسەر،…

 

تەلقىنلىق خاتىمە

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي گەۋدەسى مەڭگۈ ئانا يۇرتتا، ئۇيغۇر ۋەتەنىدە بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر يازىقى ئىملا قائىدەسى مەسىلەسى ئاداققىي جەھەتتە، ئاشۇ ئانا يۇرتتىكى زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ھىمايە قىلىشى ۋە مەخسۇس ئورگانلارنىڭ تەستىقى ئارقالىق ئومۇملاشىدۇ. شۇنداق ئىكەن، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلار بولۇش سالاھىيەتىمىز بىلەن، ئىملايىمىزدىكى يەنە ھەل قىلىشقا تەگىشلىك بولغان باشقا مەسىلىلەرنى  كەڭەش ئۈچۈن ساقلاپ قالىش ۋە ئۇلارنى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان لۇغەتتە بەكىتىلگەن بويىچە يۈرگۈزۈپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق.

مۇناسىۋەتلىك نەشىرىيات ئورۇنلارىنىڭ ۋە تىل-يازىقىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بولىدىغان زىيالىيلارنىڭ بۇ ئىملا قائىدەمىز (لايىھە) ھەققىدە قىممەتلىك ۋە سەمىمىي پىكىر بەرىشلەرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

2020-يىل 13-ئاپرىل.

https://ziyali.org/read-029374e4768840ee8859

Share
2526 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.