logo

trugen jacn

گەنسۇ ئۆلكىسى مەكتەپلەردە قۇرئان ئوقۇشنى چەكلىدى

2902

خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەردە دىننى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر بەلگىلىمە يېقىندا قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر گەنسۇلۇق تۇڭگان يەسلى بالىسىنىڭ ۋىدېئوسى توردا تارقالغاندىن كېيىن چىقىرىلغان. مەزكۇر ۋىدېئو ئاتېئىست خىتاي كومپارتىيە دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ ۋىدېئوغا كىشىلەرنىڭ نەپىسى تۇتۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەزىپى قوزغالدى. گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنى سالامەتلىكىگە زىيانلىق بۇ خىل ھەرىكەتنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى، مەكتەپلەردە دىنغا قاتتىق چەكلىمە قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپ، يەسلىلەردە ھەر قانداق دىنىي خاھىشنى قاتتىق چەكلەپ، دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق جازالاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگانلارغا يۇمشاق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

ھۆكۈمەت تۇڭگان ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىغا قاتنىشىشى، ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى، دىنىي زاتلارنىڭ مەكتەپ ئېچىشى، ياشلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ئىبادەت قىلىشى، تۇڭگان ئاياللىرىنىڭ ھىجابقا كىرىشى، ئەركەكلىرىنىڭ ساقال قويۇشىدەك دىنىي ئىبادەت، دىنىي سىمۋوللارغا يول قويۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي تور بەتلىرىدە تارقالغان ۋىدېئوغا قارا ھىجابلىق بىر تۇڭگان قىزچاق ۋە مۇسۇلمان كىيىم-كېچەكلىك بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرۈنۈشى ئېلىنغان. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ قارارى نىڭشيا ئۆلكىسىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدا ئەرەب تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچىيىپ، ئەرەب تىلى يەسلىلىرىنىڭ ئېچىلىشى توردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان مەزگىلدە يۈز بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/gansu-quran-mektep-05062016172226.html

Share
913 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.