logo

trugen jacn

گېرمانىيە مۇتەخەسسىسى تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان 1400 يىللىق ئۆتۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى

 

مېھرىبان

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئاستانە قەدىمىي خارابىلىكىدىن تېپىلغان 1400 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆتۈك، يېقىندا گېرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇملار مۇتەخەسسىسى رېگىنې ۋوگىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈلمەكچى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئارخېئولوگلار تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان ئاچ سېرىق رەڭلىك ئۆتۈكنىڭ قوي تېرىسىدىن تىكىلگەنلىكىنى بېكىتكەن. ئۆتۈكنىڭ تۇمشۇقى ئۈستىگە قارىغان، 3 قات كۆندىن ئىشلەنگەن چەمى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ تۇرپاندىكى قەدىمىي خارابىلىكلەردىن كۆپلىگەن ئاسارە-ئەتىقىلەر تېپىلغان. بۇلتۇر تۇرپاندىن تېپىلغان يۇڭ توقۇلما ئىشتاننىڭ تارىخى خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن 3300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/asare-etiqe-03172015170741.html

Share
1443 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.