logo

trugen jacn

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئىلھام توختى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك

ball-443852_960_720-2

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى باشلىنىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دىئالوگتا ئىلھام توختى دېلوسى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن دىئالوگلارنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى ۋە ئىجابىي تەسىرى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگتا چوقۇم كونكرېت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 7 ‏-ۋە 8 ‏-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ دىئالوگ 1999‏-يىلى سابىق گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرېدۆت زامانىدا باشلانغان. ئەمما دىئالوگنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۈنۈمى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دىئالوگ ھېچقانداق ئەمەلىي مەسىلە ھەل قىلمايدىغان رەسمىيەت خاراكتېرلىك سۆھبەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ئۇلرىخ دېلئىۇس پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەيلى ئۇلار خرىستىئان، فالۇنگۇڭ، مۇسۇلمان، بۇددىست بولسۇن ياكى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي بولسۇن، ئۇلارنى كونترول قىلىش، چەكلەش ۋە باستۇرۇشتۇر. شۇڭا دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11042016164409.html

Share
957 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.