logo

trugen jacn

گۈلەناي خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئۆتتى

 

 

 

بىلىمخۇمار

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى

مەن ئۆزۈمنىڭ 2015-يىلى 19-مايدا تورلارغا چىقارغان «ئىقتىسادشۇناسلىق باش مەسلىھەتچىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر ھەققىدە يېڭى خەۋەر» (نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار 12) دېگەن ماقالىسىدە ئامېرىكىدىكى «Wells Fargo» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ بانكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىرنى تونۇشتۇرغان ئىدىم.

گۈلنازنىڭ جەمئىي 3 پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكىنىڭ ئىسمى گۈلەناي.  گۈلەناي كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشنى باشلىغان ئىدى.  ئۇ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇنياغا ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ھەققىدە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى.  مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىزىمىز گۈلەناينى قىزغىن تەبرىكلەيمەن—مۇبارەك بولسۇن!

z01_gulenay
1-رەسىم: يېقىندا خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىنغان قىزىمىز گۈلەناي.

ھازىر ئامېرىكىدا تېخى بارلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش خېتى ئەۋەتىش ۋاقتى توشمىغان بولۇپ، بىر قىسىم داڭلىق مەكتەپلەر ئۆزلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا مەكتەپلەرگە كېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بالدۇر ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.  بۇنداق ئىش ئىنگلىزچە «Early Notification» دەپ ئاتىلىدۇ.  گۈلەناي بۇ قېتىم ئەنە شۇنداق ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا قوبۇل قىلىنىش خېتىنى بالدۇر تاپشۇرۇپ ئالئالغان

z02_guleynay_havard
2-رەسىم: گۈلەناي خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى.ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  قىسقىسى، مەكتەپلەردە پەۋقۇلئادە ياخشى ئوقۇغان، ھەمدە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىمۇ ئەلا ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچى بولمىسا، خاۋاردقا كىرەلمەيدۇ.   گۈلەناي ھازىرغىچە ئەنە شۇنداق ئوقۇپ كەلگەن.  ئۇ كۆپ قېتىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلىم-پەن مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.  بىر قانچە ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ماتېماتىكا مۇسابىقىسىغا قاتناشقان.  بىر قانچە تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك شان-شەرەپ جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك تارىخ شان-شەرەپ جەمئىيىتى، ۋە مەملىكەتلىك ماتېماتىكا شان-شەرەپ جەمئىيىتى قاتارلىقلارغا ئەزا بولۇپ تاللانغان.  ئۇ بۇ يىل (2015-يىلى) يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ناسانىڭ بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «ئوقۇغۇچى خىزمەتچى» بولۇپ ئىشلەپ، ناسانىڭ مارسقا ئادەم چىقىرىش پروجېكتى (قۇرۇلىشى) نىڭ بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشىنى تاماملىغان.  2014-يىلى يازلىق تەتىلدە گۈلەناينىڭ ئاكىسى بابۇرجانمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بىر ناسا پروگراممىسىغا قاتناشقان ئىدى.  بۇنىڭدىن گۈلەناينىڭ ئاتا-ئانىسى، شۆھرەت سەيدەخمەت بىلەن گۈلنازنىڭ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجىرلىرىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.گۈلەناي ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر  پەرزەنتى بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئوقۇش، تەنتەربىيە ۋە باشقا دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە مۇنەۋۋەر ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنىمۇ ناھايىتى ياخشى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

گۈلەناي ھەققىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمىسەم بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش، گۈلەناينىڭ ئاپىسى ۋە ئاكىسى بىلەن بىللە بۇ يىل ئەتىيازدا مەككىگە بېرىپ، ئۈمرە ھەج قىلىپ كېلىشىدۇر.

مەن گۈلەناينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.  تۆۋەندىكىسى گۈلەنايغا ئائىت يەنە بىر قىسىم رەسىملەر.

z04_gulenay
z03_gulenay (1)
z11_gulenay
Share
2563 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.