logo

trugen jacn

گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ ئەزالىرى 30-دېكابىر كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى قانۇنسىز ھالدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە گۈلشەن ئابباس قاتارلىق بارلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 30-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاخبارات يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولسا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە روشەن ئابباسنىڭ قېرىندىشى، ئۈرۈمچىدە پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ خىتاي تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىدى.

گۈلشەن ئابباس خانىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 10-سېنتەبىردىن بېرى غايىب قىلىۋېتىلگەندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتاتتى. بىراق يېقىندا ئۇنىڭ ئائىلىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئاخبارات يىغىنغا گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ قىزى زىبا، قېرىنداشلىرى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، روشەن ئابباس خانىملار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېيمىس ماكگوۋرن، مەجلىس ئەزاسى توم سۇئازى، مەجلىس ئەزاسى كىرىس سىمىس، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خەلقئارا ئاياللار مەسىلىلىرى بويىچە باش ئەلچىسى كېللېي كۇرىي خانىم، ئامېرىكا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەللەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن جەيمىس ماكگوۋرن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «2018-يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەن پېنسىيەگە چىققان مېدىتسىنا دوختۇرى گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق كېسىۋېتىلىشىنى بىز خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى يېقىنلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە قىلغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىۋاتقانلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۇناھسىز يېقىنلىرىنى نىشانلىشى ئەخلاقىي جەھەتتتىن ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك. بۇ خەلقئارادا بېكىتىلگەن پىكىر ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارە دەپسەندە قىلغانلىق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ يەردە گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۈلشەن ئابباس خانىمنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنى زۆرۈر تىببىي ياردەم ۋە داۋالىنىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز شۇنداقلا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچىلەيت خانىمنى بۇ مەسىلە ھەققىدە ۋە باشقا بارلىق خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇندىن باشقا ماكگوۋرن ئەپەندى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرىنچى مۇھىم مەسىلە دەپ قاراپ، دەرھال قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا، گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ جازالىنىشىدا رول ئالغان بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىمۇ بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئارقىدىن مەجلىس ئەزالىرى توم سۇئازى ۋە كىرىس سىمىس قاتارلىقلارمۇ بىر ئېغىزدىن سۆز قىلىپ، گۈلشەن ئابباس خانىمغا بېرىلگەن بۇ ئېغىر جازادىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ كۆلىمىنى ئېنىق نامايەن قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە يەنىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

كەللىي كۇررىي خانىمۇ سۆزىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ب د ت ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شەخسەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پەقەت بىر خىزمەت دەپ ئەمەس، بەلكى بىر شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ چىن يۈرىكىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ دائىما گۈلشەن خانىم ئائىلىسى بىلەن، لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ھەربىر كىشىنىڭ قولىدىن كەلگەنچە گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ مەسىلىسىگە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئارقىدىن روشەن ئابباس خانىم ۋە زىبا مۇراتلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئاخبارات يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يۇقىرىقى مەجلىس ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بۇ ۋاستىسىنى قاتتىق ئەيىبلەشتىن سىرت، ئۆزلىرىنىڭ بۇ داۋادىن ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنداق ۋاستىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنى ھەقلىق دەۋاسىدىن چېكىندۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇلار يەنە بىر-بىرلەپ يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەجلىس ئەزاسى كىرىس سىمىس قاتارلىقلار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىدە كەسكىن قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم يەنىمۇ قاتتىق تىرىشىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتىكى قانۇن-قارارلارنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىسقىسى، ئۇلار خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كۈنلەرنىڭ يېـتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن تەكىتلەشتى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/gulshen-abbas-12302020202113.html

Share
1764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.