logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر: سوتنىڭ ئالدى – كەينىدە تېلېفونۇم ۋە ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرى كونتروللۇقى كۈچەيدى

image11

مېھرىبان

2014-u1017-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى ئەپەندىنى سوتلاش كۈنى سوت مەيدانىنىڭ ئەتراپى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم 16 – ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمى ئۈستىدىن سۇنغان نارازىلىق ئەرزنىڭ جاۋابىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىدى. گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بايانلىرىدن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوتى ئېچىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە، ئۇنىڭغا قارىتىلغان نازارەت يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قول تېلىفونى ۋە ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرىنى كونترل قىلىش تېخىمۇ ئېغىرلاشقان

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن سوت ئاچقان مەزگىلدە، گۈزەلنۇر خانىمغا قارىتىلغان نازارەتنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ تېلېفون ئالاقىسى ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇچرىغان

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا، 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى نازارەتچى ساقچىلار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ ئۆيگە زىيارەتكە كېلىدىغانلارنى تىزىملاش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر گۈزەلنۇر خانىم ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇنىڭ نورمال تېلىفون ئالاقىسىگە قارىتىلغان كونتروللۇق ئىلگىرىكىدىن كۈچىيىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرىدىن سكايپې، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش يولىنىڭمۇ ئۈزۈۋېتىلىشى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بالىلىرىنىڭ مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئادۋوكاتلار ۋە يۇرتى ئاتۇشتىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئادەتتە كۈندۈزى تېلېفونىنى ئەتمەيدىغان ئادەتنى يېتىلتۈرگەن. ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان مەزگىللەردىن باشلاپ، ئۇنىڭغا سىرتتىن ئۇرۇلغان تېلېفون ئېلىنمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر بىلەن ئالاقىلىشىش قوراللىرى بولغان ئىنتېرنېت ئالاقىسى سكايپې، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىمۇ ئىشلەنمەس بولغان

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىلھام ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، دائىرىلەر ئۇنى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپلا، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېرى ئىلھام توختىغا ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ۋە خەلقئارادىمۇ خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلەر بارغانچە كۈچەيگەن ئىدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا مەخسۇس نازارەتچىلەرنى قويۇپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىشى، ئۇلارنىڭ بىرى 7 ياشلىق، يەنە بىرى 4 ياشلىق ئىككى ئوغلىغا روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەن. گۇزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇرلار ئۇنىڭ 7 ياشلىق چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك سىقىلىش كېسىلىگە گىرىپدار بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بالىغا خاتىرجەم، خوشال مۇھىت يارىتىلىش كېرەكلىكىنى قايتا – قايتا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ئائىلىگە قاراتقان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى بارغانچە كۈچەيتىشى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ نارسىدە ئىككى ئوغلىغا تېخىمۇ زور روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-repiqisi-10172014223827.html

Share
1801 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.