logo

trugen jacn
07 يانۋار 2015

گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەردىن ئىلھام توختىنى يوقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

7fcb9067-2660-4305-ae80-2954aa06a96d

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر، ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئېرى ئىلھام توختىنى يوقلاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى بۇلتۇر 32-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 2014-يىلى، 21-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر «ئىلھام توختىنى يوقلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغان. ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ ئادەتتىكى مەھبۇسلار بەھرىمەن بولىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ يوقلاش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-01062015154023.html

Share
927 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.