logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

image

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېرى ئىلھام توختىغا ئارتقان ئاتالمىش جىنايەتلەر ھەققىدە توختالغان گۈزەلنۇر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرىگە تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جامائەتنى مەزكۇر دېلوغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

30-ئىيۇل خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دېلوسىنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتقا يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، ئېرى ئىلھام توختىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق چۆچۈتكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل 15-يانۋار ئىلھام ئەپەندىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ ئەكەتكەندىن بۇيان ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەڭ ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالغاننى ئاز دەپ، ئەمدى ئۇنى ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم، ئېرى ئىلھام توختىغا ئارتىلغان «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتىنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى ئېرىم ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىنى سوتقا يوللىغانلىقى ھەققىدە بىزگە ۋە ئادۋوكاتقا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلغىنى يوق. مەن بۇ خەۋەرنى ھۆكۈمەت تورىدىن كۆرۈۋاتىمەن. خەۋەرنى توردىن ئوقۇغاندىكى تۇنجى تەسىراتىم، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا ئارتقان ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» دىن قاتتىق چۆچۈش ۋە ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇش بولدى. شۇ تاپتا ئۆيىمىز ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرىمەن، ئۆيگە كىرگۈدەك ھالىم يوق. چۈنكى ئېرىم ئىلھام توختى ئۇلار ئارتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھېچقايسىنى سادىر قىلمىدى. ئۇلار ئىسپاتسىز ھالدا ئېرىم ئىلھام توختىغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە شۇ تاپتا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ۋويسېر ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئادۋوكات ئارقىلىق ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يولسىزلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر: مەن ھازىر ئېرىم ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشىۋاتىمەن. لى فاڭپىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلىسەملا ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرىمەن ۋە ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىمەن. چۈنكى ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى ئېرىم ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى بولغان ماڭا، ئېرىمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ياكى ئادۋوكاتقا ئۇقتۇرمىدى، بۇ قانۇنسىزلىق. ئۇلار ئۆزى تۈزگەن قانۇننى ئۆزى بۇزۇۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قېلىش چاقىرىقى بارغانچە كۈچەيمەكتە.

ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلەرگە قۇلاق سالمىغاندىن سىرت، ئىلھام ئەپەندىگە ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن «باربارا گولدسمىت» نامىدىكى ئەركىن يېزىش مۇكاپاتىنى«خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىدەك تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىيغا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكىچە چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-07302014143207.html

Share
1674 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.