logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر خانىم ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە چەكلىمىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

İ.tohti ve ailisi

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ خانىمى مىشال ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلار تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان.

15 – يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، دائىرىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئادۋوكاتنىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يەنىلا يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، نورۇز مەزگىلىدە ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنت خانىمى مىشال ئوباما ئۆتكەن پەيشەنبە خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 1 – خانىم مىشېل ئوبامانىڭ 19 – مارتتىن 26 – مارتقا قەدەر داۋاملىشىدىغان زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلار تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ياكى بېيجىڭدىن چەتلەشتۈرۈلگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ئەرزدارلارنى تەقىپ قىلىش خىتاينىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىلا كۈچەيتىلگەن بولۇپ،1 – مارتتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، نارازەت قىلىش كۈچەيتىلگەن بولسا، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىق يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار بېيجىڭدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ، «مەجبۇرىي ساياھەت» قىلدۇرۇلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، نورۇز مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ۋىچات، سكايپې قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە تورىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلىپ، ئىلگىرى بۇ ئۆيگە دائىم كېلىپ تۇرىدىغان دوستلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا نازارەتتە تۇرغان ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بۇ ئائىلىنىڭ يېقىن دوستى تىبەتلىك يازغۇچى ۋوئېسېر خانىمنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تىبەتكە ساياھەتكە ئەۋەتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 24 – مارت دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مىشال ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە، مىشال ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سەندۇڭدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدار لۇ چىيۇ مېي ۋە شۈدالى قاتارلىق ئىككەيلەنمۇ، 20 – مارت كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا خاڭجۇغا ساياھەتكە ئېلىپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئىككى ئەرزدار مىشال ئوباما خانىمنىڭ بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ خان ئوردىسى موزىيخانىسىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېلېفوندا مەسلىھەتلىشىپ گۇگۇڭ خان ئوردىسىغا بېرىپ مىشال ئوباما بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. ئەمما،ئۇلارنىڭ تېلىفوندا سۆزلەشكەن سۆزى ساقچىلار تەرىپىدىن سېزىلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر گۇگۇڭ موزېيخانىسىغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ ئىككەيلەننى خاڭجۇغا «مەجبۇرىي ساياھەت» كە ئېلىپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ئەرزدار يېقىندا ئامېرىكىغا بىر يىللىق ساياھەت ۋىزاسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پاسپورتى بىكار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا كېلىش چۈشى كۆپۈككە ئايلانغان.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى نازارىتى ۋە بېسىمى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئەپەندى بىلەنمۇ كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مائاشى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توڭلىتىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مۇشۇ كۈنلەردە ئېغىر روھى بېسىمغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئىقتىسادىي بېسىمغىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guzelnur-xanim-03242014223239.html

Share
1637 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.