logo

trugen jacn

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ سوتىدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى

7fcb9067-2660-4305-ae80-2954aa06a96d

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم 16-ئۆكتەبىر كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمى ئۈستىدىن سۇنغان نارازىلىق ئەرزىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، بانكا ھېسابى ۋە باشقا رەسمىيەتلەر ئاساسەن ئىلھام ئەپەندى نامىدا بېجىرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈستىدىن ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىپ، 23-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئادۋوكاتلار ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوتىنىڭ قارارى ئۈستىدىن يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزىنى تاپشۇرغان ئىدى

بۈگۈن ئەتىگەن ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 4-ئۆكتەبىر كۈنى نارازىلىق ئەرزىنىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ 8-ئۆكتەبىر نارازىلىق ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا خەت ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ھازىر يۇقىرى سوتنىڭ قارارىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۇنىڭغا ئادەتتە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە 10 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بەلكىم ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن قايتىدىن سوت ئېچىلىش ياكى ئەسلى ھۆكۈمنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەققىدىكى قارارنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېنىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بىز گۈزەلنۇر خانىمدىن، ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە ئىلھام ئەپەندى سوتى ئېچىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتقا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىككى ئايالنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا، سوتنىڭ ھۆكۈمىدە ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «ئىلھام توختىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش» ھۆكۈمى ھەققىدە توختىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىلھام ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئېلىنغان بېيجىڭدىكى تۇرالغۇ ئۆيىدىن باشقا مال-مۈلكىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئېھتىيات ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان ئازغىنە ئىقتىسادنىڭمۇ ئىلھام ئەپەندىنىڭ بانكا ھېسابىدا بولغاچقا، دائىرىلەر ئېرى ئىلھام توختىنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇتۇپخانىدىن ئالىدىغان توختاملىق ئىش ھەققى3000 سوم پۇل بىلەن ئىككى ئوغلىنى بېقىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۈزەلنۇر خانىمنىڭ نوپۇس كىملىكى ئاتۇش تەۋەلىكىدە بولغىنى ئۈچۈن، بېيجىڭدا بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن بېجىرىلگەن. ئىلھام ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، گۈزەلنۇر خانىم بۇ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى قايتا بېجىرىشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ھەتتا بەزى ئورگانلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش جەريانىدا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشىدەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن

بۇ يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 23-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بۇ سوت خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئادالەتسىز سوت دەپ قاتتىق ئەيىبلەنگەن. ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، 1-قېتىملىق سوتتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن قايتا سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10162014152156.html

Share
1457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.