logo

trugen jacn
28 مارت 2014

گۈزەلنۇر:ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېرىم ئىلھامنىڭ مائاشىنى توڭلاتقانلىقى قانۇنسىزلىق»

Güzelnur2

مۇخبىر مېھرىبان

ئىلھام توختى ئەپەندى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان دائىرىلەر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم مۇشۇ كۈنلەردە ئېغىر روھى بېسىمغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئىقتىسادىي بېسىمغىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مائاشى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىنى، ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز بۇ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى ئېرىم ئىلھام توختىنىڭ مائاشىنى بېرىدىغان بانكىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ مەكتەپتىن نورمال بېرىلىۋاتقان مائاشىنى توڭلاتقانلىقىنى ئۇقتۇم. مەن ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش قارارىغا كەلدىم.»

يۇقىرىقىلار گۈزەلنۇر خانىمنىڭ 27-مارت كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزلىرى.

گۈزەلنۇر خانىم سۆزىدە ئېرى ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەندىن باشقا، نۆۋەتتە يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە دائىرىلەر ئىلھام ئەپەندىنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بېرىلىۋاتقان مائاشىنىمۇ توڭلىتىش بۇيرۇقى بەرگەن. 21-مارت پەيشەنبە كۈنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ مائاشىنى ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا بارغان گۈزەلنۇر خانىم، مائاش كارتىسىغا 3-ئايلىق مائاشى كىرگەن تۇرۇقلۇق، پۇل ئالالمىغاندىن كېيىن، بانكا خادىملىرىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن. بانكا خادىمى ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ مائاشىنى ئۇنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئىلھام توختى نامىدىكى ھېساباتنى توڭلىتىش بۇيرۇقى بەرگىنى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ گۈزەلنۇر خانىمغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىن ئارىدا ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلار ئارقىلىق ئۇنىڭ يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېتىشىنى قايتا-قايتا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بۇ خىل تەلەپلەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ مائاشىنى توڭلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى بېيجىڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەر كېلىشىدىن قەتئىينەزەر بېيجىڭدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭدەك ئىستېمال سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان شەھەردە ئۇنىڭغا ئوخشاش كۇتۇپخانا خىزمەتچىسىنىڭ 2000 سوملۇق مائاشى بىلەن، يەسلى يېشىدىكى ئىككى بالا ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرنىڭ ئوقۇش راسخودىنى غەملەش گۈزەلنۇر خانىمغا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گۈزەلنۇر خانىم 6 ياشلىق چوڭ ئوغلىنىڭ ھەر ئايلىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 600 سوم خەلق پۇلى، 4 ياشلىق كىچىك ئوغلىنىڭ يەسلى پۇلى ئۈچۈن ئېيىغا 1100 سوم تۆلەيدىغان بولۇپ، ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقان گۈزەلنۇر خانىم ئۈچۈن بۇ ئىقتىسادىي يۈكنىڭ قوشۇلۇشى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-03272014161201.html

Share
1959 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.