logo

trugen jacn

گۇمىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشىدا ئۈنۈم يارىتالمىغان ئوقۇتقۇچىلار «كوللېكتىپ كۈرەش» كە تارتىلىدىكەن

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق ئوقۇتۇشقا مەركەزلەشكەن مائارىپ سىستېمىسىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىگە قاراشلىق «قوش تىللىق مائارىپ» بويىچە مەلۇم ئۈلگىلىك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 640 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە سىنىپلار يىللىقلار بويىچە «كۈچەيتىش سىنىپى»، «قوش تىللىق سىنىپ» ۋە «ئادەتتىكى سىنىپ» دەپ ئۈچ تۈركۈمگە بۆلىنىدىكەن.

«كۈچەيتىش سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدا بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە گەپ-سۆز قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. بۇ سىنىپقا دەرسكە كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بويىچە تەربىيەلەنگەن ياش ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. ئەگەر ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى مەكتەپ بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە (پىرسەنت بويىچە) يەتكۈزەلمىسە مەۋسۇم ئاخىرىدا «كوللېكتىپ پىپەن (كۈرەش قىلىش) يىغىنى» ئېچىلىپ، قاتتىق تەنقىد ۋە جەرىمانىگە ئۇچرايدىكەن.

بىز خوتەندىكى مىللىي مائارىپ ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ پاجىئەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بار ‏- يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن خوتەندىن ئىككى مىڭ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاراتۈرك ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مائارىپقا مەسئۇل بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاراتۈرك ناھىيەسى تەۋەسىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ تولۇق ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى، نوقۇل ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان بىرمۇ مەكتەپنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghurda-maarip-01142016134729.html

Share
1480 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.