logo

trugen jacn

گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كېرىيە، چىرا ناھىيەلىرى يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى ۋە چارلاش خادىمى ياللىغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 6 نەپەر خىتاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن. خوتەننىڭ كېرىيە ۋە چىرا ناھىيەلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى، ئامانلىق خادىمى ۋە چارلاش خادىمى ياللىغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن 254 نەپەر ياردەمچى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ 204 نەپىرى يەرلىك مىللەتتىن، 50 نەپىرى خىتايلاردىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 18 ياشتىن 30 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، قوبۇل قىلىشتىكى بىرىنچى شەرتى «جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان» ئاكتىپ ياشلار بولۇشى كېرەككەن.

ئۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى، يەنى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىمۇ جەمئىيەتتىن 207 نەپەر ئامانلىق تەكشۈرۈش خادىمى، يەنى «شەھەرگە كىرىشتىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇرۇپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغان خادىملار» بىلەن 84 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئاساسەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى 4 ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. كېرىيە ناھىيە قارقى يېزىلىق ساقچىخانا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېرىيەنىڭ ئويتوغراق، كۆكيار ۋە سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىلىرى ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «مەن ياردەمچى ساقچى. ھازىر بۇ يەردە نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلار بۇ توغرىلىق سىزگە مەلۇمات بېرەلمەيمىز. پەقەت باشلىقلاردىلا سىرتقا قارىتا گەپ قىلىش ھوقۇقى بار. مەن بۇ ساقچىخانىغا ئىشقا كىرگىلى 15 كۈندەك بولدى. لېكىن مەن يېقىندا قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار قاتارىدا ئەمەس.»

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم يېقىندا 200 دىن ئارتۇق چارلاش خادىمى قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېزا تەۋەسىدىكى مۇھىم كوچا ياكى يول ئېغىزلىرىغا قۇرۇلغان «گاڭپېڭ»، يەنى پولات، قەلەيدىن ياسالغان تەكشۈرۈش پونكىتىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان چارلاش خادىملىرى كېچە-كۈندۈز، يەنى 48 سائەت ئۇلاپ ئىشلەيدۇ. بىزدىكى بۇنداق جىددىيچىلىك يېقىندا گۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ كۆكيار ساقچىخانىغا ئۆتكەندە ياردەمچى ساقچىلارنى تولۇقلاپ بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 200 نەچچە ئامانلىق خادىمىدىن بىزنىڭ ساقچىخانىغا ئادەم تەقسىم قىلمىدى.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارغا ھەر ئايدا تاماق پۇلى ئۈچۈن 450 يۈەن بېرىدۇ. ئايلىق مائاشى 2600 يۈەن. قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ يېشى 18 ياشتىن 30 ياش ئارىلىقىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ياكى خىزمەت كۈتۈۋاتقان ياشلار كۆپرەك. ئائىلىسىدە سىياسىي مەسىلىسى بار ياكى نۇقتىلىق نوپۇس تىزىمىغا كىرگەنلەر قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. سىياسىي شەرتى بەكمۇ ئېغىر.»

ئۇ يەنە چارلاش خادىملىرىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ئۇدا 48 سائەت دەم ئالماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى، گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن بۇ يەردە ۋەزىيەتتىن پەۋقۇلئاددە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «سىيەك يېزىسى تەۋەسىدە ئىككى چوڭ گاڭپېڭ بار. ئۇلارنى ئادەتتە 36 ۋە 37 دېگەن كود بىلەن ئاتايمىز. ئۇيغۇرچە ئامما ئارىسىدىكى ئاتىلىشى ‹خەلققە قۇلاي ساقچى پونكىتى›. ئادەتتە چوڭراق گاڭپېڭلار 80 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدا 22 دىن 23 كە قەدەر چارلاش خادىمى تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ھازىرچە 17 دىن ئادەم بار، شۇڭا چارلاش خادىملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئېلان چىقىرىپ، 250 ئادەم قوبۇل قىلدى. ئۇلارنى ھازىرچە تېخى تەقسىم قىلمىدى. ئاڭلىشىچە، مەشقلەندۈرۈۋاتقان ئوخشايدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سىيەك يېزىسىدا ئىككى گاڭپېڭ بار. ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىر كېلىدۇ. بىرى دۆلەت تاش يولىنىڭ دەل سىيەك يېزىسىغا كىرىدىغان ئېغىزىدا، يەنە بىرى سىيەك يېزىسىدىن كېرىيە ناھىيە بازىرىغا ماڭىدىغان يول ئېغىزىدا. ھەرقانداق كىشى يېزىدىن چىقماقچى بولسا مۇشۇ ئىككى گاڭپېڭدىن ئۆتمەي سىرتقا چىقالمايدۇ. ئىككى گاڭپېڭنىڭ ئارىلىقىدا ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا ئادەتتە 3 مىنۇتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-03022017132121.html

Share
1169 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.