logo

trugen jacn

گۇما كونا بازار ھۇجۇمچىلىرىنىڭ كىملىك ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى

d8e3ae97-91b2-4597-9a20-c54e55939be8

 شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋە ئىككى كۈن داۋام قىلغان خىتاي ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئىككى نەپەر گۇماندارى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

ساقچى ۋە كەنت مەسئۇللىرى مەزكۇر ئىككى گۇماندارنىڭ ئىلگىرى ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان لۈكچەك ياشلاردىن ئىكەنلىكىنى ۋە كېيىنچە ئاتالمىش رادىكال دىنىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى ئاھالىلەر، ئۇلارنىڭ ياشلىقىدا بىر مەھەل كەيپى-ساپا يولىدا ماڭغاندىن كېيىن توغرا يولنى تاپقانلىقى يەنى ھىدايەت يولىغا ماڭغانلىقىنى بايان قىلدى. ساقچىلار، ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مايىل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزى ئاھالىلەر، ئۇلارنىڭ ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى يۇقىرى كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى گۇماندارنىڭ ئەسلى ئىسىم فامىلىسى مەمەت توختىنىياز ۋە ھەسەن مەمەت بولۇپ، ئۇلار نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئىسىملىرىنى ئابدۇرېھىم توختىنىياز ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىمگە ئۆزگەرتكەن.

سوئال: ئىككى گۇماندار قايسى تەۋەلىكتىن؟
خادىم: ھەر ئىككىسى گۇما بازىرىدىن، بىرى قىشلاقئالدى، يەنە بىرى ئارىيە كەنتىدىن

سوئال: ئىككىسى سىلەر كۆزىتىۋاتقان نۇقتىلىق شەخسلەر قاتارىدا بارمىدى؟
خادىم: بار ئىدى، ھەسەن مەمەتنى ۋەقە چىقىرىش ئېھتىمالى بار دەپ قاراپ سالاھىيەت كىنىشكىسى تارتىۋېلىنغان، كەنتتىن سىرتقا چىقارماسلىق ئۈچۈن

سوئال: مەمەت توختىنىيازغا مەمەت نېرۋا دېگەن لەقەم قانداق قويۇلۇپ قالغان؟
خانىم: بۇرۇن ئۇلار ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ يۈرىدىغان لۈكچەك بالىلاردىن ئىدى، ھاراق ئىچىپ مۇشتلىشىپ يۈرەتتى، شۇ چاغدا قويۇلۇپ قالغان لەقەم؛ كېيىنكى چاغدا ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەردى، 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان، مەسچىتتىن چىقمايدىغان بولۇپ كەتكەن

سوئال: ئۇلارنىڭ بۇرۇن ۋەقە سادىر قىلغان تارىخىي بولغانمۇ؟
خادىم: مەمەت نېرۋا قانۇنسىز تەبلىغقا قاتنىشىپ بىر قېتىم تۇتۇلغان، ھەسەن مەمەت ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەن ساقچىلاردىن بىرىنى ئۇرۇپ قېچىپ كەتكەن ئەھۋال بولغان.

سوئال: بۇنىڭدىن باشقا، سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى تارتقان يەنە قايسى تەرەپلىرى بار ئىدى؟
خادىم: پات-پات چېنىقىدىغان ئادىتى بار ئىدى، مەمەت نېرۋا ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەتتى….

يۇقىرىدىكىلەر بولسا ئىككى پىدائىينىڭ كىملىك ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە ساقچى خادىملىرىنىڭ بايانلىرى. بىز يەنە بۇ ھەقتە گۇما بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. كىملىكى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى گۇماندار ئەسلىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئۈستۈن ياشلاردىن بولۇپ، ئۇلار كەيپى-ساپا يولىدا ماڭغان چاغلىرىدىمۇ، باشقىلارنى بوزەك قىلمىغان، ياماندىن قورقمىغان. خىتاي ساقچىلىرىدىن باشقىلارنىڭ نارازىلىقى ۋە نەپرىتىگە ئۇچرىمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-hujum-10162014150942.html

Share
1677 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.