logo

trugen jacn

گۇمان قىلىش ۋە گۇمانخورلۇق كىسىلى

مەمەت ئىمىن

مەمەت ئىمىن
”گۇمان ئىمانى قاچىرىدۇ“  – ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى
يۇقارقى ماقال تەمسىلدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى تىلىمىزدىكى ”گۇمان“ سۆزى ئاساسەن سەلبى مەنادا قوللۇنۇپ كىلىنگەن. تىلىمىزدا گۇمان قىلىش بىلەن ئوخشاش مەنادىكى سۆزلەردىن يەنە ”شۈبھە، شەك، شەك كەلتۈرۈش، ئىشەنمەسلىك“ قاتارلىق سۆزلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئاساسەن سەلبى مەنادا قوللۇنۇلۇپ كەلگەن. سەلبى مەنادىكى گۇمان قىلىشنى ئىنگىلىزچىدا ”suspect“ دەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ”doubt“ دەيدىغان بىر سۆز بار. ئۇ سۆزنى تىلىمىزدا گەرچە ئوخشاشلا ”گۇمان قىلىش“ دەپ تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئىجابى مەنادا ئىشلىتىلىدۇ. يەنى ”suspect“ سۆزى، بىر نەرسىنىڭ راسلىقىدىن، بىر ئادەمنىڭ ياخشى ۋە گۇناسىز ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقا ئىشلىتىلسە، ”doubt“ سۆزى، بىر نەرسىنىڭ يالغانلىقىدىن، بىر ئادەمنىڭ ئەسكى ۋە جىنايەتچى ئىكەنلىكدىن گۇمان قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە ئەگەر بىز گۇمان قىلىشنى  مۇئاپىق قوللانساق، ئۇنىڭمۇ بەلگۈلۈك ئىجابى رولى بار. ئىنگىلىزچىدە ”curious“ دىگەن بىز سۆز بولۇپ، ئۇنى تىلىمىزدا گەرچە ”قىززىقىش، ھەيران بولۇش، ھەۋەس قىلىش“ دەپ تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى دەل شۇ ئىجابى ”گۇمان قىلىش“ بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن بەزى ئىشلار توغۇرسىدا مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىشىمىزغا، ئىزدىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. لوگىكىلىق ئاساسى بولغان بەزى گۇمان، ئىنسانلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى يۇقۇرى كۆتىرەشتە بەلگۈلۈك رول ئوينايدۇ.
ھىچقانداق ئاساسى بولمىغان بىۋۇدە گۇمان، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچىنى بۇزۇپ، زىدىيەت پەيدا قىلىدۇ، ئىتىپاقسىزلىق ۋە بۆلۈنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەڭ موھىمى، باشقىلاردىن ئاساسسىز گۇمانلانماسلىقىمىز، شۇنداقلا گۇمانغا تايىنىپ يەكۈن چىقارماسلىقىمىز، ئاندىن ئۇ يەكۈنگە ئاساسەن باشقىلارغا بوھتان چاپلىماسلىقىمىز ۋە ھاقارەت قىلماسلىقىمىز كىرەك. مانا بۇ، گۇمان قىلىشنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر بىزدە ۋابا كىسىلىگە ئوخشاش تىز تارقاۋاتىدۇ.

نىمىس يازغۇچى كۇرت گۆتز ئەپەندى مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەسسەتخور ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، كۆپ گۇمان قىلىدۇ، ھەممىدىن قورقايدۇ“
بىزدە ”ئوغرى گۇمانخور كىلەر“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ئادەتتە ئىچى تار، ھەسسەتخور، يالغان گەپنى كۆپ قىلىدىغان، باشقىلارنى كۆپ ئالدىغان، باشقىلاردىن كۆپ ئالدانغان، دۇنياغا يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان سەلبى، كاززاپ كىشىلەر، باشقىلاردىن ئاسان گۇمان قىلىدۇ. ئاق كۆڭۈل، كەڭ قوساق، يالغان سۆزلىمەيدىغان، ئەزەلدىن باشقىلارنى ئالداپ باقمىغان، باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ باقمىغان، دۇنياغا ياخشى كۆزى بىلەن قارايدىغان سەممى ۋە ئىجابى كىشىلەر، باشقىلاردىن ئاسان گۇمان قىلمايدۇ.

ئامىركىلىق داڭلىق ئىختىزادشۇناس ۋە فوربىس ژورنىلىنى بەرپا قىلغۇچى فوربىس ئەپەندى مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئەڭ ياخشىسى ئاز تولا ئالدان، بىراق ھەرگۈزمۇ مەڭگۈ گۇمانلىنىۋەرمە“
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، مەن ئۈرۇمچىدىكى بىر تونۇشۇمدىن كۈتمىگەن بىر ئەلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن گەرچە ئۇ تونۇشۇمنىڭ ماڭا ئەلخەت يىزىشىنى پەقەت كۈتمىگەن بولساممۇ، بىراق مەن ئۇ ئەلخەتتىن ئارتۇق گۇمانلىنىپ ئولتۇرماي، دەرھال ئۇ ئەلخەتنى ئىچىپ، كومپىيۇتۇرۇمغا ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ، كومپىيۇتۇرۇمنى بۇزۇپ قويغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن بەزى جەزمەنلەشتۈرەلمىگەن ئەلخەتلەردىن گۇمان قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئالدىراپ ئاچمايدىغان بولغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەن تونىمايدىغان بىر نەچچە كىشى، ماڭا خەت يىزىپ، مىنىڭ ئۇلارغا ۋىرۇس يوللاپ، ئۇلارنىڭ كومپىيۇتۇرىنى بۇزۇپ قويغانلىقىمنى ئەيتىپ، مىنىڭ قايتا قايتا چۈشەندۈرىشىمگە قارىماي، ئۆزلىرىگە ۋىرۇس ئەۋەتكەن كىشىنىڭ چوقۇم مەن ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىنى شۇنداق بولمىغۇر تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ كەتكەن ئىدى. بۇلار پەقەت گۇمان قىلماسلىق ياكى پۈتۈنلەي ئىشىنىش بىلەن پۈتۈنلەي گۇمان قىلىپ، پەقەت ئىشەنمەسلىكنىڭ تىپىك مىساللىرى بولۇپ، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ماڭا نىسبەتەن كۈتۇلمىگەن كۆڭەلسىزلىكلەر پەيدا بولغان ئىدى.

كۈتۇلمىگەن كۆڭەلسىزلىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئەھۋالدا گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىشنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بەك موھىم. يالغۇز ئىشىنىش بولۇپ، پەقەت گۇمان قىلىش بولمىغاندا، بىخەستەلىك كىلىپ چىقىشى، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، بىۋۇدە زىيان تارتىشىمىز مۈمكىن. ئەگەر يالغۇز گۇمانلىنىش بولۇپ، پەقەت ئىشىنىش بولمىغاندا، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىغىر تەسىر يىتىشى ۋە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.
گۇمانخورلۇق كىسىلى“ Paranoid Personality Disorder ”
مەن تۆۋەندە باشقىلاردىن ئاساسسىز گۇمان قىلىش، ئاساسلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان گۇمانخورلۇق كىسىلى توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەن توختالماقچى بولغان بۇ گۇمانخورلۇق كىسىلىنى ئىنگىلىزچىدە ”جاھىل خارەكتىرلىك ئادىمىلىك بۇزۇلۇش كىسىلى“ دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى قىسقارتىپ گۇمانخورلۇق كىسىلى دەپ ئاتىدىم.
گۇمانخورلۇق كىسىلى دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ئادىمىلىكىدە ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش پەيدا بولغان بىر خىل پىسخىكىلىق بىنورماللىق بولۇپ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىنسانلار داۋاملىق باشقىلاردىن گۇمان قىلىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، باشقىلارنى تەھدىتلىك، ساتقىن، خائىن ۋە زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئادەتتە ئۆزلىرىدە شۇنداق كىسەللىك ياكى بىنورماللىق بارلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي خىياللىرىنى ئالدىراپ باشقىلارغا دىمەيدۇ؛ ئۆيىدە ھەتتا ھەمرايىدىن گۇمانلىنىپ، ھەمرايىنىڭ پىيىغا چۈشىدۇ؛ ھەددىدىن زىيادە كۈندەشلىك قىلىدۇ. ھەر زامان باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بەك سەزگۈر بولىدۇ، كىچىك ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. خارەكتىرى جاھىل؛ باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىشقا ئامراق؛ ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ؛ داۋاملىق باشقىلارغا بوھتان چاپلايدۇ ۋە باشقىلارنى ھاقارەتلەيدۇ.
ئىنسانلارنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشىڭ سەۋەبى تىخى ئىنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بالىلىق ۋە بالاغەتكە يىتىش دەۋرىدە دۇچ كەلگەن ھەر خىل روھىي ۋە جىسمان زەخمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن. كۆپۈنچە ئەھۋالدا، يالغۇز ياشاشنى خالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان ياكى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ناچار بولغان، ئاسان جىددىلىشىدىغان، ئۈگۈنىشى ناچار بولغان، سەزگۈر، غەلىتە ئىشلارنى ئويلايدىغان، غەلىتە گەپلەرنى قىلىدىغان بالىلارنىڭ، بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقى مەلۇم.
بالىلىق دەۋرىدە ساغلام بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى بەرپا قىلالمىغان ئىنسانلار، بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بالىغا نىسبەتەن دۇنيادا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىنسالار ئانا، دادا، ئاكا، ئۇكا، ئاچا سىڭىل ۋە چوڭ ئانا چوڭ دادىلار بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئىنسانلار بالا ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا بالىغا يالغان سۆز قىلغان بولسا، مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز، بىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن ئۇنى ئالداپ قويغان بولسا، ئۇ بالىنىڭ ساغلام ئىشەنچ تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال قايتا قايتا تەكرارلانسا ۋە ياكى بالىدا ئىغىر روھىي ۋە جىسمانى زەخمە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇنداق بالا كەلگۈسىدە ئالدىراپ باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ياكى داۋاملىق باشقىلاردىن گۇمان قىلىدىغان بولىدۇ.

داۋالاش جەھەتتە، گەرچە بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار، پىسخىكا دوختۇرلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەنلىكى يەنى دوختۇرنىڭ داۋالىشىدىنمۇ گۇمان قىلىپ، داۋالاشقا تولۇق ماسلاشمايدىغان بولغاچقا، داۋالاش ئۈنىمى ئىغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كۆپۈنچە كىشىلەر، بىر ئۆمۈر بۇ كىسەلنىڭ تەسىرىدە ياشايدۇ.
2019 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، نىيورۇك

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/02/blog-post_28.html

Share
1307 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.