logo

trugen jacn

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 30 مىڭ خىتاي پۇقراسى ئەخلەت زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلدى

cinde-yine-bicakli-saldiri

12-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 30 مىڭ خىتاي پۇقراسى خېيۈەن شەھىرىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەت زاۋۇتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان رەسىملىك ئۇچۇرلار ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش جەريانىدا يەرلىك ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بىرنەچچە ساقچى ئاپتوموبىلى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ چېقىلغان. نامايىشچىلاردىن 20 دىن ئارتۇق كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش يۈز بەرگەن گۇاڭدۇڭ خېيۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت، بۇ يىل 8-ئايدا قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەت زاۋۇتى توغرىلىق نامايىشچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، دۈشەنبە كۈنى ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خېيۈەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تۇتقۇنلاردىن توقۇنۇشتىكى باشلامچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/exlet-zawuti-04142015155141.html

Share
1360 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.