logo

trugen jacn
24 ئۆكتەبىر 2014

گابائىن خانىمنىڭ قول چىرىغى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىقىغا تۇتاشتۇرغان كۈچ ئۇلاش مەشئىلى

bd51b98f-debb-4536-b73a-68bed2b72bcb

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىل گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئاننېمارىيە فون گابائىن خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 115 يىللىق خاتىرىسى

ئۇنىڭ 1920-يىللاردىن باشلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بويىچە ئېلىپ بارغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەتقىقاتى گېرمانىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇل-ئاساسىنى ياراتقان. گابائىن خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئېلىپ بارغان ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە بۇ ساھەدىكى مول نەتىجىلىرى گېرمانىيە تۈركولوگىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە ئېلىپ چىققان

1981-يىلى گابائىن خانىم 75 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا ئۆزى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن دىدارلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىش نېسىپ بولىدۇ

ئۇ شۇ قېتىملىق سەپىرىدە تۇرپاننى زىيارەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارغا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم مۇتىئىي، مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە گۆتتېنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شۇ قېتىم گابائىن خانىم بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئاشۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ گابائىن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قىلغان تۇنجى ۋە ئاخىرقى زىيارىتى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى

گابائىن خانىم 1901-يىلى فىرانسىيەدە بىر گېرمان قان تىپىدىن بولغان ھەربىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1920-يىللاردىن باشلاپ تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئۇ كېيىنچە ئۆز تەتقىقاتىنى گېرمان ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ئېلىپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان. «قەدىمكى تۈركىي تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھايات» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، دۇنيا تۈركولوگىيەسى ساھەسىدە بىر قاتار مەشھۇر ئالىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان

گابائىن خانىم 1993-يىلى 91 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان، پۈتكۈل زېھنىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتقا قارىتىپ، مول ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرغان

ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھۈلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ سىرتىدا، جۈملىدىن گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما گابائىن خانىم ھامان بىر كۈنى بۇ تەتقىقاتنى ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان

گابائىن خانىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلىرىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى بويىچە دەرس ئۆتكەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن باتارىيەلىك قول چىراغ ھېلىھەم ساقلىنىپ كەلگەن

مەلۇم بولۇشىچە، گابائىن خانىم بۇ قول چىراغنى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن تام رەسىملىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن

مەزكۇر قول چىراغ گابائىن خانىمنىڭ ۋەسىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قالدۇرغان ئۈمىدى بويىچە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، داڭلىق تۈركولوگ پېتېر لائۇت تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلىپ ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن

تۈركولوگ پېتېر لائۇت بۇ قول چىراغنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېگەن: «تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى مارافونچە كۈچ ئۇلاپ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دېيىشكە بولىدۇ. گابائىن خانىم بۇ قول چىراغ ئارقىلىق مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەشئىلىنى تۇتۇشتۇردى. گابائىن خانىمدىن كېيىن گېرمان تۈركولوگلىرى بۇ مەشئەلنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ھازىر بىز گابائىن خانىمنىڭ ئۈمىدى بويىچە بۇ مەشئەلنى ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ياش تەتقىقاتچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق

دوكتور ئابلەت سەمەت گابائىن خانىمنىڭ بۇ تەۋەررۈك قول چىرىغىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئۈمىدلىك تەتقىقاتچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/zordon-sabir-10232014124601.html

Share
1779 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.