logo

trugen jacn

چەرچەن ناھىيىسىدە 4 مەيدان ئوچۇق سوت ئېچىلىپ 12 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان

78bb2305-a8fb-4cf5-9fb4-5721f4953d82

 

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چەرچەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 4 مەيدان ئاممىۋى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 دېلو بويىچە 12 ئۇيغۇرغا جازا بەرگەن.

خەۋەردە جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىق» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، چەرچەن خەلقىگە قانۇن دەرسى بېرىش، ئاتالمىش «زوراۋان تېررورچى» لارنىڭ «ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسىتىش» ئۈچۈن ئاممىۋى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ چەرچەن ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈمەت ھۆججىتى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك سىياسىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەت ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-sot-11242014154508.html

Share
1771 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.