logo

trugen jacn

چىرا ۋەقەسى پىدائىيلىرىنىڭ ھۇجۇم تەييارلىق باسقۇچىدا ۋەقەگە يولۇققانلىقى مەلۇم بولماقتا

594792e8-a5fa-482b-a75f-0d7bc1f724c6

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0203-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28 – يانۋار كۈنى چىرا ناھىيىسىنىڭ تاغلىق كەنتىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەگە چېتىشلىق پىدائىيلار تەرىپىدىن تاغ باغرىغا يوشۇرۇلغان 3 تاغار ھۇجۇم تەييارلىق ماتېرىيالىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر تاغاردىكىسى پالتا ۋە پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلار بولۇپ، بۇ، شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يەنى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇم تەييارلىق باسقۇچىدا ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. يەنە شۇ كۈنى پىدائىيلارنىڭ ياردەمچى ساقچىلار ئالدىنى توسقان چېغىدا ئۇلارغا ئېغىر – بېسىق مۇئامىلە قىلىشى، ھەتتا ياقىسىغا ئېسىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەسلى ھەرىكەت پىلانىدا ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئەمەسلىكىنى، ئەسلى نىشاننىڭ بولسا، خىتاينىڭ رەسمىي دۆلەت ئاپاراتلىرى ۋە ساقچى خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يەنە بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۈچ پىدائىيدىن مەتسېلىم مەتكېرىم، ئىككى ئاي ئاۋۋال بىر قېتىم سىياسىي گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئەمما ئۇ، سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى ۋە ھەرىكەت پىلانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرگەن. شۇڭا ئۇ گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما نۇقتىلىق ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ داۋاملىق نازارەت قىلىنغان. شۇڭا ئۈچ پىدائىي ئەگەر شۇ كۈنى ساقچىغا ئاپىرىلسا، ئۆزلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا مۇددەتسىز كېسىلىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. شۇڭا ئۇلار تەكشۈرۈش پونكىتىدىن توختىماي ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياردەمچى ساقچىلاردىن ئۆزلىرىگە كۆز يۇمۇشنى كۈتكەن، پەقەت ساقچىلار ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغاندىن كېيىن چارىسىز ھالدا، پىلانىدىن بۇرۇن ھۇجۇمغا ئۆتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/chira-weqesi-02032015212822.html

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.