logo

trugen jacn

چاۋۇشئوغلۇ، قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات بەردى

291424992600007633290

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يەنىچەرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىگە مۇداخىلە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى» غا دائىر يازما سوئالىغا جاۋاب قايتۇردى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «مىنىستىرلىقىمىز ئۇيغۇر ئىرقداشلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن، شۇنداقلا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى باياناتىدا، ئىيۇل ئېيىدا قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار توغرىسىدا «سوت جەريانىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشىغا دائىر ئۈمىدىمىز 2014- يىلى 21- ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ گوپىڭغا يەتكۈزۈلدى. مۇئاۋىن مىنىستىر چېڭ گوپىڭ جاۋابەن سەزگۈرلۈكىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئوچۇق – ئاشكارا سوتلاش توغرىسىدىكى تەلىپىمىزنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش يولىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تايلاندقا ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، يالغان پاسپورتلار بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا تايلاند دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى ۋە قانۇنىي باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تايلاند تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
2011 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.