logo

trugen jacn

چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسە

20141212044726109

مۇسكۇلنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، چاينىڭ تەركىبىدە «كاتېخىن» دەيدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ بولۇپ، بەدەندىكى ماينى ئېرىتىدىغان ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، مۇسكۇلنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسان چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىدىكەن. بولۇپمۇ يىشىل چاي ئىچسە ئۈنۈمى تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن.

ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. چاي پولىفېنولى سۇدا ئاسان ئېرىشچان ماددا بولغاچقا، چايدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە يۈزدىكى ماينى چىقىرىپ، تەر تۆشۈكچىسىنى تارايتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دېزىنفىكسىيە قىلىش، مىكروپ ئۆلتۈرۈش، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كېچىكتۈرۈش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى ئازايتىش قاتارلىق رولى بار.

بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلايدۇ. چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرىتىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، بەدەننىڭ ماينى پارچىلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، قەرەللىك چاي ئىچىپ بەرگەندە بەلنى ئىنچىكلىتىشكە، بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشكە پايدىسى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىئابىت كېسىلى بىلەن يۈرەك مېڭە كىسەللىكلىرى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى پولىفېنول بىلەن ئوكسىدلار رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىۋالىدۇ ۋە تېرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قوغداپ قالىدۇ. چاي يەنە ئۆسمە كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ نۇر بىلەن داۋالاش جەريانىدا ئۇچرايدىغان رادىئاتسىيەسىنى ئازايتىدۇ.

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى پولىفېنول مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. چاي نېرۋا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زېھىننى ئۇرغۇتۇپ كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ.سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى كوكايىن كالتىسىنىڭ كىچىك تەرەت بىلەن ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، تەركىبى تۆۋەن بولغاچقا چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. بىراق چاينىڭ تەركىبىدە كالتىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ ماددىلار بار يەنى: فىتور ئېلمىنتى، ئۆسۈملۈكتىكى ئانىلىق گورمونى، كالىي قاتارلىقلار. بۇ ئېلېمېنتلار سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

http://mixed.bagdax.cn/2014/1212/6707.html

Share
1648 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.