logo

trugen jacn

پەيشەنبەبازار ئىمامى ئېزىز ئەمەت بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىللىق كېسىلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبەبازاردىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىئومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا پەيشەنبەبازار مەسچىتىنىڭ ئىمامى 47 ياشلىق دىنىي زات ئېزىز ئەمەتنىڭ بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى يېزىلغان. مەكتۇپتا يەنە ئىمام ئېزىز ئەمەتنىڭ كەنت ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت تەرىپىدىن يېزىلىق ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىلگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئېزىز ئەمەت ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىز پەيشەنبەبازار كەنت ئامانلىق مۇدىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇ، ئېزىز ئەمەتنى ئۆزىنىڭ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ سوتىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى، 9 يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن كامىرداشلىرىدىن ئۇققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، كەنت ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت، ئىمام ئېزىز ئەمەتنى يېزىلىق ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئەمما يېزىلىق ساقچىخانا ئامانلىق مۇدىرىدىن پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئېزىز ئەمەتنىڭ ئاقىۋىتى، جۈملىدىن سوتى ھەققىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. ناھىيىلىك سوت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىمۇ ئامانلىق مۇدىرىغا ئېزىز ئەمەت ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى يەتكۈزمىگەن. ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت ئېزىز ئەمەتنىڭ 9 يىل كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن كامىرداشلىرىدىن ئۇققان.

مەكتۇپتا يەنە بايان قىلىنىشىچە، ئەسلىدە ئېزىز ئەمەتنىڭ تەربىيىلىگىنى 15 ياشتىن تۆۋەن كىچىك ئۆسمۈر بالىلار بولۇپ، ئۇلارغا ھېچقانداق سىياسىي ياكى دىنىي تەلىمات بېرىلمىگەن، ئۇلارغا پەقەت 5 ۋاق نامازغا كېرەكلىك ئايەتلەر يادلاتقۇزۇلغان. شۇنداقتىمۇ ئېزىز ئەمەتنىڭ بۇ قىلمىشى «ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتكە ماسلاشماسلىق» ۋە «قانۇنسىز دىنىي تەربىيە دەپ» قارىلىپ، ئۇ 9 يىللىق كېسىلگەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بەزى ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېزىز ئەمەت مەكتەپ ئاچقان ئەمەس، پەقەت بالىلىرىغا ئايەت ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغان قولۇم-قوشنىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىغان.

يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېزىز ئەمەتنىڭ بىرنەچچە بالىنى تەربىيىلىشى يوشۇرۇن بولغانمۇ ئەمەس، شۇڭا ئۇنى يەر ئاستى مەكتەپ دەۋېلىشمۇ توغرا ئەمەس.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت، ئېزىز ئەمەت قاتارلىق مەھبۇسلارنى تۇتۇشتا ساقچىلارغا ھەمكارلاشقىنى ئۈچۈن پۇشايماندا.

ئۇ، ئۇلارنىڭ قىسقا مەزگىلدىن كېيىن تەلىم-تەربىيە ياكى ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان، مۇنداق ئېغىر كېسىلىشىنى ئويلىمىغان. شۇڭا ئېزىز ئەمەت قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ 2014 ‏-يىلىدىكى بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىشتىن ئىبارەت شامالغا كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ بۇرۇندىنلا قاتتىق ئىكەنلىكىنى، دەۋرلەر ئارا پەرقنىڭ شەكىلدىكى بىر پەرق ئىكەنلىكىنى، ماھىيەتتە، قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى، پەقەت بۇرۇن بۇ قاتتىق زەربە بېرىش دۇنياغا ئاشكارىلانماي مەخپىي داۋام قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-03092016151344.html

 

Share
1267 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.