logo

trugen jacn

پۇلى يېتىشمەي دوختۇرخانىدىن چىقىرىلغان يارىدار سەمەت خەتەر لىك ھالەتتە

b2347cae-bd42-4ba0-925a-fc103c8acdf0

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

3 نارەسىدە قىزنىڭ دادىسى، 35 ياشلىق دېھقان سەمەت ئەبەي بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ھاشاردىن قايتىشىدا موتسىكلىتى ئۆرۈلۈپ ئېغىر يارىلىنىدۇ؛ جىگىرى زەخىملەنگەن، بىر پۇتى سۇنغان يارىدار كورلا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغىنىدا داۋالاش ھەققى ئۈچۈن 100 مىڭ سوم تەلەپ قىلىنىدۇ.

سەمەت ئەبەينىڭ دادىسى تېرىقچىلىق ئۈچۈن بانكىدىن ئالغان 30 مىڭ سوم قەرز پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدۇ. داۋالاش باشلىنىدۇ، ئەمما ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە بۇ پۇل تۈگەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ مىقدارىغا قاراپ بىمارغا بەزى كۈنلىرى دورا، ئوكۇل بېرىدۇ، بەزى كۈنلىرى دورا، ئوكۇلنى توختىتىدۇ. بىمار پۇل تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا باشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشقا ياكى ئۆيىدە دەم ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ. يارىسى ساقايماي تۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىرىلغان سەمەت ئەبەينىڭ ئەھۋالى قايتىدىن ئېغىرلىشىپ پۇت سۆڭىكىنىڭ ئىلىكى يىرىڭلايدۇ، مۇسكۇللىرى سېسىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئەل-جامائەتتىن توپلانغان ئىئانە بىلەن سەمەت ئەبەي دوختۇرخانا بوسۇغىسىغا 4-قېتىم قەدەم باسىدۇ، ئۇ نۆۋەتتە كۇچا ۋۇيى دوختۇرخانىسىدا ياتماقتا، ئەمما ئۇنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا بۇ قېتىم قانچە كۈن تۇرالىشى، سەمەت ئەبەينىڭ ئايالىنىڭ كىشىلەردىن سوراپ ۋە ئىشلەپ تاپقان پۇلىنىڭ مىقدارىغا باغلىق.

سەمەت ئەبەي ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ يېزا چىلان كەنتىنىڭ ئەزاسى. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، ئۇ ھاشارغا قاتنىشىپ قايتىشىدا يارىلانغان، باشقىچە ئېيتساق، ئۇ شۇ كۈنى سوتسىيالىستىك ئەمگەككە قاتناشقان، ئەمما سوتسىيالىستىك تەقسىماتتىن بەھرىمەن بولالمىغان، يەنى ئۇ، شۇ كۈنى ھەقسىز ئەمگەككە قاتناشقان، ئەمما ھەقسىز داۋالىنالمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقات دولقۇنىدا ئەۋزەللىكى توختىماي مەدھىيەلىنىۋاتقان سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى. مانا بۇ، سابىق رەئىس نۇر بەكرى «مىللەتلەر سىياسىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئادىل» دەپ مەدھىيەلىگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ھاياتىدىن بىر كۆرۈنۈش

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaridar-pakit-05212015144329.html

Share
2059 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.