logo

trugen jacn

پۇرچاقچى يەنە تىنجىمىدى: دۈشەنبە كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلدى، ئىككىسى ئەسىر چۈشتى، ئۈچى قاچتى

 

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0313-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

xoten-maniwer-tanka-herbiy.jpg

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.

AFP

بۇلتۇر رامىزان ماي ئېيىدىن باشلاپ قانلىق ۋەقەلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان خوتەن قارىقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى يەنە تىنجىمىدى. 9 – مارت كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى چىققان قانلىق توقۇنۇشتا، بىر نەپەر ساقچى ۋە ئىككى نەپەر پىدائىي ئۆلگەن، پىدائىيلاردىن ئىككىسى ئەسىرگە چۈشكەن، 3 نەپىرى نەق مەيداندىن قاچقان.

بۇ، پۇرچاقچىدا يېقىنقى بىر يىلغا يېقىن ۋاىقت ئىچىدە يۈز بەرگەن 7 – قېتىملىق، بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 – قېتىملىق قانلىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن، بۇلتۇر يۈز بەرگەن كەنت سېكرىتارىنىڭ ئايالىنىڭ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە 9 نەپەر پىدائىينىڭ قوناقلىقتا قورشاپ ئوققا تۇتۇلۇش ۋەقەسى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان سەزگۈر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى خىتاي 4 كۈندىن بۇيان دۇنيا جامائىتىدىن سىر تۇتماقتا.

يوقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلۇنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن يېزىدىكى ساقچى ۋە كەنت سېكرىتارلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاڭلار

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/purchaqchi-03132015181217.html

Share
1438 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.