logo

trugen jacn

پىدائىيلار گۇما كونا بازاردىكى ھۇجۇمدا ئېتىلىۋېتىلىشتىن بۇرۇن يەنە ئىككى ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

10-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما كونا بازاردا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى نەپەر پىدائىي 6 نەپەر ساقچى ۋە خادىمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، 12-ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 6 دە، گۇما بازىرىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىغا موتسىكلىت بىلەن ئەگىشىپ مېڭىپ ساغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، پونكىتتىكى قوراللىق ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىشقا تىرىشقان؛ ئەمما نەق مەيداندا قوراللىق نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان 5 نەپەر ئەسكەردىن باشقا يەنە، بىر ساقچى ئەترىتىمۇ بولغاچقا، تېز ۋە شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئىككى پىدائىي ئېتىۋېتىلىشنىڭ ئالدىدا يەنە ئىككى نەپەر ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئىككى پىدائىي بىر يېرىم كۈن ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىتاي تەرەپتىن  جەمئىي 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 3 كىشىنى يارىلاندۇرغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-hujum-10142014151326.html

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.