logo

trugen jacn

پرېزىدېنت تراپمنىڭ 74- نۆۋەتلىك ب. د. ت. يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 تەرجىماب: پەرھات ئابدۇۋەلى

ب. د. ت. باش شىتابى
نيۇيورك شەھرى، نيۇيورك شىتاتى

2019- يىلى 24- سىنتەبىر

ئامېرىكا شەرقىي رايون يازلىق ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:12

كۆپچىلىككە رەھمەت. رەئىس ئەپەندىم، باش كاتىپ ئەپەندىم، ھەر قايسى ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، كونسۇللار ۋە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى:
بۇ يىغىن زالى 70 يىللىق مول مەزمۇنلۇق ۋە ئۆزگىرىشچان تارىخقا گۇۋاھ بولدى.
مەن تۇرغان مۇشۇ مۇنبەردە، سوغۇق ئۇرۇش (سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى) يۇقۇرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردىمۇ، پۈتۈن دۇنيا پرېزىدېنتلارنىڭ ۋە باش مىنىستىرلارنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىدى. بىز دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى، ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىنى كۆردۇق. بىز ئۈمىت ئارقىلىق بىزنى ئىلھاملاندۇرغان دانىشمەنلەرنى، قىزغىنلىقى بىلەن بىزنى قوزغاتقان قۇتراتقۇچىلارنى ھەمدە جاسارىتى بىلەن بىزنى ئىلھاملاندۇرغان قەھرىمانلارنى كۆردۇق. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سەھنىدە ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىنى، تەكلىپلىرىنى، ئالدىن كۆرگەنلىرىنى ۋە ئوي – پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى.
بۇرۇن بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگىنىمىزگە ئوخشاش، بىزنىڭ دەۋرىمىز چوڭ – چوڭ پايدا – زىيان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېنىق بولغان تاللاشلارغا ئىگە بولغان بىر زور رىقابەت دەۋرى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان ۋە پۈتكۈل تارىخىمىزنى كېسىپ ئۆتۈدىغان ماھىيەتلىك پەرق – چېگرا سىزىقى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. بۇ چىگرا سىزىقىنىڭ بىر تەرىپىدە باشقىلارنى ئ‍ىدارە قىلىشنى ئۆزنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن دەپ قاراپ، باشقىلارنى كونترول قىلىشنى ئىستەيدىغان ئادەملەر، يەنە بىر تەرىپىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدىغان خەلق ۋە دۆلەتلەر بار.
ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققا ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ خەلق سايلىغان رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەش مەن ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ شەرەپ. مەن سايلانغاندىن بېرى، ئامېرىكا ئىككى يېرىم تىرىليون دوللار سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربى كۈچىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئامېرىكا ھازىرمۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ، بىز بۇ ھەربى كۈچنى مەڭگۈ قوزغاتماسلىقىمىزنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئامېرىكىلىقلار بىلىدۇكى، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىستىلىۋاتقان بىر دۇنيادا، دۆلىتىمىز چوقۇم كۈچلۈك بولغان بايلىق، ئەمىلى كۈچ ۋە روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرىمىزنى ياراتقان ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوغدىشىمىزنىڭ سەۋەبى.
خۇددى مەن دۆلىتىمىزنى قىزغىن سۆيگەندەك، بۇ يىغىن زالىدا ھەر بىرىمىز ۋەكىللىك قىلغان ھەر بىر دۆلەتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە سۆيىدىغان قىممەتلىك تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى بار بولۇپ، بىزگە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچ – قۇۋۋەت بېرىپ تۇرىدۇ.
ئەركىن دۇنيا چوقۇم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىنى قوغدىشى، بۇ ئاساسلارنى ۋەيران قىلىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.
بۇ غايەت زور ۋە سەلتەنەتلىك پلانېتقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەقىقەتنى كۆرمەك تەس ئەمەس. ئەگەر سىز ئەركىنلىكنى سۆيسىڭىز، دۆلىتىڭىزدىن ئىپتىخارلىنىڭ. ئەگەر سىز دېمۇكراتىيەنى ئۈمىت قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىڭىزنى قوغداڭ. ئەگەر سىز تىنچلىقنى خالىسڭىز، دۆلىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ. دانا رەھبەرلەر ئەزەلدىن ئۆز خەلقى ۋە دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن.
كەلگۈسى دۇنيا يەرشارىلىشىش تەرغىباتچىلىرىغا مەنسۇپ ئەمەس. كەلگۈسى دۇنيا ۋەتەنپەرۋەرلەرگە مەنسۇپ. كەلگۈسى دۇنيا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىللىققا ئىگە دۆلەتلەرگە مەنسۇپ. بۇ دۆلەتلەر ئ‍ۆز خەلقىنى قوغدايدۇ، خوشنا دۆلەتلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە ھەر بىر دۆلەتنىڭ باشقىلارغا ئ‍وخشىمايدىغان ئالاھىدە پەرقلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ ئامېرىكىدا كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى. بىز نېمە ئىش قىلساق پۇقرالىرىمىزنىڭ غايىسىنى ۋە ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، ئۆزىگە ئ‍ۆزى خوجا بولۇشى ھوقۇقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ كەلدۇق.
ئىقتىسادنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان سىياسەتلىرىمىزنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشسىزلىق نىسبىتى يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. باجنى زور مىقداردا كېمەيتىش ۋە قانۇن – تۈزۈملەرنى ئىخچاملاش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خىزمەت ئورنى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تېزلىك بىلەن كۆپەيدى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكىدا ئالتە مىليۇن ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئالدىنقى ئايدا، ئافرىقا پۇشتىدىن، ئىسپانىيە پۇشتىدىن ۋە ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. بىز ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ مول ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىۋاتىمىز. دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىرىنچى چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى. مۇئاش ئۆسۈۋاتىدۇ، كىرىم كۆپىيىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا 2.5 مىليۇن ئادەم ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
بىز ئامېرىكىنىڭ تەڭداشسىز ئەسكىرى كۈچىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىللە، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىمۇ گۈللەندۈردۇق، ھەمدە بارلىق شېرىكلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا بۇرۇن ئۈستىگە ئالغان غايەت زور سوممىلىق مۇداپىئە خىراجىتىدىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئۇقتۇردۇق.
بىزنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىمىز خەلقئارا سودا ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى مەركەز قىلىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خەلقئارا سودا سىستېمىسى داۋاملىق ھالدا بەزىبىر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ كېلىندى. خىزمەتنى سىرتقا ھۆددە بېرىشكە ئەگىشىپ، ئاز ساندىكى كىشىلەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ بېيىشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكىدا ياساش كەسپىدىكى 4.2 مىليۇن خىزمەت ئورنى ئۆتكەن چارەك ئەسىردە سىرتقا ئېقىپ كېتىپ، 15 تىرلىيۇن دوللارلىق سودا پەرقى كېلىپ چىقتى. ئامېرىكا ھازىر كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ ئېغىر ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك ھادىسىسىنى ئاياقلاشتۇرماقچى. بىزنىڭ نىشانىمىز بەك ئاددى: بىزنىڭ خالايدىغىنىمىز باراۋەر بولغان تەڭپۇڭ سودا.
بىز يېپيېڭى بولغان ھەمدە ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلغان «ئامېرىكا – مېكسىكا – كانادا كېلىشىمى» (U.S.-Mexico-Canada Agreement) ئارقىلىق «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى»(NAFTA) نىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاللىقاچان مېكسىكا ۋە كانادادىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشقا باشلىدۇق.
مەن ئەتە ياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې شىنزو بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى ياخشى بولغان بىر يېڭى سودا كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۈزۈپ چىقىمىز.
ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى (European Union) دىن چېكىنىش مەزگىلىدە، مەن ئەنگىلىيە بىلەن بىز ئىككى دۆلەتكە زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان قالتىس بىر يېڭى سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز يېڭى بىر زور كۆلەمدىكى سودا كېلىشىمى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن باش مېنىستىر بورىس جونسىن (Prime Minister Boris Johnson) بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتىمىز.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى سودا يۈزلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان پەرق بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز. خىتاي 2001- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) غا ئەزا بولدى. شۇ ۋاقىتتىكى رەھبەرلىرىمىز بۇ قارارنىڭ خىتاينى ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈشىگە ۋە قوغدىشىغا مەجبۇرىلايدىغانلىقىنى، بىز قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپ، شەخسىي مال – مۈلۈك ۋە قانۇن – تۈزۈمنى قوغدايدىغانلىقىنى، تەكىتلىگەن ئىدى. 20 يىلدىن كېيىن، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ نەزەرىيە پۈتۈنلەي خاتا بولغان.
خىتاي ئۆزى ۋەدە قىلغان ئىسلاھاتنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، دەل ئەكسىچە ناھايىتى چوڭ بازار قورغىنى، يۇقۇرى سوممىلىق دۆلەت تولۇقلىمىسى، پۇل كونتروللىقى، مەھسۇلات تۆكمىسى (ماللارنى تۆكمە قىلىش سېتىش)، مەجبۇرى خاراكتېرلىك تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بەرگۈزۈش ھەمدە زور كۆلەمدىكى بىلىم ھوقۇقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ۋاستىلەرگە تايانغان ئىقتىسادى مودېللارنى قوللاندى. بىر مىسال كەلتۈرەي: مەن يېقىندا Micron Technology دېگەن بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتۈم. مايكرون تېكنولوجىي شىركىتى سانسىزلىغان ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 يىللىق ئىقتىسادىي پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىر خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت مايكرون تېكنولوجىي شىركىتىنىڭ 8.7 مىليۇن دوللارلىق لايىھىسىنى ئوغرىلىغان دەپ گۇمان قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىتاي شىركىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان مەھسۇلات پاتېنتىغا ئېرىشكەن، ھەم شۇنداقلا مايكرون تېكنولوجىي شىركىتىنىڭ خىتايدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى چەكلەنگەن. بىز ئادالەت تەلەپ قىلىمىز.
خىتاي سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا 60000 دانە زاۋتىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال يەر شارىدىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەردى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەلتۆكۈس ئۆزگىرىشى كېرەك. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئۆزىنى «تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ ئاتىۋىلىپ، بۇ سىستېمىنى ئەخمەق قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.
كۆپ يىللاردىن بېرى بۇ خىل ئىللەتكە نىسبەتەن سەبىر قىلىندى، سەل قارالدى ھەتتا رېغبەتلەندۈرۈلدى. يەرشارىلىشىش تەرغىباتى بۇرۇنقى رەھبەرلەرگە بىر خىل ئېتىقادنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى بەردى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە سەل قارىدى.
بىراق ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. بۇ خىل ئادالەتسىز قىلمىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەن خىتاي ماللىرىغا باھاسى 500 مىليۇن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن زور سوممىدىكى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتتىم. بۇ تاموژنا بېجىنىڭ سەۋەبىدىن، تەمىنات زەنجىرى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قايتىپ كەلدى، دۆلەت خەزىنىمىزگە مىليارد دوللارلاپ كىرىم بولدى.
ئامېرىكا خەلقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەممە كۈچىنى بېغىشلايدۇ. مەن ئىككىلا دۆلەتكە پايدىلىق بولغان كېلىشىمنى تۈزۈپ چىقىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن. بىراق، مەن باشتىلا ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك، مەن ئامېرىكا خەلقىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايمەن.
ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىۋاتىمىز. پۈتۈن دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن ئىمزالىغان ۋە ب. د. ت. دا ئەنگە ئالدۇرۇلغان چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. بۇ كېلىشىملەردە خىتاي خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى، قانۇنىي تۈزۈمىنى ۋە دېمۇكراتىك تۇرمۇش شەكلىنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى قارار قىلىشى خىتاينىڭ كەلگۈسى دۇنيادىكى رولىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بىز پرېزىدېنت شى نى بىر ئۇلۇغ رەھبەر، دەپ ئىشىنمىز.
ئامېرىكا باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن توقۇنىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. بىز ھەممە دۆلەت بىلەن تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە ئ‍ۆز – ئارا ياردەمدە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايمىز. بىراق، بىز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز.
نۆۋەتتە تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەتلەر يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولسا ئىراننىڭ يۇقۇرى بېسىملىق ھۆكۈمىتى. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھالاكەتلىك ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرى ئاللىقاچان خاتېرىلىنىپ بولدى. ئىران پۈتۈن دۇنيا بويىچە تېررورىزىمنى قوللىغۇچى بىرىنچى دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، ئىران رەھبەرلىرى يەنە سۈرىيە ۋە يەمەندىكى پاجىئەلىك ئۇرۇشتا ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتىدۇ.
بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ھۆكۈمەت يادرو قوراللىرىغا ۋە توشۇغۇچى قوراللارغا ئېرىشىشنى تەلۋىلەرچە ئىستەۋاتىدۇ. بىز بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ۋە توشۇغۇچى راكېتاغا ئېرىشىش يولىنى توسۇش ئۈچۈن، مەن ئامېرىكىنى ئاياقلىشىش ۋاقتى ئاز قالغان، مۇھىم ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشكە يول قويمايدىغان، توشۇغۇچى راكېتانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بۇ ۋەھىمىلىك ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىقتىم. بىز بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتكە ئىنتايىن قاتتىق بولغا ئىقتسادىي ئېمبارگو(جازا) يۈرگۈزدۇق. بۇ ھۆكۈمەت ئېمبارگودىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، زوراۋانلىق ۋە سەۋەپسىز تاجاۋۇزچىلىقلارنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. ئىراننىڭ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتلىكلىكىگە قىلغان ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئىران مەركىزى بانىكىسىغا ۋە ئىگىمەنلىك بايلىق فوندىغا تېخىمۇ يۇقۇرى دەرىجىدە ئېمبارگو يۈرگۈزدۇق.
ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش مەسئۇليىتى بار. مەسئۇلىيىتى بار ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئىراننىڭ بۇ قانلىق ئ‍سىتەكلىرىگە ياردەم قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت ئىران بۇ خەۋپلىك ھەرىكىتىنى ئاياقلاشتۇرمىسا، ئېمبارگو ئەمەلدىن قالمايدۇ، ئەكسىچە كۈچىيىپ بارىدۇ. ئىران رەھبەرلىرى ئەسلىدە ئىپتىخارلىنىدىغان بىر دۆلەتنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھۆكۈمران سىنىپ ئۆز خەلقىنى تاشلىۋىتىپ، شەخسىي ھوقۇقىغا ۋە بايلىقىغا بېرلىپ كەتكەندە، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
40 يىلدىن بۇيان، ئىران ھۆكۈمرانلىرى ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە زەربە بېرىپ كېلىپ كەلدى. پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا شاھىت بولدى. ئۇلار «ئامېرىكىنى يوقىتايلى» (Death of America) دېگەن شۇئارنى توۋلاپ، يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش سەپسەتىسىنى بازارغا سالدى. بۇلتۇر، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى :«ئىسرائىلىيە يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە، چوقۇم يىلتىزىدىن قۇرۇتىلىشى كېرەك. بۇ مۇمكىن بولىدىغان ئىش ھەم چوقۇم بولىدۇ.» دېدى. ئامېرىكا بۇ خىل يەھۇدىلارغا قارشى تۇرىدىغان ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى، تەلۋە ئۇنسۇرلار ئىسرائىلىيىگە بولغان ئۆچمەنلىكتىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىنى ئۆز مەغلۇبىيىتىدىن باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇندى. ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشقۇنلارغا زەربە بېرىش ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەرنى قوزغىتىش جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەلىيىمىزگە يارىشا بۇ رايوندىكى كىشىلەر تونۇپ يەتتى. مانا بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك نورماللاشقان مۇناسىۋەتلەرنى قۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى. پەقەت ئورتاق مەنپەئەت، ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە دىنىي كەڭ قورساقلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.
ئىران پۇقرالىرى كاپىتالنى ئوغرىلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىرغىنچىلىق قىلىدىغان ھۆكۈمەتكە ئەمەس، بەلكى نامراتلىقنى ئازايتىدىغان، چىرىكلىكنى تۈگىتىدىغان ۋە خىزمەت پۇرسىتىنى ئاشۇرىدىغان ھۆكۈمەتكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
40 نەچچە يىللىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئىران رەھبەلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە خەۋپ يەتكۈزۈشنى توختىتىپ، زېھنىنى ئ‍ۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە قارىتىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە ھۆرمەت ئىستەيدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى خالايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زور كۆپچىلىك يېقىن دوست دۆلەتلىرى بۇرۇن ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرى ئىدى. ئامېرىكا مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىككە ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ. بىزنىڭ خالايدىغىنىمىز ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەر، ھەرگىزمۇ رەقىبلەر ئەمەس. ئامېرىكىلىقلار شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى، ھەر قانداق ئادەم ئۇرۇش قوزغىيالايدۇ، ئەمما ئەڭ قەيسەر ئادەم تىنچلىقنى تاللايدۇ.
ئوخشاش سەۋەپ بىلەن بىز كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلىشىشىنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. مەن كىم جوڭ ئۇن (Kim Jong Un) غا شۇنداق دېدىم: مېنىڭ ھەقىقى ئىشىنىدىغىنىم ئۇنىڭ دۆلىتى (شىمالىي كورىيە) نىڭ ئىرانغا ئوخشاش تېخى ئېچىلمىغان غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بار. ئەمما بۇ لەۋزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي كورىيە چوقۇم يادروسىزلىنىشى كېرەك.
بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى ئۇچۇرلىرىمىز ناھايىتى روشەن: ئامېرىكىنىڭ نىشانى ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئامېرىكىنىڭ نىشانى مۇرەسسەلىشىش (تىنچلىق)، ئامېرىكىنىڭ نىشانى بۇ ئاياقلاشمايدىغان ئۇرۇشنى قوزغاش ئەمەس. ئۇرۇش مەڭگۈ ئاياقلاشمايدۇ.
ئۇشبۇ نىشانغا ئاساسەن، ھۆكۈمىتىمىز ئافغانىستاندىمۇ كەلگۈسى پارلاق بولغان ئۈمىتنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، تالىبانلار يەنىلا ياۋايىلارچە ھۇجۇم قىىشنى تاللاۋاتىدۇ. بىز داۋاملىق ھالدا بىزنىڭ ئافغان ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورىزىمنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز. بىز تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تىرىشچانلىقىمىزنى مەڭگۈ توختاتمايمىز.
غەربىي يېرىم شاردا، بىز ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىللە پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە پۇرسەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. بۇ ۋەزىپىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىسنىڭ بىرسى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى. قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەرەققىياتنى بۇزۇپ، جەمئىيەتنى پارچىلاپ، ۋەھشىي جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. كەڭ كۆلەمدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر، مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئادىل ئەمەس، بىخەتەر ئەمەس ۋە قانۇنسىز كۆچۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. قانۇنسىز كۆچمەنلەر چىقىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاجىز دۆلەتلەر ناھايىتى تېزلا خوراپ تۈگەيدۇ، ياشلار كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۈكى ئۇلار كۆتۈرەلەيدىغان دائىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. كۆچمەنلەر ئۆزىمۇ شەپقەتسىز ھايۋانلار تەرىپىدىن ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنغان، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە خورلانغان. داۋاملىق شىمالغا سەپەر قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ چېگرالىرىغا يېتىپ كەلگەن ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى سەپەر جەريانىدا جىنىسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى كۈچەيتىۋاتقان تەلۋە ئۇنسۇرلار ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرىۋاتىدۇ ۋە چېگرالارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈن مەن جەمئىيەت ئادالىتى نامى بىلەن چېگرالارنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرىۋاتقان تەلۋە ئۇنسۇرلارغا شۇنداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى: سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ھەققانىي ئەمەس. سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار شەپقەتسىز ۋە قەبىھ. سىلەر گۇناھسىز ئەرلەرنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى قىرغىن قىلىدىغان جىنايەت گۇرۇھلىرنى كۈچەيتىۋاتىسىلەر. سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ شۇ ساختا گۈزەل ئەخلاقىنى ئاشۇ سانسىزلىغان گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئالدىغا قويىۋاتىسىلەر. سىلەر چېگرا بىخەتەرلىكىنى بۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىسىلەر.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگە ھازىر بولغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر كۆچمەنلەرنى باشقۇرغىلى بولماسلىقىدەك خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھەممىڭلارنىڭ ئۆز چېگرالىرىڭلارنى قوغدايدىغان مۇتلەق ھوقۇقىڭلار بار. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ شۇنداق. بۈگۈن بىز چوقۇم ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى، ئادەم سودىسىنى توختىتىش ھەمدە بۇنداق جىنايەت تورلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن، مەن سىلەرگە سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بىز رايوندىكى مېكسىكا، كانادا، گۇئاتېمالا، خوندراس، سالۋاردو ۋە باناما قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوستلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە روناق تېپىشى ئۈچۈن، چېگرا پۈتۈنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بىز مېكسىكا پىرېزىدىنتى لوپېز ئوبرادور (Lopez Obrador) غا بىز بىلەن يۇقۇرى دەرىجىدە ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ جەنۇبىي چېگرامىزدا 27000 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. مېكسىكا بىزگە ئەڭ چوڭ ئېھتىرامىنى بىلدۈردى، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئامېرىكىدا، بىز قانۇنسىز كۆچمەن ئېقىمىنى توسۇش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق. چېگرادىن قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن دەيدىغىنىم: ئەتكەسچىلەرگە پۇل بەرمەڭ. زەھەرلىك يىلانلارغا پۇل بەرمەڭ. ئۆزىڭىزنى خېيىم – خەتەرگە ئىتتەرمەڭ. پەرزەنتلىرىڭىزنى خەتەرنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويماڭ. چۈنكى سىز بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايسىز ھەم دەرھاللا قايتۇرىلىسىز. مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپلا تۇرسام، بىز قانۇنىمىزنى ئىجرا قىلىمىز ۋە چېگرامىزنى قوغدايمىز.
غەرىبىي يېرىم شاردىكى بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، بىزنىڭ مەقسىتىمىز خەلقنى ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى ئ‍ۈچۈن بارلىقىنى ئاتاشقا ئۈندەشتۇر. بىزنىڭ رايونىمىز زور ئۈمىتكە تولغان. بىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان غايىلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىق ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. رايونىمىزدا مىليۇنلىغان تىرىشچان كىشىلىرىمىز، ۋەتەننى سۆيىدىغان ياشلىرىمىز قۇرۇلۇشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئىنتىزار بولماقتا. بىراق، بىر ئەۋلاد ياشلار ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا يەرلەرگە بېرىپ ياشىسا، بۇ دۆلەتلەر ئۆز يۇشۇرۇن كۈچلىرىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بىز رايونىمىزدىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەركىن ۋە تىنچ مۇھىتتا روناق تېپىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
بۇ تۈردىكى ۋەزىپىمىزدە، بىز يەنە غەربىي يېرىم شاردىكى شەپقەتسىز ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرگە، مەسىلەن: كۇبا، نىكاراگۇئا ۋە ۋېنېسۇئېلا خەلقىگىمۇ ياردەم بېرىشقا ۋەدە قىلىمىز.
ب. د. ت. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادا ئاياللار 10 نەچچە سائەت ئ‍ۆچرەتتە تۇرۇپ يېمەكلىك ساقلايدىكەن. 15 مىڭدىن ئ‍ارتۇق ئادەم سىياسى جىنايەتچى بولۇپ تۇتۇلغان ئىكەن. ھازىرقى زاماندا، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەترەتلىرى قانۇننىڭ سىرتىدا مىڭلىغان ئۆلۈم جازالىرىنى ئىجرا قىلماقتا.
مۇستەبىت مادۇرو (Maduro)بولسا كۇبانىڭ ياغاچ قونچىقى. ئۇنى كۇبا قوغدىغۇچىلىرى قوغدايدۇ. ئۇ ھەتتا ئۆز خەلقىدىنمۇ قورقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇبا ۋېنېسۇئېلانىڭ نېفىت بايلىقىنى تارتىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ چىرىكلەشكەن كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
مەن ئالدىنقى قېتىم بۇ زالدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن تارتىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 55 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان تارىخىي خاراكتېرلىك ئىتتىپاقنى تۈزۈپ، ۋېنېسۇئېلانىڭ قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئىتراپ قىلدۇق. بۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ۋېنېسۇئېلا خەلقى، شۇنى بىلىپ قېلىڭلار، پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى بىردەك ئىتتىپاق ھالدا سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا. ئامېرىكا غايەت زور مىقداردىكى ئىنسانىي ياردەم تەييارلاپ، توشۇشنى ساقلاۋاتىدۇ. بىز ۋېنېسۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دېققەت قىلىۋاتىمىز. بىز دېمۇكراتىيىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، ۋېنېسۇئېلانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن كۈنىنى ساقلاۋاتىمىز. شۇ ۋاقتى كەلگەندە ئەركىنلىك غەربىي يېرىم شاردا تولۇق غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.
بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاچچىق خىرىسلارنىڭ بىرسى سوتسىيالىزىمنىڭ ئەرۋاھلىرى. بۇ ئەرۋاھلار دۆلەتنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ھەم جەمئىيەتنى ۋەيران قىلغۇچىلار.
ۋېنېسۇئېلادا يۈز بەرگەن ۋەقە بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىم ھەرگىزمۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ئەمەس، ھەرگىزمۇ باراۋەرلىك ئۈچۈن ئەمەس، ھەرگىزمۇ نامراتلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەلۋەتتە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ ئەمەس. سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىم پەقەت بىرلا نەرسە ئۈچۈن، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن.
بۈگۈن مەن دۇنياغا دۆلەت ئىچىدە تارقاتقان بىر ئۇچۇرنى تارقاتماقچى: ئامېرىكا مەڭگۈ سوتسىيالىستىك دۆلەت بولمايدۇ.
ئالدىنقى ئەسىردە سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىم 100 مىليۇن ئادەمنى ئۆلتۈردى. خۇددى بىز ۋېنېسۇئېلادا كۆرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدەك. بۇ دۆلەتتىكى ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھاكىم مۇتلەقلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسى زامانىۋىي تېخنىكىلار بىلەن بىرلەشكەندە، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغان يېڭى خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېزىش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا سانلىق مەلۇماتلىرىمىزنى ۋە بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا چارە قوللىنىپ چەتئەل تېخنىكىسى ۋە كاپىتالىنى تەكشۈرۈشنى ئىلغارلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىز يىغىنغا قاتناشقان ھەر بىر دۆلەتنى مۇشۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ياكى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، ھەممىمىز چوقۇم داۋاملىق ھالدا ئەركىنلىككە ۋە دېمۇكراتىيەگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ھەم ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە كونترول قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرگە گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولىشىمىز كېرەك. بىز ئەركىن دۆلەتلەردىمۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان ئالامەتلەرنى ۋە ئەركىنلىككە بولغان يېڭى خىرىسلارنى كۆردۇق.
ئاز ساندىكى سوتسىيال مېدىيالار غايەت زور ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، بىز كۆرۈدىغان مەزمۇنلارنى ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزغا بولىدىغان مەزمۇنلارنى كونترول قىلماقتا. بىر مەڭگۈلۈك سىياسى سىنىپ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا كەمسىتىدۇ، سەل قارايدۇ ۋە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىدۇ. بىر يۈزسىز بيۇروكرات سىستېما يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ، دېمۇكراتىك تۈزۈمىنى ئاجىزلاتماقچى بولىدۇ. مېدىيا ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەر تارىخىمىزغا، ئەنئەنىمىزگە ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئاشكارا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىدا، ھۆكۈمىتىمىز سوتسىيال مېدىيا شىركەتلىرىگە بىز پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىمىزنى داۋاملىق قوغدايمىز، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بىر ئەركىن جەمئىيەت سوتسىيال مېدىيا گېگانتلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. ئەركىن خەلق ھەرگىزمۇ ئەسكىلەر بىلەن بىر قازاندا قايناپ، خوشنىلىرىغا بېسىم قىلىدىغان، مەجبۇرىلايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىدىغان ۋاستىلەرنى قوللانمايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشتا، بىز ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇق ۋە ئىززەت – ئابرويغا ئىگە ھالدا ياشايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىمىز. مۇشۇ سەۋەپتىن، خوموسېكسۇەل (ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى) نى جىنايەت دەپ بېكىتىشنى چەكلەش ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بىز جىنىسىي يۈزلىنىشى سەۋەبلىك جازالاشقا ئۇچرىغان، تۈرمىگە كىرگەن ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان LGBTQ كىشىلەر توپى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز.
بىز يەنە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئاياللارغا ئۆزىگە ئ‍ۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ھوقۇق بەرگەن دۆلەتلەر تېخىمۇ باي، بىخەتەر ۋە سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش بىر دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، شۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مۇشۇ پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ھۆكۈمىتىمىز يەر شارى خاراكتېرلىك ئاياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە روناق تاپقۇزۇش پىلانىنى قوزغاتتى. بۇ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ھۆكۈمەت دائىرىسىدە تۇنجى قېتىملىق ئاياللار ئۆز ئىقتىسادىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تەدبىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ قانۇنىي ھالدا مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇش، ئەرلەر ئىشلىيەلەيدىغان ساھەلەردە ئىشلەش، ئەركىن ساياھەت قىلىش، ئىناۋەتلىك قەرزگە ئىگە بولۇش ۋە تەشكىللىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مەن تۈنۈگۈن ساھىبخان لېدىر سۈپىتىدە ھەم ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ، دىنىي داھىلارنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىمىزدىن بەك خۇشال بولدۇم. بۇ خىل ئاساسىي ھوقۇق پۈتۈن دۇنيادا كۈندىن – كۈنگە ئېغىر خەۋپكە ئۇچراۋاتىدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە %80 ئاھالە دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان، ھەتتا پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتىدۇ. ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان تىرىشچانلىقىنى مەڭگۈ توختاتمايدۇ ياكى بوشاشتۇرمايدۇ. بىز ھەممە ئادەمنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز ۋە قوللايمىز.
ئامېرىكا يەنە بىگۇناھ ھاياتلىقنى قوغداشنى مەڭگۈ توختاتمايدۇ. بىز بىلىمىزكى، ب. د. ت. نىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرى يەرشارى خاراكتېرلىك ھوقۇلارنى، باج تاپشۇرغۇچىلار ياردەم بەرگەن، ئەڭ كېچىككەندىمۇ تۇغۇشتىن بۇرۇن تەلەپ قىلىشقا بولىدىغان بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى تەكىتلەيدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك بيۇروكراتلارنىڭ بىگۇناھ ھاياتلىقنى قوغداشنى ئۈمىت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى يوق. مۇشۇ يىغىن زالىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىز ئامېرىكىلىقلار ھەر بىر تۇغۇلغان ۋە تۇغۇلمىغان بالا تەڭرىنىڭ مۇقەددەس سوۋغىتى، دەپ ئىشىنىمىز.
ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا خەلقئارا تاجاۋۇزنىڭ پۇقرالىرىمىزنىڭ ئۆزىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ يىل بىزنىڭ مەڭگۈ «ب. د. ت. قورال سودا كېلىشىمى» غا قول قويمايدىغانلىقىمىزنى، جاكارلىدىم. بۇ كېلىشىم قانۇن ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. ئامېرىكا بىزنىڭ قورال ساقلاش ۋە ئېلىپ يۈرۈش ئاساسى قانۇن ھوقۇقىمىزدا مەڭگۈ چىڭ تۇرىدۇ. بىز ھەر دائىم ئۆزىمىزنىڭ ئىككىنچى تۈزىتىلگەن لايىھىمىزدە چىڭ تۇرىمىز.
بۈگۈن ئامېرىكا ھىمايە قىلىۋاتقان ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش ھۆججەتلىرىدە خاتېرىلەنگەن. بىزنىڭ دۆلەت ئاتىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتكەنكى، ئ‍ۆزىنى باشقىلارنى كونترول قىلىشقا ھەقلىق، دەپ قارايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ھامان بىر كۈنى چىقىدۇ. مۇستەبىتلىك ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ۋە ھەر خىل نەزەرىيەلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك تەشنالىقىغا يىغىنچاقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھىمايە قىلىدىغىنى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئەمەس، بەلكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى. بىزنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىلىرىمىز بۇ خىل خەتەرنى چەكلەيدىغان سىستېما بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھوقۇقىنى دۆلەت تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە يەنى غورۇرلۇق ۋە يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەقىل بولغان خەلققە تاپشۇرۇشنى تاللىغان.
دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پەقەت ئۆز دۆلىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە سۆيىدىغان ئادەملەرگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆز تارىخىغا يىلتىز تارتقان، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلانغان، قىممەت قاراشلىرىغا سادىق بولغان، خەلقى بىلەن خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان پۇقرالاردۇر. ئۇلار كەلگۈسىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇرىدىغانلىقىنى ياكى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلەر دۆلەت ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىگە مۇشۇنداق قارايدۇ. باشقا ھېچكىم بۇنداق قىلالمايدۇ. ئەركىنلىكنى قوغداپ قېلىش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، دېمۇكراتىيىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ساداقىتى بىلەن بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ روھى زۇلۇمغا قارشى كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن، ئەنئەنىنى يارىتىدىغان قىزغىنلىق بىلەن، دوستلۇق ئىستەيدىغان سەمىمىيەت بىلەن، ھەم شۇنداقلا تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن تولغان. ئۆز دۆلىتىنى سۆيۈش دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق رەھبەرلەر، بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئورۇنلايلى. دۆلىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىش، تارىخنى ھۆرمەت قىلىش، پۇقرالىرىنى قەدىرلەش، دۆلىتىنى باي، قۇدرەتلىك ۋە ئادىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، خەلقنىڭ ئىززەت – ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىش ھەر قانداق ئادەم قوشالايدىغان ئەڭ زور تۆھپە ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ھەر قانداق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. دۆلەتلىرىمىز قۇدرەت تاپقاندا، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، ئىتتىپاقلىقىمىز تېخمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.
تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئورتاق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئەركىنلىكنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئادەملەردىن قۇتۇلىمىز، ئىززەت – ئابرويغا زىيان سالىدىغان زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۈستىدىن غالىب كېلىمىز، يېڭىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يارىتىمىز، ئىنسانىيەت ئۇتۇقلىرىنىڭ يېڭى پەللىسىگە يېتىپ بارىمىز، قەدىمىي سىرلارنى قايتىدىن يېشىمىز، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. بىز كەلگۈسىدە دۆلەتلەر ئارىسىدا بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىنمۇ گۈزەل بولغان دوستلۇق ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
ھەر قايسى رەھبەرلەر، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ھەم ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل بولغان دۇنياغا يېتىپ بارىدىغان يول ئۆز دۆلىتىمىزدىن باشلىنىدۇ.
رەھمەت!
تەڭرى سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن!
تەڭرى بارلىق دۆلەتلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن!
تەڭرى ئامېرىكىغا بەخت ئاتا قىلسۇن!
كۆپچىلىككە رەھمەت!

نۇتۇقنىڭ ئاياقلاشقان ۋاقتى:
ئامېرىكا شەرقىي رايون يازلىق ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن 10:49

تەرجىمە قىلىشتا پايدىلىنىلغان مەنبە:
https://china.usembassy-china.org.cn/zh/remarks-by-president-trump-to-the-74th-session-of-the-united-nations-general-assembly/

Share
5442 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.