logo

trugen jacn

پاكىستان قەشقەردە، خىتاي گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى

a4bcf61a-2311-4d7f-9d5c-cc120be3b7de

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

30-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ «بادىشىمال» قاتارلىق گېزىتلىرىدە پاكىستاننىڭ قەشقەردە، خىتاينىڭ گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن.

«بادىشىمال» گېزىتى پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئوردۇ تىلىدىكى گېزىتلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى سانىدا، 29-ئاۋغۇستتىن باشلاپ گىلگىت شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ گىلگىت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىدە پاكىستاننىڭ قەشقەردە، خىتاينىڭ گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى شەھەر رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە قەشقەر بىلەن گىلگىت شەھىرىنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلىيلىشىدىغان بەزى پىلانلار ھەققىدە سۆزلەشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 29-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ گىلگىت شەھىرىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى گىلگىت، خۇنزا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان.

بىز پاكىستان گېزىتلىرىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇلقەييۇم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/pakistan-xitay-09022015172433.html

Share
1163 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.