logo

trugen jacn

پاكىستان ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتا خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

pakistan-cin

اكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىنگلىزچە گېزىت- «يار شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

8-ماي «ئىقتىساد ۋاقت گېزىتى» دە بۇ ھەقتە نەقىل قىلىشىچە، ناۋاز شەرىف مۇنداق يازغان: «بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەھدىتىگە قارىشى ئۇرۇشتا جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. پاكىستان ۋە جۇڭگونىڭ مەنپەئەتلىرى ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەن. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىزنىڭ تېررورلۇققا قارىشى كۈرەشلىرىمىزگە بولغان قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

خىتاي ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونى- ۋەزىرىستاندا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارىشى ھەرىكەتلەرگە سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارىشى تۇرۇشتا پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىدا پاكىستانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا پاكىستان بىلەن 46 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ناۋاز شەرىف «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يۇقىرىقى كېلىشىم ھەققىدىمۇ توختالغان ۋە مەزكۇر كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇشلار تاماملانسا بۇلارنىڭ «پاكىستانغا ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pakistan-uyghur-05092015222402.html

 

Share
1872 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.