logo

trugen jacn

پارىژدا نامايىش قىلغان جۇڭگولۇقلار، بېجىڭدىن قوغلانغان فرانسۇز مۇخبىر

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

پارىژدا نامايىش قىلغان جۇڭگولۇقلار، بېجىڭدىن قوغلانغان فرانسۇز مۇخبىر

160821200806_chinese_protesters_640x360_afp_nocredit

تۈنۈگۈن ( 2016.يىلى 8.ئاينىڭ 21.كۈنى) پارىژ شەھىرىنىڭ شىمالى چېتىدىكى سايىنت دەنس دېگەن يەردە 1800 نەپەر كۆچمەن خىتاي، پىرانسىيە ھۈكۈمىتىگە قارشى “ دۆلەت بىزنىڭ بىخەتەرلىگىمىزنى قوغدىسۇن” دەپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى
سايىن دەنس مەھەللىسىدە 8.ئاينىڭ 7 .كۈنى جاڭ چاۋلىن ئىسىمدىكى بىر كىيىم لاھىلۈگۈچى 3 نەپەر ئەرەب نەسىللىك ياشلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئىدى. جاڭ 5 كۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆلۈپ كەتتى. پارىژدىكى خىتاي ئاھالىسى دەرغەزەپ بولدى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى
پارىژنىڭ چېتىدىكى سايىن دەنستە كۆپۈنچىسى ئەرەب بولغان ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ياشايدۇ. ھازىر بۇ رايوننى خىتاي كۆچمەنلىرى ماكان تۇتماقتا. خىتاي مەھەللىسىدىكى بىر توپ مال سېتىش بازىرىدا 6000 نەپەر خىتاي كۆچمەن تىجارەت قىلىدۇ. بۇ 6000 ئادەمنىڭ 3000 نەپىرى ۋىنجۇلۇق. پارىژ دىكى قاچاق ئىشچى، قاچاقچىلىق، مافىيە ھەرىكەتلىرى، پاھىشە تىجارىتى… قاتارلىق قاراڭغۇلۇق ئىشلارنڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ قولى بار. ئامما فرانسۇز ساقچى،ئەدلىيە ئورگانلىرى جىنايى پاكىتنى قولغا چۈشۈرمەي تۇرۇپ، ھەر قانداق بىر خىتاي جىنايەتچىنى تۇتۇپ سۇلىمايدۇ

5db8deb024d682901b39f7fccc0a1ed6
فىرانسىيەدە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى كۇچكۇك ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بار.ئۇلار كەمسىتىلگەن ئاجىز ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. مەسىلەن، فرانسىيەنىڭ ئەڭ مەشھۇر جورنىلى “لە پوئىنت – كۆز قاراش” 2012.يىلى 8.ئاينىڭ 23.كۈنى “ ھىلىگەر جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى” سەلەۋىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ماقالىغا نىسبەتەن پىرانسىيەدە ياشايدىغان خىتايلار پەرۋايى پەلەك يۈرۈشكەن بولسىمۇ، پىرانسىينىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، جورنالنى سوتقا بەردى. سوت نەتىجىسى، جورنالغا 1500 ئاۋرۇ جازا بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتى. جورنال، پىرانسىيەدە ياشاۋاتقان خىتايلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلاندى
خىتادا، 10 نەپەر پۇخرا توپلۇشۇپ، مەھەللە جۇرىنىغا نارازىلىق بىلدۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئەگەر بۇنداق ئىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلاربولسا قولغا ئېلىنىدۇ. ياۋرۇپادا ۋەتەنداش بولمىغان خىتايلارمۇ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

بۇ يىل 7. ئايدا ئىتالىيىنىڭ توسكانا ۋادىسىدىكى پروتو شەھىرىدە 10 مىڭلىغان خىتاي ئاھالىسى بىر ھەپتە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى. 1989. يىلى ئۆزلىرىنى،”تىيەنئەنمىن بىچارىلىرى” دەپ تونۇتقان 3 نەپەر خىتاي پۇخراسى بۇ شەھەردە سىياسى پانالىق تىلىگەن 2016. يىلى پروتو شەھرىدىكى خىتاي نۇپسى 60 مىڭغا يەتتى. يالغۇزلا پروتونىڭلا ئەمەس، ئىتالىيەنىڭ جەننەتتەك گۈزەل ۋادىسى توسكانانىڭ ئىختىسادى تىزگىنى بۇگۈن خىتايلارنىڭ قولىدا. (بۇ توغرۇلۇق ئەجدىرھانىڭ قورقۇسۇ “ دىگەن تۈركچە كىتاۋىمدا يىتەرلىك مەلۇمات بار.) 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىتالىيە ساقچىسى بۇ نامايىشچى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ھەپتە كوچا تەرتىپىنى ساقلىدى. ئەسلىدە، ئىتايىيە ساقچىلىرى، پروتودىكى خىتاي قاچاقچى ماپىياسىنى تۇتقان ئىدى. خىتايلارنىڭ ھەممىسى قوزغىلىپ كەتتى. چۇنكى، پروتودىكى خىتاي كوچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى قاچاقچىلىقنىڭ ئىچىدە

بۇلارنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۈكۈمىتى، 2015. يىلى 13. نۇيابىر كۈنى پارىژدا يۈز بەرگەن قانلىق تىرورلۇق ھەرىكىتىنى “ئۇيغۇر تېرۆر ھەرىكتى” گە باغلىدى ۋە 13. نۇيابىر كۈنى، “باي ناھىيەسىدىكى تىرور چىلارنى تامامەن يوق قىلدۇق” دەپ ئېلان قىلدى. 14. نۇيابىر كۈنى ئۇرۇمچى ئايدۇرومىدىن تۈركىيەگە ئۇچماقچى بولغان 2 نەپەر ئۇيغۇرنى “تېرور گۇماندارى” دەپ تۇتۇپ قولغا ئالدى. ب.ب.س. خەۋەر ئاگىنىتلىغى 18 نۇيابىردىكى خەۋىرىدە “ باي ناھىيەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 3 ئائىلە كىشىلىرى بولغانلىغىنى، خىتاي زۇلىمىدىن قېچىپ تاغ كامىرلىرىغا يۇشۇرنىۋالغان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن زامانىۋىي كۆيدۈرۈش بومبىلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا 3 ياشلىق بوۋاق، 6- 9 ياشلار ئارىسىدىكى نارىسىدە بالىلارنىڭ بارلىقىنى يازدى. بۇ خەۋەرلەرگە ئاساسەن، فرانسىيەنىڭ بېىجڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇتئېر خانىم ، فرانسىيەنىڭ “لئە ئوبس – يېڭى كۈزەتكۈچى” جورنىلىدا “پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاينىڭ فىرانسىيەنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىشىدا يوشۇرۇن غەرىزى بار” ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ پارىژ تېرور ھۇجۇمى بىلەن باي ۋەقەسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكتى توغرىسىدا ئانالىز ئېلىپ باردى. خىتاي ھاكىمىيىتى دەرغەزەپكە كەلدى ۋە ئۇرسۇلا گۇتئېر خانىمنى بېىجىڭدىن چىقىرىۋەتتى
ياۋرۇپانىڭ، قاچاق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەق –ھوقۇقىنى قوغدىشى دېموكراتىيىنىڭ ئەۋزەللىگىدىن كەلگەن. ياۋرۇپالىق بىر مۇخبىرنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىگى ئۈچۈن خىتايدىن قوغلىنىشى، دىكتاتۇرلۇقنىڭ تەبىئىتى تۈپەيلى بولغان.
ئافرىقىدىن پىرانسىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلەر ئارىسىدىكى رادىكال تېرورىستلارنىڭ پارىژدىكى قانلىق قەتلىيامى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋالغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق تېرورلۇ قەتلىيامىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنيا ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. پارىژدا ھۇكۇمەتكە قارشى نامايىش قىلغان خىتاي ئاھالىسى، بېجىڭدىن قوغلانغان فرانسۇز مۇخبىر، ئۇرۇمچىدە، شاۋگۇۋەندە ئولتۇرۇلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلىشى… دېموكىراتىيە بىلەن دىكتاتۇرنىڭ رۇشەن پەرقىنى بىزگە كورسىتىپ تۇرماقتا
بۈگۈن خىتايلارنىڭمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە ھەق – ھۇقۇقى قوغدىلىۋاتقان بولسا، بۇ دېموكراتىيىنىڭ ئەۋزەللىگىدىندۇر. بىز ھەرگىزمۇ، بىز دېموكراتىيە بار يەردىن كەلمىدۇق. دېموكىراتىيە غەرپكە ئائىت، دەپ قارىماسلىغىمىز لازىم. قۇرۇلتايلىرىمىزدا، سايلاملىرىمىزدا، دېموكراتىيىنى ئۈستەلنى سۈرتىدىغان دەسمال ياكى بىر قېتىملا سۇ ئىچىپ تاشلىۋېتىدىغان قەغەز ئىستاكان قاتارىدا كۆرمەسلىگىمىز لازىم. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، دېموكراتىيە، مىللەت سۈپىتىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىمىزدا بىزنى توشۇيدىغان ئەڭ مۇھىم قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇگۇن چەتئەلدە، دېموكىراتىيەنى قوغداۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ، دېموكىراتىيەنى خارلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ، دېموكىراتىيەنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن، بىلىشنىمۇ خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ، دېموكىراتىيەدىن پايدىلىنىپ، دېموكىراتىيەگە زەربە بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ قوغداۋاتقان دېموكىراتىيەدۇر

يىل 2016 – 8 . ئاينىڭ 22.كۈنى

مەنبە

法国1800华人示威抗议治安不断恶化
法国华人遭殴打致死 华社举行哀悼仪式
法国《观点》杂志因辱华言论被判罚款
پارىژدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن پايدىلانماقچى بولغان خىتاي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭى بىر قەتلىئامغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ
The Devious Success of the Chinese in France
意大利华商与警察冲突后,我们找当地人问个究竟

Share
1662 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.