logo

trugen jacn

پارتىلاتقۇچ خەۋەر : ئەنگىلىيە ب ب س : ختتاي ئەرلىرى لاگىرلارغا كېرىپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ

پارتىلاتقۇچ خەۋەر : ئەنگىلىيە ب ب س : ختتاي ئەرلىرى لاگىرلارغا كېرىپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئ‍ان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
2-فېۋرال، ۋاشنگىتون

ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى ب ب س 2-فىۋرال دۇنيانى زىلزىلگە سالغان قورقۇنچلۇق خەۋەر ۋە ۋىدىئو تارقاتتى.مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

لاگىرغا 18 ئاي قامالغان قازاق قېزى گۈلزىرە ئايۇلخان ئۆزىنىڭ قىپيالىڭاچ قىلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قولىغا كويزا سلىپ، كارۋاتقا باغلاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولۇپ، ختتاي ئەرلەر كىلىپ، بۇ قىزلارغا نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن. ختتاي ئەرلەر قايسى قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىشنى تاللايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دىگەن:مىنىڭ ۋەزىپەم- قىزلارنىڭ بەلنىڭ ئۈستىدىكى كىيملىرىنى سالدۇرۇش، ۋە ئۇلارنى مىدىرلىيالمىغۇدەك قىلىپ كارۋاتقا قولىدىن كويزا سلىپ باغلاش.ئاندىن مەن ئۇ قىزنى ئۆيدە قالدۇرىمەن،سرتتىن بىر ختتاي ئەر ياكى ساقچى كىلىدۇ.مەن ياندىكى ئۆيدە جىم ئولتۇرىمەن،ئەر ئايرىلغاندا، مەن قىزنى مۇنچىغا ئىلىپ چېقىمەن.
ختتاي ئەرلەر ساقچىلارغا پۇل تۆلەيدۇ. ختتايلار تۈرمىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزلارنى تاللايدۇ،مىنى ئۆيگە كىرگۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، ئاياللارنىڭ كىيمىنى سالغۇزىدۇ، ئاندىن مىنى ئ‍ۆيدىن چىقىرۋىتىدۇ.مەن ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي ئامالىم يوق، كېچىسى ئىلىپ چېقىپ كېتىلگەن بەزى قىزلار مەڭگۇ قايتىپ كەلمىدى.قايتىپ كەلگەنلىرى بولغان ئ‍شلارنى ھىچكىمگە دىمەسلىككە تەھدىت سلىندۇ.

لاگىرغا توققۇز ئاي سولانغان ،ھازىر ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىغا كىلىپ تۇرىۋاتقان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇنداق دىگەن:
ئۇلار ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە كىلىپ، ئۆزلىرى خالىغان ئاياللارنى تاللايدۇ.ئۇلارنى كارىدوردىن ئىلىپ چېقىپ كامىرا يوق بولغان «قاراڭغۇ ئۆي»لەرگە سولايدۇ.تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىم نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى،ھەر قېتم ئىككى ياكى ئۈچ ئەرنىڭ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلگەن باشقا ئۇيغۇر قىزنى تونۇغان بولۇپ،ئۆز ئازاپلىرىنى يېڭىش ئۇچۇن ھاراققا خۇمار بولغان.ئۇ ئۇ قىزنىڭ ئاممىۋى كوچىلاردا مەست پىتى ياتقانلىقىنى كۆرگەن.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئەسلىشچە، باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ختتاي ئەرلىرى بىردەك ماسكا تاقايدىكەن،ساقچى فورمىسى ئەمەس بەلكى كاستۇم كىيدىكەن، ئۇ چاغدا تېخى ۋىرۇس تارقالمىغان ئىدى.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇنداق دىگەن :بۇلار ھەممىسى كۈنەس ناھىيسنىڭ ناھايتى چوڭ لاگىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەركۈنى يۈزلىگەن چوڭ ئاپتوبۇسلاردا توختماي ئادەم توشۇپ كىلىدىكەن.ختاي ساقچىلار ياش-قېرى ئاياللارنىڭ ھەممە كىيمىنى سالدۇرۋىتىدىكەن.ئاياللار خىجىل بولۇپ،ئالدىنى قولى بىلەن توسۇۋالىدىكەن.
تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ سۆزلەپ بىرشچە، ئۇ قارشلىق قىلغاندا، ختتاي ساقچىلار ئۇنى ئىغىر ۋە ئۇچلۇق پاشنىلىق ئاياقلار بىلەن كۆكسگە قاتتىق تەپكەن.ئۇ مۇنداق دىگەن: ساقچى ئايىغى بەك قاتتىق ۋە ئىغىر ئىكەن، مەن دەسلەپتە ئۇ مىنى بىرەر نەرسە بىلەن ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.كىين ئۇ مىنىڭ قورسقىمغا دەسسدى.مەن ھوشۇمدىن كىتەي دىدىم.كىين بەدىنىمدىن ئ‍سسىق بىر نەرسنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلەلىدىم.
لاگىر دوختۇرى ئۇنىڭغا ئىچىنىڭ قانىغانلىقىنى ئىيتقان،لاگىرداشلىرى ئۇنىڭ قانىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. مۇھاپىزەتچى ئۇنىڭغا :ئاياللارنىڭ قانىىشى نورمال ئ‍ش دىگەن.ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: ھەر بىر ئ‍ۆيدە 14 كىچە ئايال بار بولۇپ،كارۋات بار،دەرىزىلەر توسۇق..ئۇ دەسلەپتە قىزلار ئىلىپ چىقىپ كىتلگەنلىكىنى كۆرگەندە، سەۋەبىنى چۇشەنمەي، بەلكىم باشقا يەرگە يۆتكىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان.
تۇرسۇنئاي :2018-يىلى بەشنچى ئايدا بولسا كىرەك،20 ياشلار چامىسدىكى بىر قىز ماسكىلىق بىر ختتاي ئەرگە تۇتۇپ بىرىلگەن، ئۇ قارا ئۆيگە كىرگەندىن كينلا ۋاقىراشقا باشلىغان.مەن قانداق چۇشەندۇرۇشنى بىلمىدىم.مەن دەسلەپتە ئۇلار ئۇنى ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، ھەرگىز باسقۇنچىلىق قىلىشنى خيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.ئاياللارنى ياندۇرۇپ كىلىدىغان ئايال مىنىڭ قانىغانلىقىمنى دەپتۇ، ختتاي ساقچى ئۇنىڭغا ۋاقىراپ، قاراڭغۇ ئۆيگە ئىلىپ كىر دەپتۇ.
ئايال مىنى ھىلىقى قىز سولانغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيگە ئىلىپ كىردى.ئۇلارنىڭ قولىدا بىر ئىلىكتىرونلۇق كالتەك بار ئىكەن.مەن ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.ئۇلار ئۇنى مىنىڭ جىنسى ئەزايىمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى.مىنى ئىلىكتىرۇنلۇق ماگىنىت بىلەن بەك قىينىدى.
كىين مىنى ياندۇرۇپ كەلدى،ھىلىقى قىزمۇ قايتىپ كەلدى،ئۇھىچكىمگە گەپ قىلمايتتى،بىر بۇلۇڭدا جىمجىت ئولتۇراتتى، كامىردا پۈتۈنلەي ئەقلىنى يوقاتقان ئاياللار ناھايتى كۆپ ئىدى.
لاگىردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلشقا مەجبۇرلانغان قەلبىنۇر سدىق خانىم مۇنۇلارنى بايان قىلغان: مەن بىر ساقچى ختتاي ئايالدىن باسقۇنچىلىق ھەققىدە سورىدىم،ئۇ جاۋابەن :لاگىردا باسقۇنچىلىق قىلىش -بىر مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ بولدى.تېخى توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.ختاي ساقچىلىرى ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارنى توكتا قىينايدۇ،ئاياللارنى ۋەھشى قىينايدۇ دىگەن.قەلبىنۇر سىدىق يەنە بىر ئىلىكتىرونلۇق كالتەكنىڭ ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسغا كىرگۈزۈلۈپ قاتتىق قىينايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،.ئ‍ۇ مۇنداق دىگەن: توك بىلەن قىيناشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى بار: ئورۇندۇق، پەلەي، باشقا كەيگۇزدىغىنى، ۋە مەقئەت يولىدىن توك كىرگۈزۇش قاتارلىقلار.ئۇلارنىڭ ۋاقىراشلىرى پۈتۈنلەي بىنانى بىر ئالىدۇ،چۇشلۇك تاماق ۋاقتىدا ياكى بەزىدە سنپتا ئۇلارنىڭ ۋاقىرىغانلىقنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
لاگىردا مۇئەللىم بولۇشقا زورلانغان سايراگۇل ساۋۇت ب ب س غا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:«لاگىرلاردا باسقۇنچىلىق ئومۇملاشقان بىر ئ‍ش. مۇھاپىزەتچىلەر خالىغان چاغدا ئۆزى خالىغان قىزلار ۋە ياش ئاياللارنى تاللاپ ئىلىپ چېقىپ كېىتىدۇ.ساقچىلار بىر قېتىم 20 ياكى 21 ياشلار چامىسدىكى ئايالنى 100 ئادەمنىڭ ئالدىدا نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىق قىلدى.ھەر بىر ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ، قارشىلىق بىلدۇرىدىغانلارنى، مۇشتۇمنى تۈگكەن، كۆزىنى يۇمۇۋالغان ياكى باشقا يەرگە قارىۋالغانلارنى جازالاشقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى.ياش قىز بىچارىلەرچە ۋاقىرىپ ياردەم سورىدى،بۇ بەك پەسكەشلىك ئىدى،مەن ئۆلگەن بولسام ئىدىم دەپ قالدىم.
تۇرسۇنئاي زىياۋۋۇدۇننىڭ دېشيچە، ئاياللار مەجبۇرى تۇغۇت توختىتىش دورسى ئۇرۇلغان.ئۇ مۇنداق دىگەن: ئۇلار بىزنىڭ كاللىۋىمىزنى يۇيۇۋەتتىمۇ ياكى دورىنىڭ تەسرىمۇ بىلمىدىم،بىز ئۇنىڭ ئىچىدە باشقا ھىچنىمىنى ئويلىيالمايمىز، بىز پەقەت قورسقىمىزنىڭ تويۇشنىلا ئويلايمىز،ئۇ يەردە ئاچ قالدۇرۇش، تاماق بەرمەسلىك ئىغىر.
ئىلگىرى لاگىردا مۇھاپىزەتچى بولغان بىرسى ب ب س غا مۇنداق دىگەن: مەھبۇسلارغا ئ‍ىلكتىرونلۇق كالتەك ياكى توكتا جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىقرا قىلغۇزۇش ئ‍شلىرى ناھايتى كۆپ.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي مۇنداق دىگەن: ئۇلار پەقەت باسقۇنچىلىقلا قىلمايدۇ، بەلكى بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىنى چشلەيدۇ،قاتتىق چشلەپ بەك سەت ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.سز ئۇلارنىڭ ئادەممۇ ياكى ھايۋانلىقىنىمۇ بىلمەيسز.
ئوخشاش كامىردىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سولانغان بولۇپ،ئۇمۇ بىر كىچىدە ئىلىپ چېقىلىپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئىز قالدۇرۇلۇپ ئىلىپ كىلىنگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى دىيەلمىگەن ئەمما تۇرسۇنئاينىڭ بوينىغا ئېسلىپ تۇرۇپ ھۆكرەپ يېغلاپ كەتكەن.
تۇرسۇنئاي مۇنداق دىگەن:ئۇلار ئادەملەرنى قويۇپ بەردۇق دەيدۇ، لىكىن قويۇپ بىرىلگەنلەرمۇ پۈتۈنلەي تۇگەشكەن ھالەتتە قويۇپ بىرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ مەقسدىمۇ شۇ،بىزنى پۈتۈنلەي تۇگەشتۇرۇش.

Share
2273 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.