logo

trugen jacn

يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم سىرلىرى ئېچىلدى -2

image (1)

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەكەن ۋەقەسى 13 نەپەر سىياسىي تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن باشلانغان

خىتاي تەرەپ يەكەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئاخباراتىدا ئىسيانچىلارنى پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ شۇ كۈنكى قوزغىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى بەزى خەۋەرلەردە مەلۇم بىر مەسچىتتە ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى، يەنە بەزى خەۋەرلەردە بولسا، ۋەقەدىن بىرقانچە ھەپتە ئاۋۋال قوشنا يېزىدا يۈز بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىۋېتىلىشى يەركەن ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەنىڭ قوزغىلىشى ھەققىدە 3-بىر خىل سەۋەبمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى: ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئاياللىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىسيانچىلار ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان ساقچىلاردىن، ئىككى كۈن ئاۋۋال تۇتۇپ كېتىلگەن 13 نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان؛ بۇ ئەھۋالنى ئېلىشقۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى، غۇلام توختى ئائىلىسىدىن ھال سوراپ بارغان چېغىدا ئاشكارىلىغان

image

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن سېكرېتار ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەكەننىڭ ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلىرىدە خىزمەتچى بولۇپ، بۇلار يەكەن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاقىدار ئىشلاردا تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە بولغان. شۇڭا بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئاياللىرى يولدىشىنىڭ ئۆلۈم جەريانى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى رەسمىي ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئۇقسا، يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىدىن ئۇققان. ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلام توختى ئائىلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئېلىشقۇ ساقچىخانا باشلىقى، ئىسيانچىلارنىڭ غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرۇپ ساقچىلاردىن 13 نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى پاش قىلغان

غۇلام توختىنىڭ خوتۇنى ئاتىگۈل بىلەن سۆھبەت

سوئال: يولدىشىڭىزنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېغىزاكى بىلدۈرۈلگىنى نېمە؟
جاۋاب (ئاتىگۈل): ناھىيىدىن چىققانلار «غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردى يول ئۈستىدە تېررورچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، غۇلام ئۇلارغا سىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار، ئىشىڭلارنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ» دەپ تەلىم تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن، تېررورچىلار ‹سەن خەقمۇ ھۆكۈمەتنىڭ غالچىسى ئىكەنسەن› دەپ قارا قولىنى ئۇزىتىپ ساپتۇ» دەپلا چۈشەندۈردى
سوئال: ئۇنداقتا، شۇ ئىسيانچىلار بىلەن غۇلام توختىلار ئوتتۇرىسىدا شۇ سائەتتە بولۇنغان گەپلەر نېمە ئىكەن، بۇنىڭدىنمۇ خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: بولدى. ئېلىشقۇ ساقچىخانا باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ (ئىسيانچىلارنىڭ) 13 ئادىمىنى تۇتقان ئىكەن، ئۇلار شۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن، غۇلامجان «پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار، ئۇ ئادىمىڭلار خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولسىلا قويۇپ بېرىلىدۇ» دەپ تەربىيە بېرىپتۇ، غۇلامجان ئېلىشقۇدا بۇرۇن 12 يىل ئىشلىگەن، سېكرېتارمۇ بولغان، شۇڭا ھەممىسى تونۇيدۇ، ئۇلار «مانا ئىككى چوڭ ئەمەلدارنى تۇتۇۋالدۇق، ئەمدى ئۈمىد تۇغۇلدى، بۇلارنى تۇتۇۋالساق ئادەملىرىمىزنى قويۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.
سوئال: ئۇلار ئادەملىرىنى تەلەپ قىلغاندا، پالانچى-پالانچى دەپ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپتىمۇ؟
جاۋاب: ياق، ساقچىلارغا «ئادەملىرىمىزنى قويۇپ بەرسەڭلار، بىزمۇ بۇ ئىككى ئادىمىڭلارنى قويۇپ بېرىمىز» دەپتۇ
سوئال: شۇ 13 كىشى قاچان تۇتۇلغانلار ئىكەن؟
جاۋاب: شۇ كۈندىن ئىككى بۇرۇن.
سوئال: ئۇلار شۇ كۈنى ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇقلۇقمىكەن؟
جاۋاب: ناھىيەگە يۆتكەپ كېتىلىپ بولغان ئىكەن.
سوئال: ئۇلار سادىر قىلغان بىرەر ئىش توغرىلىق تۇتۇلۇپتىمۇ ياكى؟
جاۋاب: قالايمىقان گەپ قىلغان، مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، تۆۋەن كاپالەت ئېلىشقا بولمايدۇ دېگەندەك؛ ساقچىخانىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن مۇقىملىققا تەھدىت دەپ قاراپ ئۇلارنى تۇتقان، شۇڭا ئۇلاردا ساقچىلارغا قارىتا غۇم پەيدا بولۇپ، قانداق قىلىپ ئۆچ ئېلىش ھەققىدە شۇ كۈنى كىشىلەرنى قۇترىتىپ چىقىپ ھېلىقىدەك ئىشلار بولغان

ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ خوتۇنى تۇرسۇنگۈل بىلەن سۆھبەت

سوئال: يولدىشىڭىزنىڭ جەسىتى بېرىلگەندە، ساقچىلاردىن، يولدىشىم ئوقتا ئۆلۈپتۇ، بۇ نېمە ئىش دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: (تۇرسۇنگۈل) ئۇنى سورىغۇدەك ھالىم بولمىدى، جەسەتنى كېچە سائەت 3 بولغاندا بەردى.
سوئال: يولدىشىڭىز ئىسيانچىلار ئوتتۇرىغا ئېلىۋالغان ۋاقىتتا، قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باققان ئىش يوقمىكەن؟
جاۋاب: ھەر خىل گەپلەر بار، بىرى دەيدۇ، توپىلاڭچىلار ئېلىپ قاچقان چېغىدا ساقچىلار ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ ئېتىۋەتتى دەپ، يەنە بىرى دەيدۇ، توپىلاڭچىلار ئىككىسىنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىپ ئادەملىرىمىزنى قويۇۋېتىڭلار دېگەن چاغدا ئېتىۋەتتى دەپ، گەپ بەك جىق
سوئال: ئۇلار (يولدىشىڭىز) ئېتىلمايمىز دەپ ئىشەنگەن گەپ-تە؟
جاۋاب: شۇ، ھۆكۈمەتكە ئىشلەۋاتقان بولغاندىكىن، بىزنى ئاتمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەن، «بىز كادىر بىزنى ئاتماڭلار دەپ» دەپ توۋلاپتىكەن

يۇقىرىدا، 28-ئىيۇل يەركەن ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبلىرىدىن بىرى 13 نەپەر گۇماندارنىڭ ھېيتتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنىشى ئىكەنلىكى ۋە يەكەن ۋەقەسىنىڭ شۇ تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن باشلانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeken-weqesi-10082014163224.html

Share
2664 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.