logo

trugen jacn

يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم سىرلىرى ئېچىلدى -3

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەكەن ۋەقەسىدىن بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندە، يەكەن ناھىيىسى ۋە ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىغا مەمۇرى جازا بېرىلگەن يەنى بىرقىسمى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، بىرقىسمىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئىدى، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بۇ جازانىڭ ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. ۋەقەدە ئۆلگەن يېزا باشلىقىنىڭ ئايالى ئاتىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئوق چىقىرىش -چىقارماسلىق مەسىلىسىدە، يەكەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى خې لىمېن بىلەن ھاكىم ئەخەت سايىت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان، ھاكىم ئوق چىقارماڭلار دەپ بۇيرۇق بەرگەن، پارتكوم سېكرېتارى خې لىمېن بىلەن سىياسىي-قانۇن سېكرېتارى چېن چياڭ قاتتىق باستۇرۇشنى بۇيرۇغان. يەنە ئاتىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەخەت سايىت ۋەقەدە ئوق چىقارماسلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدىن كېيىن ئەمەلدارلار جازالانغاندا، ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىلگەن. ئەمما ئەخەت سايىتنىڭ ئوق چىقارماسلىق تەشەببۇسىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن راستىنىلا توغرا دەپ قارالغان ياكى قارالمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق پاكىتلار مەۋجۇت ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى سەۋەبلىك، يەكەندىكى ئەمەلدارلاردىن پارتكوم سېكرېتارى خې لىمىن، ھاكىم ئەخەت سايىت، سىياسىي قانۇن سېكرېتارى چېن چياڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى خۇ بىڭ قاتارلىق 10 نەچچە كىشىگە ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە مەمۇرى جازا بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە ئۆلگەن يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ ئايالىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ھاكىم ئەخەت سايىتنى جازالاشتا، ئۇنىڭ ئوق چىقارماسلىق تەشەببۇسىغا ئىجابىي مۇئامىلە قىلغان.

ئاتىگۈل : ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنى ئۇ، لابادا «ئاتماڭلار، ئاتماڭلا» دەپ قايتا-قايتا توۋلاپتۇ؛ شۇڭا ناھىيە رەھبەرلىرىگە جازا بەرگەندە، ئەخەت ھاكىمغا پەقەتلا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قاپتۇ.

مۇخبىر: دېمەك، ئۇ ئوق چىقارماڭلار دېگىنى ئۈچۈن، يەڭگىل جازا بېرىلىپتىمۇ؟

ئاتىگۈل: شۇ، خا لىمىڭ (خې لىمېن)، چېن چاڭ، گوڭئەنجۈنىڭ باشلىقى خۇ بىڭ دېگەنلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەخەت ھاكىمنى ساقلاپ قاپتۇ

مۇخبىر: ئەخەت ھاكىم «ئاتماڭلار» دېگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئىككى ئادىمى بار ئاتماڭلار، دەپتىمۇ ياكى بۇلار ئۆز خەلقىمىز، پۇقرالارغا ئوق چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئاتماڭلار دەپتىمۇ؟

ئاتىگۈل: ئۇنى بەك بىلىپ كەتمىدىم، ئۆيگە كېلىپ-كېتىۋاتقانلاردىن ئاڭلىغىنىم، جاڭ چۈنشيەن تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، ھەممە دېھقانلار ئەخەت ھاكىمنىڭ «ئوق چىقارماڭلار» دەپ توۋلىغىنىغا گۇۋاھلىق بېرىپتۇ

ئەگەر، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، ئەخەت ھاكىم ئوق چىقارماڭلار دېگەنلىكى ئۈچۈن يەڭگىل جازالانغان بولسا، يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى يەڭ ئىچىدە ئېتىراپ قىلغان ۋە جاۋابكارلارنى قىسمەن بولسىمۇ سۈرۈشتە قىلغان بولىدۇ. ئەمما تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەكەندىكى ئەمەلدارلارنى جازالىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، جازانىڭ نېمە ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان؛ پەقەت خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىشقۇ بازىرىغا يېڭىدىن بازار باشلىقلىقىغا نامزات قىلىپ بېكىتىلگەن سابىق خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى روزىنىياز ھۈسەيىننىڭ ۋەقەدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەنلىكى ۋە ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەدھىيىلەنگەن

بۇنىڭدىن قارىغاندا، يەكەندە جازالانغان ئەمەلدارلارنىڭ، ۋەقەدە قاتتىق قول بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇمشاققول بولغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى مەلۇم، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھاكىم ئەخەت سايىتنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى، ئۇنىڭ جازالىنىشىدا يەڭگىللىتىش ئەمەس، بەلكى ئېغىرلىتىش رولىنى ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخەت ھاكىمنىڭ ئوق چىقارماسلىقنى تەشەببۇس قىلغاندا، قايسى مەيداندا تۇرۇپ دېگەنلىكى، يەنى گۆرۈدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقان ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeken-weqesi-10092014160959.html

Share
1741 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.